ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنت-شېكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسى يورۇتتى.
بۇ غەپلەت زامانى ئەمەس، ئويغىنىش زامانىدۇر.
ئابدۇقادىر داموللام ھېكمەتلىرىدىن
بۈگۈن 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر دىنىي ئالىم، جەدىتچىلىك (يېڭىلىقچى، ئىلغار) ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى، جەدىتزىم ئىدىيەسى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا ئاساس سالغۇچى، مىللەتپەرۋەر ئىدىيەسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا ۋە يېقىنقى زامان تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام قەتل قىلىنغان كۈنىدۇر. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەتل قىلىنىشى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور يوقىتىشتۇر.
ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇش مەشھەتتە، ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك ئوقۇمۇشلۇق كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەشھەت- قاراخانىيلار خانلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خان – سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىي دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جايدۇر.
ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەشھەتتىكى «ھەزرىتى سۇلتانىيە» مەدرىسىدە ئالغان. 15 يېشىدا قەشقەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئوقۇش ئۈچۈن بۇخاراغا بېرىپ بىر قانچە يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇخارادىكى ۋاقىتلىرىدا ئىسلام دۇنياسىدىكى بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى قەيۇم جەۋزىيى، جامالىدىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. بۇخارادىكى جەدىتچىلىك مائارىپى ئۇنىڭ ئىدىيەسىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغان. 1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلغان. 1906-يىلى ھەج قىلىش نىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان. ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا، ئاندىن مىسىرغا بارغان. مىسىردىكى ۋاقتىدا داڭلىق مۇتەپەككۇر، ئىسلام ئالىمى، سىياسەتچى شەيخ رەشىدە رىزا، « ئەللىۋا » گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، سىياسەتچى، يازغۇچى ۋە گېزىتچى مۇستاپا كامىل پاشا قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. ئابدۇقادىر داموللام بىلىمى مول، پىكىرى ئۆتكۈر، ۋەتەن، مىللەت تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشى بولغاچقا ھەرقايسى ئەللەردىكى تەرەققىيپەرۋەر، ئىسلاھاتچى كىشىلەر بىلەن چۇڭقۇر مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن، مىللەتنىڭ كۆزىنى ئېچىش ئۈچۈن يېڭىچە مائارىپ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىپ» دېگەن توغرا پەتىۋاسى ۋە يېڭىچە مائارىپ ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى قەشقەردىكى مۇتەئەسسىپلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. جاھىل كۈچلەرنىڭ چەتكە قېقىشى بىلەن، ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە تۇرالماي 1909-يىلى يەنە قوقان، تاشكەنت، بۇخارا تەرەپلەرگە چىقىپ، بىرمەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ جەدىتچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغاچ «جەۋاھىرۇل-ھىقان»، « مىفتاھۇل-ئەدەپ» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان، شۇنداقلا گېزىتلەردە ماقالىلەر يېزىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. ئابدۇقادىر داموللام 1911-يىلى ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجا شەھىرىگە كەلگەن. غۇلجا تەرەققىيات ۋە يېڭىچە مائارىپنى يولغا قۇيۇش جەھەتتە شەرقى تۈركىستاندىكى شەھەرلەرنىڭ ئالدى ئىدى. بۇ يىللاردا غۇلجىدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار ئاچقان يېڭىچە مەكتەپلەر بار ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ جەدىتچىلىك پىكىرى بويىچە بۇ مەكتەپلەرگە دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇسۇلى جەدىتنىڭ كونا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. غۇلجىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ ئۆزى بىلەن پىكىرداش كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ ۋە پىكىرلىشىدۇ. 1912-يىلى ئابدۇقادىر داموللام يېڭىچە مائارىپنى قەشقەردىمۇ جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە قەشقەرگە يىتىپ كېلىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ھەققىدە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارماقچى بولىدۇ.
قەشقەر گەرچە تارىختا ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلغان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرلەردە جاھىل سوپىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە تاجاۋۇزچى مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمى تۈپەيلىدىن خارابلىشىپ، خۇراپاتلىق پاتقىقىغا پېتىپ كەتكەنىدى. ئابدۇقادىر داموللام نادانلىق، قۇللۇق ئاسارىتىدە ياشاۋاتقان خەلقىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چەكسىز ئېچىنىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئېچىش ئۈچۈن باشلاتقان يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتى يەنە قارشىلىققا ئۇچرايدۇ.
