تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ داۋامىدا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلىشى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2012-يىلى شۇ ۋاقتتىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى ۋە ھازىرقى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چوڭ بىر ئۆمەك بىلەن ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان ئىدى. ئۆتكەن بۇ 12 يىلدا، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسى ئىزچىل كۈچەيدى. ۋەھالەنكى، ئۇيغۇرلار يېقىنقى زامان تارىخىدىكى يەنە بىر زۇلمەتلىك دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزدى ۋە بۇ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالدى. بۇ سەۋەبتىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىگە قارىتا ئۇيغۇرلار ئىھتىياتچان پوزىتسىيدە بولدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈركىيەدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاممىۋى تاراتقۇلاردا كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار بۇ زىيارەتكە يا سۈكۈت قىلدى ياكى بولمىسا گۇمانىي نەزەر بىلەن سوئاللار قويدى.
خاقان فىدان 3-ئىيۇن كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈپ، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن خاقان فىدان، تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شەھىرى بولغان ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار، مەن ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرنى زىيارەت قىلماقچىمەن، بۇ ئىككى شەھەر خىتاينىڭ مەدەنىي بايلىقلىرىغا تۆھپە قوشقان ئىككى قەدىمىي تۈرك ۋە ئىسلام شەھىرىدۇر. خىتاي بىلەن تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناۋاتقان بۇ شەھەرلەر تارىخىي دوستلۇقىمىز ۋە قوشنىدارچىلىقىمىزنىڭ سىمۋوللىرىدۇر
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى(MIT)نىڭ سابىق باشلىقى، ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرگە مېڭىشتىن بۇرۇن بەرگەن باياناتى تۈركىيەدە قىزىق تېمىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىنى تۈرك-ئىسلام شەھەرلىرى دەپ ئاتىشى ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ توغرىلىق X دە بەرگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بېيجىڭدا بەرگەن باياناتىدا، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھىرىنىڭ تۈرك ۋە ئىسلام شەھىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى تارىخىي ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتتىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز. بىز ھۆرمەتلىك خاقان فىداننىڭ خىتايغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى جەريانىدا، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. خاقان فىدان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ئۆمىكىنىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ۋاسىتە بولۇپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.»
تۈركىيەدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خاقان فىداننىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن بۇرۇن بايانات ئىلان قىلىپ، ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان. ئۇ بۇ زىيارىتى بىلەن تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە بارغان بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنڭ قەبرىسىنىمۇ زىيارەت قىلغان.
«كۈندىلىك ساباھ» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە نوغاي مەسچىتى ۋە خەلقئارا چوڭ بازارغا بارغاندا بۇ جايدىكى كۆرگەزمە زالىنى، پارچە سېتىش دۇكانلىرىنى، يېمەك-ئىچمەك بوتكىلىرىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى كۆرگەن.
ھالبۇكى تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى (TRT) نىڭ بۇ ھەقتىكى ۋىدىيو خەۋىرىگە قارىغاندا خاقان فىدان بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا بۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇن تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرگەندەك توپ-توپ ئۇيغۇرلارنى ياكى سېتىقچىلارنى كۆرمىگەن. ئەكسىچە ئادەمسىز كوچىلار، شالاڭ خېرىدارلىق دۇكانلار ۋە ئۆزى بىلەن ئۇچراشقان ھۆكۈمەت خادىملىرى زىيارەتتىكى ئاساسلىق مەزمۇن بولۇپ قالغان.
شۇ كۈنى خاقان فىدان يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز ۋە پارتىيە سېكرېتارى ما شىڭرۇي بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە ما شىڭرۇي نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتىكى «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى»، «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتى»، شۇنىڭدەك «مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا ئىقتىسادى جەھەتتە قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى» ھەققىدە ۋەز ئېيتقان. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتايغا توشۇلۇپ كېتىلىۋاتقان غايەت زور نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە باشقا بايلىقلار ھەققىدە سۆز قىلمىغان. خاقان فىدان بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ «بۇ جايدىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن مەمنۇن بولغانلىقى، شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەت ۋە تىللارنىڭ ياخشى ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكى»، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدىن تېخىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى يۈكسىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىر ئىپادىسى 2023-يىلى چېڭدۇ شەھرىدە تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى تۆتىنچى كونسۇلخانىنى تەسىس قىلىشىدا ئەكس ئەتكەن.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 3-ئىيۇن كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. چېن ۋېنچىڭ-5ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس قاتارلىق جايلاردا خىزمەت تەكشۈرگەندە، رايوندا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى «دائىملاشتۇرۇش» ۋە «نورماللاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.
2024-يىلى 6-ئىيۇن