ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ مۇسابىقە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك مىللىي كوماندىلىرىنى بىر مەيدانغا يىغىدۇ. 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى (Euro 2024) گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئىككى يىللىق بىر شاللاش مۇسابىقىسىدىن كېيىن تاللىنىپ چىققان 24 دۆلەت كوماندىسى ئالتە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە بۇ كوماندىلاردىن 16 كۈچلۈك كوماندا تاللاپ چىقىلىدۇ. ئارقىدىن بۇ كوماندىلار ئارىسىدىن 8 كوماندا تاللىنىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينايدۇ. ھازىر 16 كۈچلۈك كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
بۇ يىلقى مۇسابىقە، نۇرغۇن ياش پۇتبولچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز دۆلەت كوماندىلىرىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشى، بەزى داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىم مەيدانغا چۈشۈشى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى قاتارلىق يېڭىلىقلىرى بىلەن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. گەرچە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى ۋە مىللىي كوماندىسى بولمىسىمۇ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار باشقا دۇنيا مىللەتلىرىگە ئوخشاش بۇ مۇسابىقىنى زور قىزىقىش بىلەن كۆردى ۋە كۆزەتتى.
بۇ يىلقى مۇسابىقىگە تۈركىيەدىن ئاردا گۈلەر، ئىسپانىيەدىن لامىن يامال، گېرمانىيەدىن جامال مۇسيالا ۋە ئەنگىلىيەدىن جۇد بەللىنگېم قاتارلىق يېڭى تونۇلۇۋاتقان ياش پۇتبولچىلار تۇنجى قېتىم قاتناشتى. 39 ياشلىق دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى كرىستىيانو رونالد 6-قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ رېكورت ياراتتى. كرودىيەلىك 38 ياشلىق پۇتبول چولپىنى لۇكا مودىرىچ بۇ مۇسابىقىدە توپ چۈشۈرگەن ئەڭ چوڭ ماھىر بولۇپ قالدى. تۇنجى قېتىم بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان گرۇزىيەنىڭ 16 كۈچلۈك ئارىسىغا كىرىشى كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇردى.
ئىسپانىيەنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان 19 ياشلىق تۈرك پۇتبول چولپىنى ئاردا گۈلەر ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، 2024-يىلى ئىيۇن.
ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان دۆلەت تۈركىيە 2008-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىدىن چىقىپ 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ياش پۇتبول چولپىنى ئاردا گۈلەر پۈتۈن تۈرك خەلقىگە ئىلھام بولدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ۋەكىللىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە پارلىشىغا بولغان ئۈمىدىنى كۈچەيتتى. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە تەنتەربىيە ۋە پۇتبول ساھەسىدە يۇقىرى پەللىگە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
تۈركىيەنىڭ مۇسابىقىلىرىدە ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل رەڭلىك تۈركىيە بايرىقىنىڭ ئارىسىدا كۆزگە چېلىقىپ قالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى مۇسابىقىگە دىققەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا چۆمدۈردى. گېرمانىيە شەھەرلىرىدە ھەر قايسى دۆلەتنىڭ پۇتبول مەستانىلىرى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ بايرىقى بىلەن كوچىلارنى تولدۇرغان ۋاقتلاردا، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىقىمۇ جەۋلان قىلدى. بۇ ۋەقەلەر ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ پەقەت تەنتەربىيە پائالىيىتىلا ئەمەس، بەلكى ھەر خىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش سەھنىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلغان تۈركىيە ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتى كوماندىلىرى ئارىسىدىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە كۆزگە چېلىققان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى.
خىتاي گەرچە كۈچلۈك پۇتبول دۆلىتى بولمىسىمۇ، بەزى خىتاي شىركەتلىرى ياۋروپا لوڭقىسىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. مەسىلەن، BYD شىركىتى مۇسابىقىنىڭ رەسمىي ھامىيلىرىدىن بىرى بولدى، ئۇنىڭ ئېلېكتىر ماشىنىلىرى مۇسابىقە مەيدانلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويۇلدى. AliPay بولسا رەقەملىك تۆلەش ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورناتتى، مۇسابىقە جەريانىدا ئۆزىنىڭ تۆلەش سىستېمىسىنى تەشۋىق قىلدى.
خىتاي پۇل تۆلەش سۇپىسى AliPay سەككىز يىللىق توختام ئىمزالاپ، 2018-يىلدىن 2026-يىلغىچە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ رەسمىي مەبلەغ سالغۇچىسى بولغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقىلەر 2020، 2024 يىللىردىكى ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ يىللىق مۇسابىقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىراق، بۇ شىركەتلەرنىڭ قاتنىشىشى خەلقئارادا بەزى تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم ۋە زۇلۇمغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەھۋال خەلقئارادا چوڭ مۇنازىرە قوزغىدى ۋە بەزى تاماشىبىنلارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇ ۋەزىيەت، دۇنياۋى سپورت پائالىيەتلىرى بىلەن سىياسەت ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىپ بەردى. بىر تەرەپتىن پۇتبول دۇنيانى بىرلەشتۈرۈش رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ خەلقئارالىق مۇنازىرە ۋە كۈچ سىناشنىڭ سەھنىسىگە ئايلانماقتا.
-دىلشات سۇلتان
2024-يىلى 30-ئىيۇن