ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر تەۋسىيەلەر توغرىسىدا بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
ھىلارى پاۋېر (Hilary Power)
ب د ت جەنۋە مۇدىرى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بۈگۈن ئاخىرلاشقان ۋە دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بىر-بىرلەپ قاراپ چىقىدىغان ئۇنىۋېرسال قەرەللىك قاراپ چىقىش جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت)، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە خىتاي قۇرۇقلۇقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئېنىق دەلىللەنگەن ئىسپاتلىرى ئالدىدا ئومۇمىي ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەدە بولدى ۋە بۇنداق زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىشكە قارىتا تەۋسىيەلەرنى رەت قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ 2022-يىلىدىكى شىنجاڭ توغرىسىدا چىققان تارىخىي دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى. بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلگەن زۇلۇملارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دەلىل-پاكىتلىق دوكلاتنى "قانۇنسىز ۋە قۇرۇق" دەپ رەت قىلدى.
ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئۈستىدىكى ئەتراپلىق ھەل قىلىش چارىسىنى تامامەن رەت قىلىش ھەيران قالارلىق بىر ئىش ئەمەس، لېكىن بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرگە چوڭ بىر ئەندىشە ئۇيغۇتۇشى كېرەك.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا ئېغىر ئەندىشىلەرگىمۇ مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيەسىدە بولدى. بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارشى ئۆچ ئېلىشنى توختىتىش، خوڭكوڭدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە توختىتىش، شۇنداقلا خالىغانچە بالا چۈشۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىش ۋە ئاھالىلەرنى نازارەت قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەرنى رەت قىلدى.
بىراق، (خىتاينى) تەنقىد قىلمايدىغان، لېكىن ھوقۇقلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر قانچە ۋاستىلىك تەۋسىيەلەر قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە گامبىيە ئوتتۇرىغا قويغان "مەدەنىي ئۆزلۈكىنى ساقلاشنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئىتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى كۈچەيتىش" تەۋسىيەسى، ھىندونېزىيە سۇنغان "دىنىي ئەركىنلىك ياكى ئىشەنچنى قوغداشنى كۈچەيتىش" تەۋسىيەسى ۋە ئېستونىيەنىڭ "مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ ھەممە ئەزالىرىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە قارشىلىق قىلىنىشتىن قورقماي خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقلىرى مېخانىزملىرى بىلەن ئەركىن ھەمكارلىشىشىنى قوللاش" تەۋسىيەسى بار.
بۇ دۆلەتلەر مەزكۇر تەۋسىيەلەرنى كۆزىتىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈچۈن بېسىم چۈشۈرۈشى كېرەك، لېكىن بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى قارشى يۆنىلىشتە ئۆزگەرتكەنلىك بولىدۇ.
قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەمدى كۈچلۈك ئورتاق ئىز قوغلاش ۋاقتى كەلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى 2022-يىللىق دوكلاتىدىن كېيىن تەخمىنەن ئىككى يىل ئۆتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارى ۋولكېر تۈرك دوكلاتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئاشكارا ئۇچۇر بېرىشى كېرەك. ئۇ تىبەتتىكى ئەھۋالنىڭ يامانلىشىشى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ئاشكارە قىلىشى كېرەك.
ھەرقايسى رايونلاردىكى دۆلەتلەر بىرلىكتە تىرىشىپ، ب د ت نىڭ 50 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەكلىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، بۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ۋە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈپ، ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى دوكلات قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بارلىق ھۆكۈمەتلەرگە شۇنىسى ئېنىق بولۇشى كېرەك: ھەر قانداق بىر دۆلەت ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ خەلقئارا قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس.
2024-يىلى 8-ئىيۇل