ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان پروفېسسور ئابدۇلئەھەت قاھاروف تاشكەنتتىكى ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەن

ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدە مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان 73 ياشلىق پروفېسسور ئابدۇلئەھەت قاھاروف تۇران تاشكەنتتىكى ئۆيىدە قازا قىلغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، 73 ياشلىق ئالىمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى پىروفېسسور ئابدۇلئەھەد قاھاروف تۇران 18-ئىيۇل تاشكەنتنىڭ ئالمىزار رايونىدىكى تۇرالغۇسىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

تاشكەنت ۋاقت گېزىتىىڭ 23-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، 18-ئىيۇل كەچ سائەت ئون ئەتراپىدا ئالمىزار رايونلۇق دائىرىلەر مەرھۇمنىڭ ئۆيىدىن شاۋقۇن-سۈرەن ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان. ئۇچۇرغا ئاساسەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كېلىپ، ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچقان بولۇپ، ئۆينىڭ بالكونىدا 73 ياشلىق پىروفېسسور ئابدۇلئەھەتنىڭ بەدىنىنىڭ بىر نەچچە يېرى كېسىلگەن ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بايقىغان.

ۋەقەدىن كېيىن جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان بولۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە ئەيىبلەنگەن. نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارىنىڭ پىروفېسسور ئابدۇلئەھەتنى ئۆلتۈرۈش سەۋەبى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلانماقتىكەن.

نوپۇزلۇق ئاكادېمىك، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى پىروفېسسور ئابدۇلئەھەد قاھاروف تۇران ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيتى تەتقىقاتىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى سۇنغان بولۇپ، 2017-يىلى «شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ سىرى»ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغانىدى.

جەمئىيەتشۇناسلىق پروفېسسورى ئابدۇلئەھەت قاھاروف ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاكادېمىيىسىدە ئۇزۇن يىل دەرس سۆزلىگەن. تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە چەكلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بۇ ئاكادېمىك 2017-يىلى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابنى يازغان.

مەرھۇم بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، «ئۇيغۇر تارىخىي ۋە يىپەك يولى» ۋە «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تارىخى» تېمىلىرىدا توختالغانىدى ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتى، خىزمەتلىرى، تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. 

مەرھۇمنىڭ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى:

2024-يىلى 26-ئىيۇل