بېخىللىق كېسەللىكتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

خۇشاللىق بېغىشلاشتىن كېلىدۇ

غەربنىڭ ۋە شەرقنىڭ پەيلاسوپلىرى قەدىمدىن تاھازىرغىچە كۆپ نەرسىلەردە ئىختىلاپلاشقان، ھەتتا ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلۇقىدىمۇ ئىختىلاپلاشقان، ئەمما بىرلا نەرسىدە ھەممىسى بىرلىككە كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ، «ئەڭ چوڭ خۇشاللىق بېغىشلاشتىن كېلىدۇ» دېگەن ھەقىقەتتۇر.

باشقىلارغا بېرەلىگەن، بېغىشلىيالىغان ۋە خۇشال قىلالىغان ئىنسان ھەقىقەتەن بەختلىك ئىنساندۇر. چۈنكى، ئالغاندىكى خۇشاللىق ۋاقىتلىق بولۇپ، ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ، ئەمما بەرگەندىكى خۇشاللىق داۋاملىشىدۇ ۋە بەرگۈچىدىمۇ، ئالغۇچىدىمۇ ئۇنتۇلمايدىغان ئىزلارنى قالدۇرىدۇ. كۇرىيەدە مەلۇم بىر گۈل سېتىش دوكىنىنىڭ خوجايىنى خېرىدارلار بۇيرۇتقان گۈللەرنى ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئۆزى گۈل توشۇيدىكەن. بىر كۈنى ئىشچىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭدىن «خۇجايىن! بىز يەتكۈزۈپ بەرسەكمۇ بولمامدۇ؟ سىز نېمانچە جاپا تارتىسىز گۈل توشۇپ؟» دەپ سورايدۇ. خوجايىن: «جاپا تارتىپ دېدىڭىزمۇ؟ جاپا تارتمىسا ھالاۋەت بولامدۇ؟ مەن گۈللەرنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بەرگەن ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ چېھرىدە بارلىغان خۇشاللىق ۋە سائادەتتىن بەھرىمە بولۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن. چۈنكى، مەن ھەر قېتىم خېرىدارلارنىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىقنى كۆرگىنىمدە ئۆزۈمدە چەكسىز سائادەت ھېس قىلىمەن» دەيدۇ.

بىر باي خۇشاللىق ئىزدەپ ھەممىنى قىلىپ باقىدۇ، دۇنيانى ساياھەت قىلىدۇ، ھەرەمگە بارىدۇ، يوقسۇللارغا ياردەم تارقىتىدۇ، مۇساپىرلارنى مېھمان قىلىدۇ، ھەتتا ئەقلىگە كەلگەن ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ باقىدۇ، ئەمما ئۆزىدە خۇشاللىق ياكى ئازراقمۇ سائادەت ھېس قىلالمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر دوستى ئۇنىڭ غەمكىن ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «ئاداش سەن خۇشاللىق ئۈچۈن ھەممىنى قىلىپ باققان بولساڭمۇ يەنىلا ھالىڭ ئۆزگەرمىدى. ‹بېغىشلاشتا خۇشاللىق بار› دەيدىگەن. ئەگەر خالىساڭلار، پالانى مەھەللىدىكى مېيىپ بالىلار مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى ئېلىپ بەرسەك قانداق؟» دەيدۇ. باي بۇ تەكلىپكە ماقۇل كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېيىپ بالىلارغا بىرەردىن ھارۋا ۋە كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى باي ئۆز قولى بىلەن تارقىتىدۇ. باي ئەمدىلا قايتىشقا ئىنتىلىپ تۇرغىنىدا، بىر بالا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، چىرايىغا سىنچىلاپ قاراپ تۇرىدۇ. باي: «بالام! بىرەر ھاجىتىڭ بارمىدى؟» دەپ سورىغاندا، بالا: «ياق، ئەپەندىم، بىزنىڭ ھاجەتلىرىمىزنى سىز راۋا قىلدىڭىز، قىيامەت كۈنى رەببىمگە سىزنىڭ بىزگە ياردەم قىلغانلىقىڭىزنى دەيمەن. شۇڭا سىزنى ئوبدانراق تۇنۇۋالاي دېگەن ئىدىم» دەيدۇ. باي شۇ چاغدا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ ۋە «ھازىر مەن ھاياتىمىدىكى ئەڭ خۇشاللىق لەھزىلىرىمنى ياشاۋاتىمەن، بارلىق يۈكلىرىم يەڭگىللەپ قالدى. مۇشۇ لەھزىدىكى خۇشاللىقىم ئۈچۈن پۈتۈن بايلىقىمنى ئاتاشقا رازى ئىدىم» دەيدۇ.

باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئۇنى ئۆزىگە قىلغان بولىدۇ

بىز بېرىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ياخشىلىق قىلغان بولىمىز. چۈنكى، بېرىشتىن ۋە بېغىشلاشتىن كېلىدىغان سائادەتنى ئاۋۋال مۇشۇ دۇنيادا ياشايمىز، ئۇنىڭ پايدىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆرىمىز. ﴿ وَمَنْ يَشْكُرْ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ﴾ « كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، پەقەت ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر» . يەنى كىمكى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق نېمەتنىڭ شۈكرىسىنى ئادا قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىپ، ئۆزىگە زىيان سالغان بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى شۇكى، بەرگەن ۋە بېغىشلىغان ئىنسان بۇ ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىدۇ، ئاندىن پۇل-مېلىدىن بەرگەن بولسا بەرىكەت تاپىدۇ، ئىلىمىدىن بەرگەن بولسا ئىلىمى زىيادىلىشىدۇ، ۋاقتىدىن بەرگەن بولسا غەنىيمەتلىك ۋاقىتلارغا ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئىنسان پۇل-مېلىغا بېخىللىق قىلسا، ئۇنىڭ بەرىكىتىنى كۆرەلمەيدۇ، ئىلىمىغا بېخىللىق قىلسا، ئىلىمىدىن مەرىپەت بۇلاقلىرىنى ئاچالمايدۇ، ۋاقتىغا ۋە ئۆمرىگە بېخىللىق قىلسا، ۋاقتىدىن ۋە ئۆمرىدىن كۆزلىگەن نەتىجىلەرنى قازىنالمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالاغا بېرىشكە بېخىللىق قىلغان ھەرقانداق نەرسە بەرىكەتسىزدۇر. مەسىلەن: ۋاقتىڭىزدىن دىن ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ياخشى ئىشلارغا ئازراق بولسىمۇ چىقىم قىلمىسىڭىز ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى شۇنداق بەرىكەتسىز قىلىۋېتىدۇكى، دوختوردا ساقلاش، ھەل بولمىغان ئىشىڭىزنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىش، ئاددىي بىر ئىشلارغىمۇ كۆپ ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىش دېگەندەك نەتىجىسىز ئىشلار بىلەن ۋاقتىڭىز سۇدەك ئېقىپ كېتىدۇ. ئاۋادا ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ۋاقتىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلسا، ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەتىجىلەرنى ۋە ئۇنتۇلماس ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز. ئىمام نەۋەۋى، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام غەززالىي قاتارلىق ئۆلىمالار ۋاقتىنى ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ تائالاغا ئاتاش ئارقىلىق يېرىم ئەسىرگە يەتمەيدىغان شۇ قىسقىغىنە ئۆمرى ئىچىدە تاقىيامەتكىچە ئوقۇلىدىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ئۆمرىنى ياراتتى.

