كانادانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئۆتكەن ھەپتە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 23-ئىيۇن يەكشەنبە ئىلان قىلغان بىر باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېنىفېر مېي (Jennifer May) 19-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى يەرلىك ئەمەلدارلارغا بىۋاستە يەتكۈزگەن.
2024-يىلى 23-ئىيۇن - ئونتارىيو ئوتتاۋا - كانادا يەرشارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى
كانادا يەرشارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۈگۈن كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېننىفېر ميينىڭ 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قىلغان زىيارىتى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بايانات ئېلان قىلدى:
«باش ئەلچى مېينىڭ شىنجاڭدىكى زىيارىتى كانادانىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى شىنجاڭ رەھبەرلىكىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش پۇرسىتى سۈپىتىدە خىزمەت قىلدى.
«باش ئەلچى مېي زىيارىتى جەريانىدا شىنجاڭ پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە شىنجاڭ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
«باش ئەلچى مېي شىنجاڭدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى ئىشەنچىلىك دوكلاتلار، جۈملىدىن ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى ئوتتۇرىغا قويغان دوكلاتلار ھەققىدىكى ئەندىشسىنى ئىپادىلىدى. ئۇ كانادانىڭ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياتالىق مەكتەپلەرگە زورلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«باش ئەلچى ماي يەنە كانادانىڭ خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رايونلىرىغا چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
«كانادا يەرشارى ئىشلىرى بۇ زىيارەتتىن ئىلگىرى ئاساسلىق دىئاسپورا ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى ئالاقىدار تەرەپلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشتى».