ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ياپونىيەدە چاقىرىلغان خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا، توكيو، 2024-يىلى 22-ئىيۇل.
سامۇئېل بروۋنبەك (Samuel Brownback)، كاترىنا لانتوس سۋىت (Katrina Lantos Swett)
كورىيە ۋاقت گېزىتى، 2024-يىلى 22-ئىيۇل
ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ياۋروپادا ئۇرۇش بولۇۋاتقان ۋە ئافرىقا قىتئەسىدە يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتقاندا، دۇنيا ئەندىشە بىلەن ئاسىياغا باقماقتا، كېيىنكى چوڭ يەرشارى كرىزىسىنىڭ ئۇ يەردە يۈز بېرىشىدىن قورقماقتا.
بۇ توقۇنۇشلاردا ۋە باشقا جايلاردا پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بۆلۈنۈش پەيدا بولىدۇ. باسقۇنچى ھۆكۈمەتلەر دائىم سەل قارايدىغان نېگىزلىك ھوقۇقلارنىڭ ئىچىدە دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى بار.
مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئەزەلدىن دىنىي ئەركىنلىكتىن قورقىدۇ، خىتاي بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئېتىقادچى كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقى بىر سىر ئەمەس. ھازىر شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە، خىرىستىيانلارغا زىيانكەشلىك قىلماقتا، فالۇنگۇڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تەسۋىرلىگۈسىز ۋەھشىيلىكلەرنى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىغا قارشى سىياسىي زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بەختكە قارشى، خىتاي ئاسىيادىكى ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان بىردىنبىر دۆلەت ئەمەس. بېرمىدىكى روھىنگىيالار بېرمىنى مەدەنىيەت جەھەتتە باي قىلىدىغان مىللىي ۋە دىنىي كۆپ خىللىقنى يوقىتىشقا بەل باغلىغان پەسكەش ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن سانسىزلىغان ۋەھشىيلىككە دۇچ كەلدى.
شىمالىي كورىيە دۇنيادىكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىم سۇلالىسىگە بولغان ۋاپادارلىق ھەممە نەرسىدىن يەنى ۋىجدان، سۆزلەش ۋە ئۇيۇشۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئاساسلىق ھوقۇقلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر دۆلەت.
مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ھاكىمىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ زالىم سىستېمىلىرىنى چېگرا سىرتىغا چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، يېقىن ۋە يىراق دۆلەتلەردە قېچىپ يۈرگەن دىنىي ئاز سانلىقلارغا پاراكەندىچىلىك سالىدۇ ۋە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. خىتاي ئىتتىپاقداشلىرىغا كۆزىتىش تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىش ۋە دىنىي مۇساپىرلارنى جازالاش ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇش ئارقىلىق بۇ يۈزلىنىشكە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
ئىشىنىمىزكى، ئاسىيادىكى ۋىجدان ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە ھىمايە قىلىش ئېھتىياجى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. شۇ ۋەجىدىن، بىز پۈتكۈل رايوندىكى ئەندىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن ياپونىيىدە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك (IRF) باشلىقلار يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدۇق.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باشلىقلار يىغىنىدىكى شۇئارىمىز «ھەممە ئادەم، ھەر جايدا، ھەر ۋاقىت دىنىي ئەركىنلىك». دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 18-ماددىسىدا قوغدىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق بولۇپ، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك دېموكراتىك جەمئىيەتنىڭ يادرولۇق پرىنسىپى.
تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىنىي كۆپ خىللىق ۋە ھەر بىر كىشىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھۆرمەت قىلىش مۇقىملىق ۋە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز بۇ سىياسەتنى تاشقى سىياسەت ئارقىلىق ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتلەرنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا ئېزىلگەن يۈرگەن مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئاۋازى بولۇشقا ۋە دىنىي باستۇرۇشنىڭ كېڭىيىشىگە قارشى قورغان بولۇشقا تىرىشىمىز.
بىز دۈشەنبە كۈنى توكيودا بولىمىز، ئۆتكەن يىلى كۈزدە تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن رايونلۇق باشلىقلار يىغىنىدا ئەينى ۋاقىتتىكى تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋىليام لەي ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى. ھازىر بولسا بىز تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ بۇ يىللىق IRF ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىدىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن جاكارلىدۇق.
گەرچە بىز ھەمىشە ھوقۇقنى ئايرىلماس ياكى تۇغما دەپ ئاتايدىغان بولساقمۇ، تارىخ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھوقۇقلارنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ ئاسىيادا ئالاھىدە مۇھىم بولىدۇ. ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىگە كەلسەك، بىز ياپونىيەنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆز ۋىجدانىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ياشاش ئىقتىدارىنى قوغداش كۈرىشىدە تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. بۇ رايوندىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دېموكراتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياپونىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ ھېچقانداق ئالاھىدە دىن ياكى مەزھەپ ھەققىدە ئەمەس. نۇرغۇن قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىلاھىيەت مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلىرى بار. بەلكى ئۇ بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەش ۋە ئېتىقادىمىزنىڭ كۆپلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشىنى خالىساق، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.
ياپونىيە دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ ماھىيەتلىك رەھبەرلىك رولىنى ئۈستىگە ئېلىشتا مۇھىم قەدەم تاشلىيالايدۇ. 38 دۆلەت خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ياكى ئېتىقاد ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ئەمما ياپونىيە ياكى كورېيە بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇلار ئىتتىپاقنىڭ «دوستى» قىلىپ بېكىتىلدى، ئەمما تولۇق ئەزا ئەمەس. بۇ ئىتتىپاق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە دىنىي كەڭ قورساقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق ۋاستىسى، ياپونىيە ۋە كورېيە قاتارلىق مۇھىم دېموكراتىك شېرىكلەرنىڭ بولماسلىقى دىققەت تارتىدۇ.
توكيودىكى يىغىلىش رايون دۇچ كېلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلدى ۋە تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ بايراقدارى بولغان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ شۇنداق قىلىشىغا ئىلھام بەردى. بىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى توكيودا ئۆتكۈزۈشىمىز مۇۋاپىق، چۈنكى ياپونىيە ئاسىيا دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئىچىدە بۇ يادرولۇق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى باشلامچى ئورۇنغا ئىگە. بىز ياپونىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇھىم ساھەلەردە يول باشلىغۇچى بولۇشتەك ئەنئەنىسى بىلەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاسىيادىكى تېخىمۇ پارلاق ئەركىنلىك چىرىغى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سامۇئېل بروۋنباك (Samuel Brownback)، 2018-يىلدىن 2021-يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى بولغان ۋە IRF باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى.
كاترىنا لانتوس سۋىت (Katrina Lantos Swett) لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى.
2024-يىلى 23-ئىيۇل