(«زىمىستان» تورىدا چىققان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىنىڭ قىسقارتىلما تەرجىمىسى)
كۆك بايراق، 2024-يىلى 18-ئىيۇل
سوتسىيالىست ژورنالىست روگەر مىككەنزى (Roger McKenzie)، مەن 7 يىلدىن بۇيان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم بىلەن تېلىپوندىمۇ سۆزلىشىەلمەيۋاتقان ئانا ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ كەلدى ۋە ئەنگىلىيەدىكى « سەھەر يۇلتۇزى» تورىدا زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلدى. خاتىرىنىڭ ماۋزۇسى: " مېنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەنلىرىم رەڭدارلىق، زۇلۇم ئەمەس" . مەقسەت-مۇددىئا ماۋزۇدىن ئېنىق بولسىمۇ ماقالىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم.
ئاپتور رايوندا پىكىر ئەركىنلىكى بارلىقىنى بازارغا سېلىپ مۇنداق دېگەن: « مەن كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن خالىي جايلاردا پاراڭلىشىپ باقتىم، ھىچكىم ۋەزىيەتتىن شىكايەتچى ئەمەس... دىنىي زاتلارنىڭ ھىچبىرىدىن ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي زۇلۇملىرىنى تەنقىد قىلغان بىرەر ئېغىز گەپ ئاڭلاپ باقمىدىم» . قارىغاندا ئاپتور، ئۇيغۇرلار ئۇنى كۆرگەندىلا زۇلۇمدىن قاخشاپ-يىغلاپ ئېقىپ كېتشىنى ياكى مۇشتلىرىنى تۈگۈپ ۋارىقارپ ھۆكۈمەتنى تەنقىدلىشىنى كۈتكەن بولسا كېرەك.
ئېنىقكى، ھازىر لاگىردا يېتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئاز بىر قىسمى ھۆكۈمەتنى تەنقدىلىگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان بولسا، مۇتلەق كۆپىنچىسى ھۆكۈمەتكە نارازى بولۇش ئېھتىمالى سەۋەپلىكلا جازالانغان. پروفېسور ئىلھام توختى، بىرەر زورۋانلىق ھەركىتى سەۋەپلىك ئەمەس، دەل شۇ ھۆكۈمەتنى تەنقدىلەنگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتسىز كېسىلگەن. مۇشۇ ۋەزىيەتتىكى كىشىلەردىن ئۇچراشقان يېرىدە ھۆكۈمەتنى تەنقدىلەشنى كۈتۈش قانداق بىر مەنتىق؟ قانداق بىر ئەقىلنىڭ ئىشى؟!
ئاپتور، رايوندا 20 نەچچە مىليون مۇسۇلمان بارلىقىنى يېزىپتۇ، ئەمما، شۇنچە كۆپ مۇسۇلمان بار يەردىكى بىردىن-بىر ئىسلام ئونۋېرسىتىكى 1000 نەچچە ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپتۇ؛ مەسچىتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىنى ئاڭلاپتۇ، ئەمما ئەجەپلەنمەپتۇ؛ ئىماملارنىڭ مەسچىتتە ئاللاھغا ئەمەس پارتىيگە ھەمدۇ-سانا ئوقۇۋاتقىنىنى نورمال ھېساپلاپتۇ. بۇ قانداق ھېسسىيات؟! بۇ قانداق سەمىمىيەت!
ژورنالىستنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى، بىر مەسىلىنى تەكشۈرىگەندە، مەسىلىگە چېتىشلىق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۆزىنى تەڭ ئاڭلاش، ھەر ئىككى تەرەپ ئاۋازىنى ئەركىن چىقىرالايدىغان مۇھىتتا سۆزلىشىش. بۇ تەلەپ بويىچە، رايوننى زىيارەتتىن بۇرۇن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى ۋە لاگىر شاھىدلىرىنى زىيارەت قىلىشى كېررەك ئىدى. ئۇنداق قىلمىغان، بەلكىم بۇلار ئاپتورنىڭ سەپ ئەر خىراجىتىنى تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغان، ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا كاتتا زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالالمايدىغان بولغاچقا بولسا كېرەك.
روگەر مىككەنزى ماقالىسىدا باشتىن ئاخىرى خىتايغا قانچىلىك ئىشتىياق بىلەن مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان بولسا، غەرپكە قارىرا شۇنچىلىك غەزەپ نەپرىتىنى قىستۇرۇپ ماڭغان. دېمەككى، ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر بىلەن ئىشى يوق، پەقەت غەرپكە بولغان نەپرىتىنى قۇسۇش ۋە خىتاينى تەنقىددىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنلا خىتايغا بارغان. ئۇ بۇ رېئاللىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن گەپ ئوينۇتۇپ مۇنداق دېگەن: « ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن، مۇشۇ تاپتا بەزىلەر ئويلاۋاتىدۇ، ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەكشۈرىمەپسەن ياكى كۆزۈڭنى پەردە توسۇۋاپتۇ ، دەپ. ئىشىنىمەنكى ھىچكىمنىڭ ئويۇنىغا دەسسەۋاتقىنىم يوق» . مېنىڭ بۇ نوقتىدا ئاپتورغا دەيدىغىنىم شۇ: « پەردە كۆزىڭىزگە ئەمەس، قەلبىڭىزگە تارتىلىپتۇ. خىتايغا بولغان مۇھەببەت، غەرپكە نەپرەتتىن توقۇلغان بۇ پەردە كۆزىڭىزنىڭ رېئاللىقىنى كۆرۈشىگە ئىمكان بەرمەپتۇ. ئۇيغۇرلاردا بىر گەپ بار "مۇھەببەتنىڭ كۆزى كور" . دېمەكچىمۇ مۇھەببەتتىن يۈرىكى كۆيۈۋاتقان كىشىنىڭ ئەقلى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ، تىلى ئالجىيدۇ»
ئاپتور، ئۆزى زىيارەت قىلغان يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ، كىتاپخانلارنى « قۇرۇق گەپللەر»گە ئىشەنمەسلىككە ۋە رايوننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە دەۋەت قىپتۇ. مېنىڭ دەيدىغىنىم شۇ: ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن رايونغا بېرىشنىڭ ھۆججىتى يوق. خىتاينىڭ ئاشكارىلانغان مەخپىي ھەججەتلىرىدە، ھازىرغىچە ئېلان قىلىغان دوكىلات ۋە خەۋەرلەردە قىرغىنچىلىقنىڭ پاكىتلىىرى تولۇپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. ئەركىن مۇھىت يارالماي تۇرۇپ رايونغا بارغانلار خىتايغا ئالدىنىدۇ ياكى روگەر مىككنزىيدەك ئالجىيدۇ...
ئەسلىدە ئاخباراتچى ئەمەس، سوتسىيالىست پائالىيەتچىلىكى بۇرۇنقى يازمىلىرىدىنمۇ بىلىنىپ تۇرغان روگەر مىككەنزى، قارىغاندا سىياسىي غايىسى ئۈچۈن تولا پايپاسلاپ، ئىنسان تەبىئىتى، جەمىيىتى قانۇنىيىتى ۋە خەلقئاارا ئىنساندارچىلىق قانۇنى دېگەن ئۇقۇملارنى ئەستىن چىقىرىپ قويغان بولسا كېرەك.
2024-يىلى 25-ئىيۇل