ئابدۇقادىر داموللام 1918-يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنە بىر قېتىم سەپەر قىلىدۇ.بۇ سەپەر جەريانىدا ئۈچ يىلدەك ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىدۇ، 1921-يىلى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ قېتىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەسىرى بىلەن قەشقەردە « ياش قەشقەرلىكلەر» نامىدا بىر تۈركۈم جەدىتچى روھتىكى زىيالىيلار بارلىققا كېلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى «نەسىھەتى ئامما» نى يېزىپ، باستۇرۇپ تارقىتىدۇ. بۇ ئەسەر ئىدىيەسىنىڭ ئىلغارلىقى، تىلنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى پىكىر ۋە ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ۋەكىللىك ئەسەر بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ تەسىردە كىشىلەردە مىللىي ئاڭ ئويغىنىشقا باشلايدۇ. ئابدۇقادىر داموللام خەلق ئىچىدە ئەڭ مۆتىۋەر زاتلاردىن بولۇپ تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىردە قەشقەردە مەنىۋى جەھەتتە جانلىنىش پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ جەدىتچىلىك پائالىيەتلىرى قەشقەردىلا ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستاندا تەسىر قوزغايدۇ، كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئىستىقبالىنى تونۇشقا باشلايدۇ. قەشقەردىكى جاھىل كۈچلەر ئابدۇقادىر داموللامنىڭ خەلق ئىچىدە كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تەسىرى ۋە نوپۇزى ئالدىدا تەمتىرەپ، ئۇنىڭغا ئاشكارا قارشى چىقىشقا پېتىنالمايدۇ.
1924-يىلى ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە تالىپلارنى تەشكىللەپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىپ، مىسيونېرلارنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى كۆيدۈرۈپ، باسما ماشىنىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. قەشقەردىكى ئەنگلىيە، شىۋېت، رۇس كونسۇلخانىلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولىدۇ. ئۇلار قەشقەر دوتىيىگە ئابدۇقادىر داموللام ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش توغرۇلۇق بېسىم قىلىدۇ. قەشقەر دوتىينىڭ پىلانلىشى بىلەن، ساتقىن مۇناپىق ئەھمەد مەزىن ئابدۇقادىر داموللامنى 1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بامدات ۋاقتىدا 54 يېشىدا قەستلەپ ئۆلتۈرىدۇ.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شېھىت قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور بىر يوقۇتۇش بولۇپ، بۇ قانلىق ۋەقە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانىمۇ زىلزىلىگە سالغان. بۇ كۈن ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ قاباھەتلىك بىر كۈن. بىز بۇ كۈننى ئابدۇقادىر داموللامنى چوڭقۇر ياد ئېتىش ئىچىدە خاتىرىلەيمىز ۋە روھىغا دۇئا قىلىمىز. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېڭىچە مائارىپ ئىدىيەسىنى ياقتۇرمايدىغان موللىلار بار. شۇ دەۋردىكى قەشقەرنىڭ جاھىل كۈچلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يوقالغىنى يوق. ئۇلار يېڭىلىقنى، تەرەققىياتنى قوبۇل قىلمايدۇ، قۇرئان بىلەن ھەپتىيەك يادىلاشتىن باشقىنى ئىلىم ھېسابلىمايدۇ، ئىنسان روھىيىتىگە ساغلام ئوزۇق بېرىدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ھارام دەپ چالۋاقايدۇ. كاللىسى مىڭ يىلدىمۇ داشقال پېتى تۇرىدىغان بۇنداق ئۇيغۇرلار ئەھمەد مەزىن دېگەن مۇناپىققا ئوخشاش نادان، جاھىل، سەپرا، ئەخمەق ۋە گول. ئىسلام دىنى بۇلارنىڭ قولىدا ئەڭ يىرگىنچلىك نەرسىگە ئايلىنىدۇ. تارىختىن ئىبرەت ئالغان ۋاقتىمىزدا، تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
ئۆتمۈشنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىسلاھاتچىلىق، مەرىپەت روھىنى داۋاملىق جانلاندۇرىشىمىز، ئەھمەد مەزىندەك قارا جاھىل، پىچاقچى سوپىلارنىڭ ئەرۋاھىنى سۈر- توقاي قىلىشىمىز كېرەك.
2024-يىلى 14-ئاۋغۇست