يېڭى يىل شۈكۈر قىلىش ۋە ئۆز - ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش ۋاقتىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ، 2024-يىلى 9-ئىيۇل
 
ھىجرىيە يىلنامىسى
 
ھىجرىيە يىلنامىسى ئەرەبلەرنىڭ يىل، ئاي ۋە كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ھىجرەت (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە كۆچ قىلغان) يىلىنى بىرىنچى يىل قىلغان ئىسلام يىلنامىسىدۇر.
 
ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى
 
ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام نۇرى پارلاشقا باشلاپ، ئىسلام دەۋىتى ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملەنگەن ھەمدە ئىسلام دەۋىتى چەت دۆلەتلەرگىچە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، دۇنيادا ئەڭ زور نوپۇزغا ئىگە بولغان ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە خاس رامىزان، ھەج ۋە باشقىمۇ ئىبادەتلەرنىڭ، دىنيى پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلايدىغان، ۋەقەلىكلەرنى خاتىرىلەيدىغان، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئورتاق قوللىنىدىغان مەخسۇس ئىسلامىي يىلنامىسى بولۇشى لازىملىقى ھېس قىلىنغان ۋە بۇ پىكىر رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
 
ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ تاللىنىشى
 
ئىسلام يىلنامىسىدا قايسى ۋاقىتنى يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى قىلىش مەسىلىسىدە تۈرلۈك لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 571- يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ يىل بېشى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغان 610- يىلنى يىل بېشى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان 622- يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى بۇ پىكىر قوبۇل قىلىنغان.
 
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىق ۋەقەسى ئىسلام تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇشنى ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ ۋەقە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان يىلىنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش ۋە بۇ يىلنامىنىڭ نامىنى «ھىجرىيە» دەپ ئاتاش پۈتۈن مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قارار قىلىنغان. ھىجرىيە يىلنامىسى 639- يىلىدىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانلار دىن ۋە دۇنيالىق پۈتۈن ئىشلىرىدا ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا ئۆتكەن.
 
ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا ئۆتۈشى
 
ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا ئۆتۈش تارىخى ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلىرىغا بېرىپ يېتىدۇ. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىسلاملاشتۇرۇپ ۋە كېيىنچە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھىجرىيە يىلنامىسى پۈتۈن سىستېمىسى بويىچە ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى يىلنامىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەر ھەم دىنغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئىشلار، شۇنداقلا تۇرمۇش ساھەلىرىدىمۇ بۇ ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلىدىغان بولغان. ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئالىملار – تارىخچىلار، تىلشۇناسلار، ئەدىبلەر، پەيلاسوپلار، تىۋىپلار، نەغمە – سەنئەتچىلەرمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋاقىتنى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچە بايان قىلىدىغان بولغان. پەقەت يېقىنقى زامانغا كەلگەندىلا، مىلادىيە يىلنامىسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، دىنىي ساھەلەردە، بولۇپمۇ رامىزان ۋە ھېيت – ئايەملەرنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشتا، يەنىلا ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلماقتا.
 
يېڭى يىل شۈكۈر قىلىش ۋاقتىدۇر
 
نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى يىل كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېڭى يىلدا خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئىش بولسا، دەل ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئۆمۈر بېرىپ، تېنىمىزنى سالامەت قىلىپ، بىزنى مۇشۇ يېڭى يىلغا يەتكۈزگەنلىكىدۇر. بۇنىڭغا خۇشال بولۇشىمىز ۋە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشىمىز بىزنىڭ مىننەتدارلىق بۇرچىمىزدۇر.
 
يېڭى يىلدا مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىشىدۇر. چۈنكى ئەسلىدە يېڭى يىلنىڭ كىرگەنلىكى بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ساق – سالامەت مۇشۇ كۈنگىچە ياشىغانلىقىمىزغا خۇشال بولۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاللاھ تائالانى رازى قىلغۇدەك ۋە ئۆزىمىزنى خۇشال قىلغۇدەك قانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلدۇق، بۇ يىل ئىچىدە قانداق يامان ئىشلارنى قىلدۇق ۋە قانداق كەمچىلىكلەرنى سادىر قىلدۇق؟ بۇلارنى ئەقلىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياخشى قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن خۇشاللىنىپ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشىمىز، يامان قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى يېڭى يىل كىردى دېگەنلىك ئۆمرىمىزدىن بىر يىل قىسقاردى، ئەجىلىمىز بىر يىل يېقىنلاشتى دېگەنلىكتۇر.
 
يېڭى يىل بۇ تەرەپتىن ئېيتقاندا خۇشاللىق ئەمەس، ئۆزىنى سىلكىش، غەپلەتتىن ئويغىنىش پەيتىدۇر.
 
يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللارنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللارنى مەنىلىك ۋە نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بەل باغلاش پەيتىدۇ.
 
يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللاردا ئاللاھ تائالانى رازى قىلغۇدەك، ئىنسانلارنى مەمنۇن قىلغۇدەك، ۋىجدانىمىزنى راھەتلەندۈرگۈدەك ياخشى ئىشلارنى قىلالمىغان بولسا، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىشلارنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۇن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ۋەدە بېرىش پەيتىدۇر.
 
يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللاردا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ، خىزمەتداشلارنىڭ، قوشنىلارنىڭ ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ۋە ئۇلارغا ئۇنتۇلماس خۇشاللىقلارنى تەقدىم قىلالمىغان بولسا، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن نىيەت قىلىش پەيتىدۇر.
 
