بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شېھىت بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

 ئوت يۈرەك ئالىم ئابدۇقادىر داموللام 20- ئەسىردىكى بۈيۈك ئىسلاھاتچىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان شەخستۇر. چۈنكى، داموللام باشلىغان يېڭى مائارىپ سايىسىدا دىيارىمىزكى مەكتەپ- مەدرىسىلەر كونىلىققا، قالاقلىققا، قاراڭغۇلۇققا «خەير خوش» دېگەن ۋە ئاۋام خەلقنىڭ دىننى ئۆگىنىش يولى ئالاھىدە ئوڭايلاشقان ئىدى.

ئابدۇقادىر داموللام شەرقىي تۈركىستاندا ئەسىرلەردىن بېرى قالاقلىق ۋە جاھالەت ئىچىدە قالغان مەكتەپ- مەدرىسىلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى ئۆسمۈرلەرنىڭ سەۋىيەسىگە ۋە زاماننىڭ تەقەززاسىغا مۇناسىپ ھالدا ئۇيغۇرچە تۈزۈپ چىقىش، دەرسلىكلەرگە ئۇيغۇر تىلى، قۇرئان ئوقۇش قائىدىسى، ماتېماتىكا ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ يېڭىچە ئىلغار مائارىپنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق دەۋر بۆلگۈچ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان شەخستۇر.

 ئابدۇقادىر داموللام يەنە ئانا تىلىدا ئەسەر يېزىش ئارقىلىق ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن كونا ئادەتنى ئۆرۈپ تاشلاپ، كېيىنكىلەرگە پارلاق يول ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئۈلگىلىك زاتتۇر. چۈنكى بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى ئەسەرلىرىنى ئەرەبچە ياكى پارسچە يازىدىغان بولۇپ، شۇ زامانلارنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەرەبچە ياكى پارسچە بولمىغان ئەسەرلەر ئەسەر ھېسابلانمايدىغان دەرىجىدە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرچە يېزىلغان دىنىي ئەسەرلەر يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى.

 ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئاندىن شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى ئىلىم - مەرىپەت بىلەن ئاقارتىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدا بارلىق ئەقىل - پاراسىتىنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋە بۇ يولغا ھاياتىنى ئاتىغان بىر شەخستۇر.

 

داموللامنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى

بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تالانتى، كۆپ قىرلىق ئىقتىدارى بۇخارادا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇستازلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا قايىل بولغان ۋە ئۇنىڭ مول بىلىم ھاسىل قىلغانلىقىغا شاھىت بولغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن داموللام بۇخارادىكى ئۆزى ئوقۇغان مەدرىسىدە مۇدەررىسلىككە تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما داموللام ئۆز خەلقىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ئىلىم-مەرىپەت كۆچەتلىرىنى تىكىش مەقسىتى بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى قارار قىلغان. داموللام شۇ چاغدىكى ۋەتەن سۆيگۈسىنى ۋە ئانا ۋەتەنگە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشىنى مۇنۇ شېئىر بىلەن ئىپادىلىگەن:

باغرىڭغا ئىنتىلدىم، ئەي ئانا ۋەتەن،

قوينۇڭدا ياشاشقا باستىممەن قەدەم.

ئۈمىدىم، بولغاندا خەلقىم بىلىملىك،

تۈگەيدۇ قەلبىمدە ھەسرەتۇ-ئەلەم.

 

داموللام بۇخارادىكى ئوقۇشىنى سەككىز يىلدا تاماملاپ، ئۇستازلىرىنى ھەيران قالدۇرارلىق شەكىلدە ئىلىم -ئىرپانغا تولۇپ ئانا ۋەتىنىگە قايتقاندا، يۇرتىدىكى مەدرىسىلەرنىڭ قالاقلىقى ۋە خەلقىنىڭ نادانلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلانغان ۋە دەرھال ئىسلاھ قىلىشنىڭ يولىنى تۇتۇپ ئىش باشلىۋەتكەن. نەتىجىدە، داموللام ئاچقان يېڭىچە مەكتەپلەردىن مەرىپەت غۇنچىلىرى ئۈنۈپ چىقىشقا باشلىغان.