بېرىش ۋە بېغىشلاش ھەممە تەل بولغان كىشىلەرنىڭلا ئىشى ئەمەس

خەير-ساخاۋەت قىلىش، موھتاجلارغا ياردەم قىلىش، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتىنى بېرىش بايلارنىڭلا ئىشى بولمىغاندەك، كىشىلەرگە ياخشى – ياماننى بىلدۈرۈشمۇ دىندا توشقان ئالىملارنىڭلا ئىشى ئەمەس، شۇنىڭدەك، ۋەتەننىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ دەۋاسىنى قىلىش تەشكىلاتلارنىڭلا ياكى مەلۇم كىشىلەرنىڭلا ئىشى ئەمەس، بەلكى يوقلۇقتا تۇرۇقلۇق بېرىش، ئاز بىر نەرسە بىلسىمۇ بىلدۈرۈشتىن ئايىماسلىق ۋە ۋاقتى قىس تۇرۇقلۇق دىن ۋە مىللەتكە بايدىلىق ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرىش ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ئىشىدۇر. شۇڭا بىز ئۆزىمىز موھتاج تۇرۇقلۇق بېرىشنى، ئاز نەرسە بىلسەكمۇ بىلدۈرۈشنى ۋە ۋاقتىمىز يوق تۇرۇقلۇق ۋاقىت چىقىرىشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىۋالغان ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىمۇ شۇنىڭغا ئادەتلەندۈرگەن ۋاقتىمىزدا پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولالايمىز. كۆپ ھاللاردا باينىڭ بەرگىنىدىن ئۆز تۇرمۇشىنى ئاران قامداپ كېلىۋاتقان كىشىنىڭ بەرگىنى پەزىلەتلىك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، بەزىدە بىرەر ئۆلىمانىڭ ئۆگەتكىنىدىن ئاز بىر نەرسە بىلسىمۇ ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلىدىغان كىشىنىڭ ئۆگەتكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. بەزىدە ئىشى يوق، ۋاقتى كۆپ ئادەملەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىدىغان، ۋاقىتنى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ قىلغان ئىشلىرى غەلىبىلىك بولىدۇ. چۈنكى، ئىشى يوق، ۋاقتى كۆپ ئادەم ئەسلىدە ئىش قىلمايدىغان ئادەمدۇر. شۇڭا ئىش دۇنياسىدا «ئىشنى ئىشى كۆپ ئادەمگە تاپشۇرغىن» دەيدىغان پەلسەپە بار. چۈنكى، ئىشى كۆپ ئادەم ۋاقىتنىڭ ۋە ئىشنىڭ قىممىتىنى بىلىپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ھەمىشە ئۇتۇقلۇق بولىدۇ. دۇنيادا كاتتا نەتىجىلەرنى قازانغانلارنىڭ ھەممىسى ئىشى كۆپ، ۋاقتى قىس ئادەملەردۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىسلام دۇنياسىدا، «ئىشىم كۆپ، ۋاقتىم يوق» دەيغان بىر سەپسەتە بار. دۇنيادا ھەممە ئادەمنىڭ ئىشى بار، ھەتتا بىكار تەلەپلەرنىڭمۇ، تەييارغا ھەييارلارنىڭمۇ ئىشى بار. ۇ نمې ئىش دېگەندە، ئۇ بىكار تەلەپلىك ۋە ئىشلىمەي تەييارغا ھەييار بولۇش ئىشىدۇر. ئىشى يوق ئادەم گۆردىلا بار.

مۇھىمى، بىز يوقلۇقتا تۇرۇپ بېرىشنى، بىلگىنىمىزنى ئايىماسلىقنى ۋە ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىشنى، ئۆزىمىزنىڭلا ئەمەس، باشقلارنىڭمۇ غېمىنى يېيىشنى ئادەت قىلىۋالغان ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆگەتكەن ۋاقتىمىزدا ھەقىقىي ئىنسان بولالايمىز. چۈنكى، مۇسۇلمانلىقنىڭ يولى ئىنسانلىقتىن ئۆتىدۇ. ئىنسانلىق نۆللەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان «1» دېگەن رەقەم بولسا، قالغان پەزىلەتلەر ۋە ئارتۇقچىلىقلار نۆللەردۇر. «1» دېگەن رەقەم بولمىسا نۆللەرنىڭ ھەممىسى بىكاردۇر.

بېرىشكە مۇۋەپپەق بولۇش ئاللاھنىڭ ئىنئامىدۇر

باشقىلارغا بېرىش ۋە بېغىشلاش كاتتا نېمەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ قىلمايدۇ. شۇڭا بەزى ئادەملەر قارۇندەك بايلىقى بولسىمۇ بېغىشلىيالمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەرد، سېخىي ۋە پىداكار مىللەت بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئۆتمۈشلەردە تاپقىنى ئاز بولسىمۇ، ئۆزى يېمەي، ئىچمەي يىغىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن كاتتا ئىشلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. بۇنىڭدىن يۈز يىللار بۇرۇن مەككە ۋە مەدىنىگە بېرىش نېسىپ بولغان ئۇيغۇرلار تاپقان بۇلىغا ۋەقىپ بىنالىرىنى ئېلىپ قويغان بولۇپ، ھەربىر يۇرتتىن كەلگەنلەر مەككە، مەدىنە ۋە تائىف قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆز يۇرتلىرىنىڭ نامىدا ۋەقىپلەرنى تەسىس قىلىپ قويغان ئىكەن. بۇ ۋەقىپلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ يوقسۇللىرىمۇ ۋە بايلىرىمۇ پايدىلاندى، ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپ بەھرىمەن بولدى. ئۇلار ئاشۇ نامراتلىق، ئاشۇ يول ئازابى ۋە ئاشۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ئويلاپ، ئاللاھ يولىدا ۋەقىپلەرنى قالدۇرغان. ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا بۇرۇنقىلاردىن نەچچە مىڭ ھەسسە كۆپ بايلىققا ئىگە بولغان، شارائىتىمۇ تولۇق نۇرغۇن كىشىلەرگە بۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلىش نېسىپ بولمىدى.

مەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇش جەريانىمدا، دوستلىرىمدىن بىرىنىڭ خوتەندىن ھەجگە كەلگەن تاشچىلار (مىيونېرلار، ھەتتا مىلياردېر)دىن بەزىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا مىللىتىمىز ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ قويۇش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ «ماقۇل» دەپ قويۇپ قىلمىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەگەر ئۇلار بىرەر ۋەقىپ بىنا قىلىپ ياكى ۋەتەن ئۈچۈن بىرەر كاتتا خىزمەت قىلىپ قويايلى دېسە ئىدى، ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەيتتى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ بايلىقىغا نىسبەتەن بىرەر ۋەقىپ بىنا قىلىش دەريادىن بىرەر چېلەك سۇ ئالغاندەكلا ئىش ئىدى. لېكىن ئۇلار شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلمىدى، توغرىسى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ بېخىللىقى سەۋەبلىك بۇنداق ياخشى ئىشقا مۇۋەپپەق قىلمىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ بايلىقىنى پاك - پاكىز سوغۇرۇپ ئالدى ۋە ئۇلارنى بولسا تۈرمىلەردە، لاگىرلاردا نابۇت قىلدى.

يەنە مەككىدە مەن ۋەتەندىن بېرى ئوبدان بىلىدىغان ئىككى باي بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ پەرزەنتى يوق، پۇلى كۆپ، بىكارلىق تاماقنى ساقلاپ يېيىش سەۋەبلىك تولا دوختۇردا يېتىپ قالىدىغان، ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا بىرەر تىيىن چىقىم قىلىشتىن دوزاختىن قورققاندەك قورقىدىغان باي ئىدى، يەنە بىرى ئائىلىسى ۋەتەندە قالغان بولۇپ، پەرزەنتلىرىگە قەتئىي بەرمەيدىغان، مەككىدە ئالغان ئايالىغا بىر ناننىڭ پۇلىنى بېرىشكە چىدىمايدىغان، ھەتتا بىر رىيالغا بىر نان ئېلىپ كېلىپ، ئايالىغا ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ يېرىمىنى ئەتىگەندە، يەنە يېرىمىنى كەچتە يەيدىغان، بىكارلىق تاماق ئىزدەپ يۈرىدىغان باي ئىدى. (مەن بۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىشنى خالىمىدىم). ھەر ئىككىلىسى مەككىدىن بىنا ئالغان ۋە شۇ بىنالارنىڭ كىراسىنى يەپ ياتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى خارلىق ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆلدى. ئالدىنقىسىنىڭ جىنازىسى چۈشۈرۈلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كېپىلى (ئىقامىتىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت ئالدىدا كېپىل بولغان ئادەم) بىناسىنى ئېلىۋالدى. يەنى مەرھۇمنىڭ ئايالىنى چىقىرىۋېتىپ، بىناغا قولۇپ سېلىۋالدى ۋە ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى، چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىيىتىدە بىنا كېپىلنىڭ نامىدا ئىدى.

ئىككىنچىسى ئۆلگەن ھامان ئۇنىڭ كېپىلى تائىفتىن كىرىپ، ئۇنىڭ نامىزى ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن بىناغا قۇلۇپ سېلىۋالدى. بىرەر يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ۋەتەندىن كېلىپ، دادىسىنىڭ بىناسىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن، مەھكىمىگە ئەرز سۇندى. بۇنى ئاڭلىغان كېپىل ساقچىلارغا پۇل بېرىپ، ئۇ بالىنى ئولتۇرغان يېرىدىن سۆرەپ، ھەتتا كۆڭلەكچان ئېلىپ كېتىپ، بىر- ئىككى ھەپتە سولاپ قويۇپ ۋەتەنگە يولغا سېلىۋەتتى.

بۇ ئىككى بايغا مەككىدىكى دوستلىرىمدىن بىرى پۇل-مېلىدىن ۋەقىپ قىلىپ قويۇشىنى ياكى ۋەتەنگە پايدىلىق ئىشقا ئاتاپ قويۇشىنى ئېيتقاندا، ئۇلار ئۇنىمىغان ئىدى. بۇلار مەن شاھىت بولغان تراگېدىيەلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، خالاس. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلار توغرۇلۇق ﴿ وَمَنْ يَبْخَلْ فَإِنَّمَا يَبْخَلُ عَنْ نَفْسِهِ﴾ «كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، بېخىللىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ» دېگەن. ئايەتتىكى بېخىللىق پۇل-مال سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، ئۆزىنىڭ ئىلىمىگە ۋە ۋاقتىغا، ھەتتا تەبەسسۇمغا بېخىللىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بېخىللار ئەڭ ئەخمەق كىشىلەردۇر

چۈنكى بېخىللار ئۆزىنىڭ بولمىغاننى جېنىنى تىكىپ قوغدايدىغان، ئۇنىڭدىن تەقدىر قىلىنغاندىن باشقىسىنى يېيەلمەيدىغانلىقىنى ۋە تاپقانلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ھېساب بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھالال-ھارام دېمەي پۇل توپلايدىغان ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمايدىغان ئەخمەقلەردۇر. چۈنكى، رىزىق — بىزنىڭ تاپقانلىرىمىز ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ پايدىلانغانلىرىمىزدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ اللَّهُ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ لَهُ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ﴾ «ئاللاھ رىزىقنى بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىپ بېرىدۇ، (خالىغان كىشىگە) تار قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن سۆزى بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئۆلىمالار دەيدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلغانلىقى ئۇنى تاپقانلىرىدىن كەڭ پايدىلىنىشقا نېسىپ قىلغانلىقى، ئۇنىڭ رىزقىنى تار قىلغانلىقى تاپقانلىرىدىن ئۆز ئېھتىياجىغا تۇشلۇق پايدىلىنىشقا نېسىپ قىلغانلىقىدۇر. ئايەتنىڭ «ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن قىسمى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى ۋە ئۇلارغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، بەندە قانچىلىك كۆپ ئىشلىسۇن ۋە قانچىلىك كۆپ پۇل تاپسۇن، ئۇ بەرىبىر ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىر قىلغىنىدىن باشقىسىنى يېيەلمەيدۇ، ئىشلىتەلمەيدۇ.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ناھايىتى بېخىل بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ تاپقانلىرىدىن باشقىلارنى بەھرىمەن قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇب، ھەتتا ئۆزى ئىشلىتىشكىمۇ بېخىللىق قىلىدىكەن ۋە تاپقانلىرىنى ساقلايدىكەن، ھېچ چىقىم قىلمايدىكەن. بىر كۈنلەردە ئۇ «سېنىڭ بايلىقىڭنى ئىسكەندەرىيەدىكى ئەھمەد يەيدۇ» دەپ چۈش كۆرىدىكەن. دەسلەپتە ئۇ چۈشكە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىكەن. ئەمما بۇ چۈشنى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ كۈن كۆرگەندىن كېيىن بايلىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ بىر تاشنىڭ ئىچىنى ئۇيۇپ، يىغقان ئالتۇن، كۈمۈشلىرىنى ئۇنىڭ ئىچىگە سالىدىكەن. ئاندىن تاشنىڭ ئەتراپىنى رەڭلىك تاشلارنى چاپلاش بىلەن زىننەتلەپ دېڭىزغا تاشلايدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، بايلىقىمنى ھېچكىم يېيەلمەيدۇ، دېگەن ئىشەنچ بىلەن خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتىدىكەن. چۈنكى، ئۇ بايلىقىدىن يا ئۆزى ياكى باشقىلار پايدىلانمىغانلىقى ئۈچۈن تولىمۇ خاتىرجەم ئىكەن. بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ئۇ بېخىل ئادەمنىڭ سەپىرى ئىسكەندەرىيەگە چۈشۈپ قالىدىكەن ۋە شەھەر ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۆزى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن ھېلىقى تاشنى بىر دۇكاننىڭ ئۈستىدە كۆرۈپ ھەيران قالىدىكەن، ئاندىن دۇكانچىغا: «ئاۋۇ تاشنىڭ سىزدە نېمە ئىشى بار؟» دەيدىكەن. دۇكانچى «دېڭىزچىلار تېپىپ كەلگەن ئىكەن. قارىسام زىننەتلەنگەن چىرايلىق بىر تاش ئىكەن. شۇڭا ئۇنى سېتىۋېلىپ دۇكىنىمنىڭ ئۈستىگە ئورناشتۇرۇپ قويغان ئىدىم» دەيدىكەن. بېخىل دۇكانچىغا: «دەرھال ئۇنى چۈشۈرۈڭ» دەيدىكەن. دۇكانچى تاشنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، بېخىل تاشنى پارچىلاپ ئىچىدىكى ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى چىقىرىدىكەن. ئاندىن: «مەن ئاللاھنىڭ تەقسىماتىغا ئىشەندىم. بۇ بايلىق ماڭا نېسىپ بولمىدى، ئەسلىدە سىزنىڭ رىزقىڭىز ئىكەن» دەپ ئۇنىڭغا بېرىۋېتىدىكەن.

بېخىلنىڭ گېلىدىن ئۆزىنىڭكىسى ئۆتمەيدۇ

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئەما تىلەمچى بار بولۇپ، ئۇ تىلەمچىلىك قىلىپ پۇل يىغىدىكەن، ئەمما قەتئىي خەجلىمەيدىكەن، باشقىلار بەرگەن تائام بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. تاپقان پۇلىنى بىر مازارلىققا كۆمۈپ ساقلايدىكەن. بىر كۈنى بىر ئادەم ئۇنىڭ پۇل كۆمگەنلىكىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىدىكەن. تىلەمچى پۇلىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق داد- پەرياد قىلىدىكەن. ئەتىسى، ئۇنىڭ پۇلىنى ئېلىۋالغان ئادەم ئۇنى سىناش ئۈچۈن، يېنىغا كېلىپ ئۇنى ئاشخانىغا تەكلىپ قىلىدىكەن. تىلەمچىنىڭ ئالدىغا مېزىلىك تائاملار كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنى راسا يەپ تويۇنماقچى بولىدىكەن. تىلەمچى تائامنى ئېغىزىغا سېلىپ ئۇنى قەتئىي يۇتالمايدىكەن ۋە دەرھال ھېلىقى كىشىگە: «ھەي ئوغرى! پۇلۇمنى سەن ئوغرىلاپسەن، پۇلۇمنى بەر» دەپ ۋارقىراپ ئۇنىڭ گېلىدىن بوغىدىكەن. ھېلىقى ئادەم: «نېمە بولدى، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى كىم ئېلىۋاپتۇ؟» دېگەندە، تىلەمچى: «بۇ مېنىڭ پۇلۇمغا ئېلىنغان تائام ئىكەنغۇ، شۇڭا گېلىمدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ. چۈنكى مېنىڭ گېلىمدىن ئۆزۈمنىڭكىسى زادى ئۆتمەيدۇ-دە» دەيدىكەن.

ئاللاھ بېخىلنىڭكىنى قوبۇل قىلمايدۇ

ئاللاھ تائالا بېخىللىقنى ئادەت قىلىۋالغانلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىر كۈنى ئەنسارلاردىن سەئلەبە ئىبنى ھاتىب دېگەن كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، «يا رەسۇلۇللاھ! ماڭا ئاللاھنىڭ بايلىق بېرىشى ئۈچۈن بىر دۇئا قىلغان بولسىلىكەن» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت ساڭا، ئى سەئلەبە! كۆپكە شۈكۈر قىلالمىغاندىن كۆرە ئازغا شۈكۈر قىلىش ياخشى» دەيدۇ. سەئلەبە يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن كېلىپ، يەنە شۇ تەلەپنى تەكرارلايدۇ. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر تاغلارنىڭ ئالتۇن ۋە كۈمۈش بولۇشىنى تىلىسەم ئەلۋەتتە بولىدۇ» دەيدۇ. سەئلەبە بىر قانچە كۈندىن كېيىن، يەنە كېلىپ ئوخشاش تەلەپنى تەكرارلايدۇ ۋە «يا رەسۇلۇللاھ! ئۆزلىرىنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر ئاللاھ ماڭا پۇل- مال ئاتا قىلسا، بارلىق ئېھتىياج ئىگىلىرىگە تېگىشلىكىنى بېرىمەن» دەيدۇ. بۇ چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا پۇل-مال ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سەئلەبەنىڭ پۇل-مېلى كۆپىيىشكە باشلايدۇ، نۇرغۇن چارۋىلىرى بولىدۇ. ئۇ دەسلەپتە پېشىن ۋە ئەسىر نامازلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئوقۇپ، قالغان نامازلارنى چارۋىلىرىنىڭ يېنىدا ئوقۇيتتى. كېيىنچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا جۈمەدىن باشقا نامازلارنى ئوقۇمايدىغان بولىدۇ. چارۋىلىرى كۆپەيگەنسېرى جۈمەنىمۇ ئوقۇمايدىغان، جامائەتكىمۇ يولىمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەئلەبە نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: «ئۇ بەك باي بولۇپ كەتتى، چارۋىلىرى ۋادىغا پاتماي قالدى» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت سەئلەبەگە! ئىسىت سەئلەبەگە! ئىسىت سەئلەبەگە!» دەيدۇ.

