ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى (CAIR) ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قىلىنغان دەپسەندىچىلىكلەر سەۋەبلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرىدۇ.
2024-يىلى 15-ئىيۇل، CAIR
ئىسمائىل ئالىسون
ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان پۇقرالار ھوقۇقى تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى (CAIR) بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان جازاسىنى قارشى ئالدى. مەزكۇر تەشكىلات يەنە بايدىن ھۆكۈمىتىنى ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىغا غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.
ئامېرىكا ئاز سانلىق مىللەت توپىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش سەۋەبىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدۇ. داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى «شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، خوڭكوڭدىكى ئاساسىي ئەركىنلىكنىڭ بۇزۇلۇشى، تىبەتتە داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى شافىقۇل مۇشنا (Shafiquil Muhshna) مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە يوقىتىش ھەرىكىتىگە ۋە باشقا نۇرغۇن زىيانكەشلىكلەرگە قاتناشقان ئەمەلدارلارغا قارىتىلغان جازانى قارشى ئالىمىز. بىز بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاتناشقان ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىمۇ جازالىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى يېقىندا Scripps News[1] ۋە بېللىڭكات(Bellingcat[2])نىڭ يېڭى دوكلاتىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ پەلەستىن مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشىنىڭ بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆسمۈرلەرگە قۇرئان ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئالدىنقى ئايدا، ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈزلىگەن ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ نامىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىسىملارغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى «ئۆچۈرۈش» ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ بايانات ئىلان قىلدى.
[1] Scripps News باش شتابى جورجىيا شىتاتىنىڭ ئاتلانتاغا جايلاشقان ئامېرىكا خەۋەر قانىلى.
[2] بېللىڭكات گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق تەكشۈرۈش ئاخبارات گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈش ۋە ئوچۇق كودلۇق ئاخبارات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
2024-يىلى 17-ئىيۇل