شۇ ۋاقتتىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى بۈلەنت ئەجەۋىت (ئوڭدا) ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نەجمەتتىن ئەرباكان.
تۈركىيەدە بۈگۈن بۇندىن 50 يىل بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەربىي ھەرىكەت ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرا دېىزدىكى سىپرۇس ئارىلىنىڭ شىمالىدا قۇرۇلغان «شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى» خاتىرىلەندى. جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبلىك ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بولغان بۇ ئارال 300 يىل ئوسمانىلارنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدا تۇرغان بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئاستا-ئاستا ئەنگىلىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. 1960-يىلى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئارالدىكى تۈركلەر بىلەن گرېكلەر ئارىسىدا مىللىي زىيددىيەت كۈچەيگەن ۋە 1974-يىلى شۇ ۋاقتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش قارارى چقىرىپ، ئارالنىڭ شىمالىغا ئەسكەر چىقارغان ۋە نەتىجىدە ھازىرقى پايتەختى لەفكوشا(گىرىكچە: نىكوزىيە) ئوتتۇرىدىن ئىككىگە ئايرىلىپ، شىمالىي تۈركلەرنىڭ، جەنۇبىي بولسا گىرىكلارنىڭ پايتەختى بولغان.
سىپرۇسنىڭ قىسقىچە تارىخى:
سىپرۇس ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئۈچىنچى چوڭ ئارال بولۇپ، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى سەۋەبىدىن تارىختىكى نۇرغۇن ھاكىمىيەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. سىپرۇس ئارىلى ئەسلىدە ئاسۇرىيانلارنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10-ئەسىرلەردە گىرىكلار كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن كېيىن بۇ يەر شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان.7-ئەسىرلەردە ئەرەپ ئىمپىرىيىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇپ ئىككى ئەسىردىن كېيىن چېكىنىپ كەتكەن، 1192-يىلى سىپروستىكى گىرىكلار مۇستەقىل پادىشاھلىق قۇرۇپ 1489-يىلى ۋېنتسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1571-يىلى ئوسمانىيلار ئىمپىرىيىسى سىپرۇس ئارىلىنى ئىستىلا قىلغان. بۇ ئارال ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئاستىدا 300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇردى. 1878-يىلى ئەنگىلىيەگە ئىجارىگە بېرىلگەن سىپرۇس 1914-يىلى ئەنگىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.
1974-يىلدىن بۇرۇنقى ئەھۋال:
1960-يىلى سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، گرېتسىيەلىكلەر بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا مىللىي توقۇنۇش باشلىنىدۇ. سىپرۇستىكى گرېتسىيەلىكلەرنىڭ 1963-يىلى قوزغىغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە سىپرۇس تۈركلىرى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ، يالغۇز قالىدۇ. 1974-يىلى، پرېزىدېنت ماكارىئوس گرېتسىيە قوللىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە بۇ ئارالنىڭ گرېتسىيەگە قوشۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئېنوسىس (Enosis) ناملىق ھەرىكەت تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىدۇ. بۇ ئەھۋال سىپرۇس تۈركلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىپ، تۈركىيەنىڭ ئارىلىشىشىنى مۇقەررەر ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
سىپرۇس تىنچلىق ھەرىكىتى ۋە خەلقئارا ئىنكاسلار:
شۇ ۋاقتتىكى باش مىنىستىر بۈلەنت ئەجەۋىت بىلەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر نەجمەتتىن ئەرباكان ئارىسىدا ھەرىكەتنى باشلاش پەيتى ھەققىدە كىچىك ئىختىلاپلار بار ئىدى. بۈلەنت ئەجەۋىت ئەنگىلىيەگە زىيارەتكە بارىدۇ ۋە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خەلقئارانىڭ بېسىمىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە تىرىشىدۇ. نەجمەتتىن ئەرباكان بولسا، تېز ھەرىكەت باشلاشنى تەششەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، ئارالدىكى خەلنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا تىرىشىدۇ.
نەتىجىدە، 1974-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، تۈركىيە كېپىللىك شەرتنامىسىگە ئاساسەن سىپرۇسقا ئارىلىشىپ، تىنچلىق ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى بولسا سىپرۇستىكى تۈركلەرنى قوغداش ۋە ئارالنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىدى. تۈركىيە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئارالغا 40 مىڭ ئەسكەر چىقىرىدۇ.
تۈركىيەنىڭ بۇ ئارىلىشىشى خەلقئارا سەھنىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى بۇ ھەرىكەتنى ئەيىبلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ كېپىللىك ھوقۇقى ۋە سىپرۇس تۈركلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان دۆلەتلەرمۇ بار.
ھازىرقى ئەھۋال ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىش ئەھۋالى:
سىپرۇس 1983-يىلى شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش خىتابنامىسى بىلەن ئىككىگە ئايرىلدى. شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پەقەت تۈركىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارادا ئاساسەن يېتىم قالغان. ئارالنىڭ جەنۇبىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جەنۇبىي سىپرۇس بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، خەلقئارادا سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ ئارال ھەل قىلىنمىغان رايون مەسىلىسى سۈپىتىدە يەنىلا مەۋجۇت.
سىپرۇسنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇسى ۋە كۆلىمى:
شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى:
نوپۇسى: تەخمىنەن 326،000 (2023-يىلغىچە)
كۆلىمى: 3,355 كۋادرات كىلومېتىر
جەنۇبى سىپرۇس ھۆكۈمىتى:
نوپۇسى: تەخمىنەن 1 مىليون 215 مىڭ (2023-يىلغىچە)
كۆلىمى: 5895 كۋادرات كىلومېتىر
50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى
شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەرسىن تاتار مۇراسىمدا ئەسكەرلەرنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلماقتا.
بۈگۈن، سىپرۇس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 50 يىللىقى ۋە 20-ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيەدىن مۇراسىمغا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئۆزگۈر ئۆزېل ۋە باشقا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەلىرى، شۇنداقلا نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى.
مۇراسىمغا قاتناشقان ئەردوغان بىلەن ئۆزگۈر ئۆزەل ئارىسىدىكى سۆھبەت تۈرك مېدىيالىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسى بولدى.
سىپرۇس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 50 يىللىقى بۇ تارىخى ۋەقەنى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى بۈگۈنگە قايتا باھا بېرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئارىلىشىش سىپرۇس تۈرك تارىخىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە ئەسلىنىدۇ.
2024-يىلى 20-ئىيۇل