ئەسىرگە سوزۇلغان ۋەتەنسىزلىك (غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى) 4-قىسىم

1950-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا تۈركىيەدىن ئايرىلىپ، غەربىي گېرمانىيەگە بارغان ياش غۇلامىدىن پاختا بىرقانچە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ميۇنخېندىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان «ئازادلىق رادىيوسى» دا يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدۇ. غۇلامىدىن پاختانىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ «تۈركىستان-1» بۆلۈمىدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش دەسلەپكى ھەپتىدە 5 مىنۇتلۇق ئاڭلىتىشتىن كېيىنچە 15 مىنۇتقا، ئاندىن يېرىم سائەتكە تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ خادىملىرىمۇ دەسلەپكى بىر كىشىدىن كۆپىيىپ، كېيىنچە پولات قادىرى تۇرپانى، ساتتار بۇلبۇل چوبانى، ئەركىن ئالپتېكىن، ئەنۋەرجان ۋە سائادەتخاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا كىشىگە ئايلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئېچىلغان ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە غەرب دۇنياسىدا ياڭرىغان تۇنجى ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىشى بولۇپ قالىدۇ.

1950-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىغا كەلگەندە غەربىي گېرمانىيەدە تەنھا ياشاۋاتقان ياش غۇلامىدىن پاختانىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدا مۇھەببەتلىك ئائىلە ھاياتىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلىدۇ. 1949-يىلىدىكى ھىجرەت سەپىرىدە كەشمىرنىڭ سىرىناگار شەھىرىدىكى سافايى كادال سارىغا يېقىن بىر بۇلاق بويىدا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان ئون نەچچە ياشلىق شەرقىي تۈركىستانلىق گۈزەل قىز گۈلنار، ئارىدىن ئون يىللار ئۆتكەندە غۇلامىدىن پاختانىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. تويدىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ گېرمانىيەگە قايتقان غۇلامىدىن پاختا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىگە ئاتلىنىدۇ…

 قۇتلان تەييارلىدى
2024.01.05

- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

2024-يىلى 26-ئىيۇن