كېيىنچە، زاكات پەرز بولۇپ، ﴿ خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن» دېگەن ئايەت نازىل بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاكات توپلاشقا ئىككى ئادەمنى ئەتىدۇ ۋە «سەئلەنىڭ ۋە بەنى سۇلەيم قەبىلىسىدىكى پالانى ئادەمنىڭمۇ يېنىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. ئۇلار سەئلەبەنىڭ يېنىغا بېرىپ، زاكات بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، سەئلەبە: «بۇ جىزىيەنىڭ ئۆزى ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر سېلىق ئىكەنغۇ! بولدى، مەن پۇل-مېلىمنى يىغىپ بولغاندا كېلىڭلار» دەيدۇ ۋە زاكاتنى بەرمەيدۇ. ئۇلار بەنى سۇلەيم قەبىلىسىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ زاكىتىنى يىغىدۇ. ئاندىن ئۇلار سەئلەبەنىڭ يېنىغا يەنە بارىدۇ. بۇ قېتىم سەئلەبە: «بۇ بىر جىزىيە ياكى جىزىيەگە ئوخشايدىغان بىر سېلىق ئىكەن. سىلەر قايتىڭلار، مەن ئويلاپ كۆرەي» دەپ زاكاتنى يەنە بەرمەيدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەھۋالنى بايان قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇلەيم قەبىلىسىدىكى ئادەمگە بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، سەئلەبە ئۈچۈن «ئىسىت ساڭا، ئى سەئلەبە!» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلىدۇ: ﴿ وَمِنْهُمْ مَنْ عَاهَدَ اللَّهَ لَئِنْ آَتَانَا مِنْ فَضْلِهِ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ الصَّالِحِينَ . فَلَمَّا آَتَاهُمْ مِنْ فَضْلِهِ بَخِلُوا بِهِ وَتَوَلَّوْا وَهُمْ مُعْرِضُونَ . فَأَعْقَبَهُمْ نِفَاقًا فِي قُلُوبِهِمْ إِلَى يَوْمِ يَلْقَوْنَهُ بِمَا أَخْلَفُوا اللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ﴾ « ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەزىلەر: ‹ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن (بايلىق) ئاتا قىلسا، بىز ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق› دەپ ئاللاھقا ۋەدە بەردى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن (بايلىق) ئاتا قىلغان چاغدا، ئۇلار بېخىللىق قىلىشتى، (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈپ (ۋەدىسىدىن) يېنىۋالدى. ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز دەپ) ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، (ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ) يالغانچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىدىغان (قىيامەت) كۈنىگە قەدەر ئۇلارنىڭ دىللىرىغا مۇناپىقلىقنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (قىلمىشىنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى» .

بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن، سەئلەبەنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھەققىدە ئايەت نازىل بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەئلەبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، زاكات بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەيدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھ مېنى سېنىڭ زاكىتىڭنى قوبۇل قىلىشتىن مەنئى قىلدى» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر سەئلەبەنىڭ زاكىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ، كېيىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە، سەئلەبە زاكىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قوبۇل قىلمايدۇ ۋە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوبۇل قىلمىغاننى مەن قانداق قوبۇل قىلاي؟» دەيدۇ. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق دەپ قوبۇل قىلمايدۇ. سەئلەبە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ زاكىتىنى ھېچبىر خەلىپە قوبۇل قىلمايدۇ . بۇ يەردە قۇرئان كەرىمنىڭ بىر مۆجىزىسى نامايان بولماقتا. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمىغاننى ھېچكىمنىڭ قوبۇل قىلمىغانلىقىدۇر.

(مۇھەممەد يۈسۈپ ئۇستازنىڭ فېسبۇك ھېسابىدىن ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىندى)

2024-يىلى 18-ئىيۇن