 

  داموللامنىڭ خەلقنى ئويغىتىش ھەرىكەتلىرى

  ئابدۇقادىر داموللام ئەسەرلىرى، نۇتۇقلىرى ۋە دەرسلىرى ئارقىلىق ھەمىشە خەلقنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشقا تىرىشاتتى، ھەتتا تالىبلىرىغا بۇيرۇپ، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتاتتى. ئۇ تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا مۇنداق ئوتلۇق خىتابلار بار ئىدى: «... بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر. سەئىي ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر، سۇسلۇق - بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر. باشقا خەلقلەر ئىلىم - مەرىپەت كۆكىدە ئۇچماقتا، سۇ تەكتىدە ئۈزمەكتە. بىزلەر بولساق تېخىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتىمىز. ئۇيقۇ _ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ تەرزدە داۋاملىق ئۇخلىماق زاۋاللىق ۋە ھالاكەت دېمەكتۇر. ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى، ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر...». داموللام يەنە ئۆزىنىڭ «ئئاممىغا نەسىھەت» ناملىق ئەسىرىدىكى ۋىجداننى ئويغىتىدىغان، ئادەمنى تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدىغان، قىلىچتىن ئۆتكۈر سۆزلىرى بىلەن پۇرسەت تاپسىلا خەلقنى ئويغىتىشقا ئۇرۇناتتى. ئۇ يەنە تالىبلىرى بىلەن بىرلىكتە قەشقەر ۋە يەكەن قاتارلىق شەھەرلەردە خىرىستىيان دىنىنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلىۋاتقان شۋېت ۋە رۇس مىسسىيۇنېرلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى ئەمەلىي كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان.

 

  ئۆز ۋاقتىدىكى ۋەزىيەت

  ئەينى يىللاردا دىيارىمىزدا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ يولىدىن چىقىش، يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھىدىن يىراقلىشىش، تۈرلۈك خۇراپاتلارنى دىن دەپ قوبۇل قىلىش، راھىبلارچە تەركىدۇنيالىق تەرغىباتىغا ئەگىشىش خاھىشى باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، مەدرىسىلەر جانباقار قارا قورساقلارنى يېتىشتۈرىدىغان، خەلق بىدئەتلەرگە چۆكۈپ كەتكەن بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. نەچچە ئون يىل ئوقۇپمۇ دىننى چۈشەنمەيدىغان، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەيدىغان، پەقەتلا «مەدرىسىدە ئوقۇدى» دېگەن ئاتاقنى ئېلىپ، ئاشۇ ئاتاق بىلەن جان باقىدىغان، «بىلمەيمەن» دېيىشتىن نومۇس قىلىپ خاتا پەتىۋالارنى چىقىرىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپىيىپ كەتكەن ئىدى. خەلقنىڭ بىلىم بۇلىقى بولۇشقا تېگىشلىك ئاشۇ مەكتەپ - مەدرىسىلەر ئىنتايىن پاسسىپلىق ئىچىدە جاھالەت قاينىمىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، تالىپلار چۈشەنمىسىمۇ يادلاپ ئوقۇشقا زورلىناتتى، ئۇلار ئۆزلىرى چۈشەنمىگەن تېكىستلەرنى يادلاش بىلەن يىللارنى ئۆتكۈزەتتى، يەتتە-سەككىز يىل ئەرەب گرامماتىكىسىنى يادلاپ ئوقۇپمۇ بىرەر ئايەتكە ياكى ھەدىسكە مەنە ئېيتالمايتتى. شۇ چاغدا تالىپلار بۇ ۋەزىيەتنى مۇنۇ قوشاق بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدى:

زەنجانى كىتاب كۈندۈزىمىزنى كېچە قىلدى،

ئالتەيلەن ئىدۇق، يەتتىلىمىزنى گاچا قىلدى.

