تۈركىيە ۋە مالايسىيانىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە قوشۇلۇشتىكى يېقىنقى تىرىشچانلىقى بۇ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يەرشارى تەسىرىنى گەۋدىلەندۈردى ۋە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. تۆۋەندە بۇ تەشكلاتنى، قۇرۇلۇش مەقسىتى، مېخانىزمى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز.
قۇرۇلۇشى ۋە ئورنى
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىرازىلىيە، روسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق بەش چوڭ گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ ئىنگىلىزچە دۆلەت ناملىرىنىڭ باش ھەرپىنىڭ قىسقارتىلمىسى. BRIC دېگەن بۇ ئاتالغۇنى گولدمان ساچىس پۇل-مۇئامىلە گوروھىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى جىم ئونېل (Jim O'Neill ) تۇنجى بولۇپ 2001-يىلى ئىجاد قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى گەۋدىلەندۈرگەن. تۇنجى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى 2009-يىلى ئېچىلغان بولۇپ بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا 2010-يىلى بۇ گۇرۇپپىغا قوشۇلغان. بۇنىڭ بىلەن بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت نامىنىڭ باش ھەرىپىمۇ قوشۇلۇپ BRICS بولغان. بۇ دۆلەتلەر نوپۇسى، يەر مەيدانى ۋە ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيانىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئورتاق ۋەكىللىك قىلىدۇ.
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تۇنجى رەسمىي باشلىقلار يىغىنى 2009-يىلى روسىيەنىڭ يېكاتېرىنبۇرگدا ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىشى ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ۋە سىياسىي ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلىپ، 21-ئەسىردىكى رېئاللىقنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئۆز-ئارا تەرەققىياتنى قوللاشنى مەركەز قىلغان.
تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئورتاق تىرىشىپ، سىجىل تەرەققىياتقا پايدىلىق تىنچ خەلقئارا مۇھىت بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق: ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش.
يەر شارى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى قاتارلىق يەر شارىنى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىدىكى ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋەكىللىك قىلىش.
ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات: ئەزا دۆلەتلەر ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەت
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئورگانلىرى بىلەن مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ. ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يەنە غەرب رەھبەرلىكىدىكى دۇنياۋى ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسى (NDB) غا ئوخشاش تاللاشلارنى ئورنىتىپ، غەربنىڭ تەسىرىدىن مۇستەقىل ھالدا تەرەققىيات تۈرلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى.
ھەربىي ئامىللار
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي گۇرۇپپا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئامىللىرى بار. بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
مۇداپىئە دىئالوگى: دائىملىق مۇداپىئە دىئالوگى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىق.
بىرلەشمە مانېۋىر: بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىش ۋە ھەربىي تېخنىكىنى ئورتاقلىشىش، بولۇپمۇ خىتاي، روسىيە ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا.
تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش: تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقى ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش.
قانداقلا بولمىسۇن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەربىي ئىتتىپاق ئەمەس، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش كوللېكتىپ مۇداپىئە مېخانىزمى يوق. بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەربىي ماسلىشىشنى ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە سىياسىي سۆزلىشىشنى ئاساس قىلىدۇ.
تۈركىيە ۋە مالايسىيانىڭ قوشۇلۇش ئارزۇسى
تۈركىيە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان يەرشارى ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 2018-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا چاقىرىلغان باشلىقلار يغىنىغا مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاكان فىداننىڭ يېقىنقى دىپلوماتىك ئالاقىسى تۈركىيەنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن تېخىمۇ قويۇق ماسلىشىش ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئىزدەۋاتىدۇ. بۇ قىزىقىش تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ۋە غەرب ئورگانلىرىغا تايىنىشنى ئازايتىش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
خاقان فىدان بۇ ئاي ئىچىدە خىتاي ۋە روسىيەدە زىيارەتتە بولدى. روسىيە زىيارىتىدە پۇتىن تۈركىيەنىڭ بۇ گۇرۇپپىغا قاتنىشىشنى «پۈتۈنلەي قوللايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم دەۋرىدە مالايسىيامۇ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ مالايسىيانىڭ يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئىزىنى ئاشۇرۇش ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات مالىيە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىشتىكى تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى. خەۋەر قىلىنىشىچە، مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم 18-ئىيۇن خىتاي ئاخبارات تاراتقۇسى گۇەنچانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا بۇ گۇرۇپپىغا قاتنىشىش مۇساپىسىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار
كۆپ خىل ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۈزۈلمە:
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىقتىسادىدىن ھىندىستاننىڭ ئارىلاشما ئىقتىسادى ۋە بىرازىلىيەنىڭ بازارنى ئاساس قىلىش سىستېمىسىغىچە بولغان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسى كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ.
جۇغراپىيىلىك سىياسىي جىددىيلىك
ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى جۇغراپىيىلىك سىياسىي توقۇنۇشلار زور توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چېگرا ماجىراسى پات-پات كۈچىيىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىققا تەسىر كۆرسەتتى.
ئىقتىسادىي پەرق
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىپادىسى ۋە تەرەققىيات سەۋىيىسى ئوخشىمايدۇ. خىتاي ۋە ھىندىستان ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بىرازىلىيە، روسىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا ۋە ئىقتىسادنىڭ داۋالغۇشىغا دۇچ كەلدى. بۇ ئوخشىماسلىق تەسىردە تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىپ، كوللىكتىپ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىگە توسالغۇ بولىدۇ.
ئورگان ئاجىزلىقى
باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئوخشىمايدىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەسمىي تۈزۈم قۇرۇلمىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش ۋە يولغا قويۇشنىڭ ئېنىق مېخانىزمى كەمچىل. بۇ تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئاستا بولۇشى ۋە ئورتاق تەشەببۇسلارنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشتا قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاشقى بېسىم
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قۇرۇلغان دۇنياۋى كۈچلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ كۆرۈنەرلىك تاشقى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. غەرب پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ باشقا پۇل-مۇئامىلە مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە غەربنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىغا تايىنىشنى ئازايتىش تىرىشچانلىقىغا خىرىس قىلدى.
2024-يىلى 18-ئىيۇن