يېڭى يىل ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب ئالىدىغان ۋە ئۆزىمىزگە باھا بېرىدىغان ۋاقىتتۇر. ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب ئېلىپ، كەمچىل تەرەپلىرىمىزنى تولۇقلاپ، گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىپ تۇرساق، بىزنىڭ يۈكىمىز يەڭگىللىشىپ قالىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىشىمىزمۇ ئوڭايلىشىدۇ.
 
بۇرۇنقى ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ، ئۆمۈرنىڭ قەدرىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ھېچبىر سائىتىنىڭ مەنىسىز، ساۋابلىق ئەمەلسىز ئۆتۈپ كېتىشىگە قەتئىي رازى بولمايدىكەن. ئەللامە ھەسەن ئەل بەسرى «بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى ۋە ۋاقتىنى ئالتۇن –كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىك بىلىدۇ» دېگەن ئىكەن.
 
يېڭى يىلدا ھاياتىڭىزمۇ يېڭىلانسۇن
 
دۇنيادا كۆپلىگەن نەرسە ئۆزلىكىدىن يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. كۈنلەر، پەسىللەر، دەل_دەرەخلەر ۋە باشقىلار تۇرماستىن ئۆزگىرىپ ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. پەقەت ئىنسان ھاياتىلا تىرىشچانلىق بولماستىن ئۆزلىكىدىن يېڭىلانمايدۇ ۋە ئۆزگەرمەيدۇ.
 
ئىسلام مۇتەپەككۇر ئەللامە مۇھەممەد غەززالى «ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىنسان ئۆز ھاياتىدا يېڭى بىر بەت ئېچىشنى خالايدۇ. ئەمما تولىراق بۇ يېڭىلىقنى ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى ياكى باشقا بىر جايغا يۆتكىلىشى دېگەندەك مەجھۇل ۋاقىتلارغا تاپشۇرۇپ قويۇپ ئۇنى كۈتىدۇ. بەزىسى بۇ يېڭىلىقنى مەلۇم بىر پەسىلگە ياكى تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇئەييەن كۈنگە ياكى يېڭى يىلنىڭ كىرىشىگە باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈن ئۆتىدۇ، ۋاقىت ئۆتىدۇ. كۆپ ھاللاردا بۇ ھاياجان يوقاپ كېتىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق كىچىكتۈرۈش ئارقىلىق گويا غەيبتىن بىر كۈچ كېلىپ ئۇنى بىر دەمدىلا ئۆزگەرتىپ قويىدىغاندەك ياكى تۇيۇقسىزدىن ھاياتى يېڭىلىنىپ قالىدىغاندەك كۈتىدۇ. بۇ پەقەت خام خىيال ۋە ئالدىنىشتۇر، خالاس. چۈنكى ھاياتنى يېڭىلاش پەقەت ئىنساننىڭ ئۆز ئىچىدىن كەلگەن تىرىشچانلىق بىلەن بولىدۇ. بىرەر ئىشقا مۇستەھكەم ئىرادە ۋە چىدام بىلەن ئالدىنى قىلغان ئادەمنى ئوڭايسىزلىقلار ۋە توسالغۇلار باش ئەگدۈرەلمەيدۇ ۋە ئىرادىسىدىن قايتۇرالمايدۇ. بۇ خۇددى يەرنىڭ ئاسىتىدىكى ئۇرۇقچىنىڭ قاتتىق تۇپراقنى تېشىپ چىققىنىدەك بارلىق توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ چىقىدۇ. ئىنسان ئۆزىدىكى چەكلىك قۇدرەت، چەكلىك ۋاقىت ۋە چەكلىك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھاياتىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئىشلارنى كېچىكتۈرۈشكە ئۆزۈر يوقتۇر».
 
يېڭى يىلدا ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز ئۈچۈن پىلان تۈزۈڭ، كۈنلۈكى قانچە پارە قۇرئان ئوقۇش، قانچىلىك ھەدىس يادلاش، قانچە بەت كىتاب ئوقۇش، بۇرۇن پىلانلاپ قىلالمىغان ئىشلارنى پۈتتۈرۈش قاتارلىقلارنى يېزىپ جەدۋەللەشتۈرۈڭ. پىلانلىق ئىش قىلىشتا ئىش ئاز-ئازدىن بولسىمۇ، كۆزگە كۆرۈنمەي نۇرغۇن ئىشلار ئەمەلگە ئېشىپ قالىدۇ. مەسىلەن: كۈندە ئون ئايەت يادلاشنى پىلانلاپ شۇ بويىچە ماڭغان ئادەم بىر ئايدا 300 ئايەت يادلاپ بولىدۇ، يەنى «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈرە— بەقەرە سۈرىسىنى يادلاپ يەنە ئال ئىمران سۈرىسىدىن ئون نەچچە ئايەت يادلاپ بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس، ئەمما جاپالىق ئىشمۇ ئەمەس. باشقا پىلانلارنىمۇ شۇنداق ئاز-ئازدىن روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى بىز ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان 24 سائەتلىك ۋاقىتنى پىلانلىق ئۆتكۈزەلىسەك، نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىۋالالايمىز ۋە ھاياتىمىزنى ئەڭ بەرىكەتلىك ئۆتكۈزگەن بولىمىز.
 
2024-يىلى 16-ئىيۇل