 بۇ شېئىر تالىپلارنىڭ ئۆزى چۈشەنمىگەن تېكىستلەرنى يادلاپ ئوقۇشى ۋە ئۆز تىلىدىن ياتلىشىشى نەتىجىسىدە ئۇستازى بىلەن بىرلىكتە گاچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇ زامانلاردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە تالىپلار شۇنچىلىك كۆپ بولغان تۇرۇقلۇق، ئالىم بولۇپ چىققانلارنى بارماقتا سانىغىلى بولىدىغان دەرىجىدە ئاز ئىدى. يىگىرمە - ئوتتۇز يىل مەدرىسىدە ئوقۇپمۇ بىر نەرسە بىلمەيدىغانلار كۆپ بولاتتى. دېمەك، ئۆمۈرنى، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانغا تۇشلۇق ھاسىلات يوق ئىدى. شۇڭا تالىپلار بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى مۇنۇ قوشاق بىلەن تەسۋىرلىگەن:

يەتتە يىلدۇر تىنىم تاپماي ئوقۇيمىزلا-ئوقۇيمىز،

بابى ئىستىنجاغا كەلدى ئەمدى بىزنىڭ دەرسىمىز.

 

يېڭىچە مائارىپ

   داموللام بۇخارادىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن ھامان شەرقىي تۈركىستاندا باشلىغان يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قارشىلىقى ۋە دىنىي تونغا ئورۇنىۋالغان جانباقارلارنىڭ «ئۇسۇلى جەدىت ھارام، ئۇنى ئوقۇش دەھرىيلىك» دەيدىغان پەتىۋالىرى سەۋەبلىك تۈرلۈك توسالغۇلۇقلارغا ئۇچرىدى. ئەمما داموللام خەلقنى ئويغىتىش ۋە مائارىپنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمىدى.

   شۇنىڭدىن كېيىن، داموللام ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىش ۋە شۇ ئارقىلىق دەۋەت يولىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلىشنى ئويلاپ، مەككە – مەدىنەگە يولغان چىقتى، ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، مىسىردا زىيارەتتە بولدى ۋە قاھىرە شەھىرىدە ئىككى ئاي تۇرۇپ، شۇ زامانلاردىكى ئىلغار پىكىرلىك ئۆلىمالار بىلەن ئۇچراشتى، ئەللامە مۇھەممەد رەشىد رىزا، «ئەللىۋا» مەجمۇئەسىنىڭ ساھىبى ۋە مۇدىرى مۇستافا كامىل، مەدرەسە تەھزىرىيەنىڭ مۇدىرى سەييىد مۇھەممەد ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن خەلقنى ئويغىتىش، مەدرىسىلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە باشقا مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي سۆھبەتلەشتى، داموللامنىڭ ناتىقلىقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى ئۇلارنى قايىل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، داموللام ئىستانبۇل، قازان، ئۇفا، بۇخارا، تاشكەنت، ئالمۇتا، غۇلجا ئارقىلىق قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. داموللام بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ئىسلام دۇنياسىنى ئويغىتىش ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرى بولغان جامالىددىن ئافغانىي، مۇھەممەد رەشىد رىزا، مۇھەممەد ئابدۇھ، تۈرك قەۋملىرى ئىچىدە تۇنچى بولۇپ، «يېڭىچە مائارىپ»نى ئوتتۇرىغا چىقارغان تاتار ئالىمى ئىسمائىل غەسپىرالىي قاتارلىق كىشىلەردىن تەسىرات ئالغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ، قەشقەرگە قايتىشتىن بۇرۇن بۇخاراغا بېرىپ، ئۇ جايدىكى ئۇستازلىرى ۋە كاتتا ئۆلىمالاردىن «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىپ، ئۇنى ئوقۇش زۆرۈردۇر» دېگەن پەتىۋانى ئېلىپ كەلدى.

  داموللام دىيارىمىزدا ئەسەرلەرنى ئەرەبچە ۋە پارسچە يېزىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىگە ئايلىنىپ قالغان كونا ئادەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەسەرلىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ تارقىتىشنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭىچە مەدرىسىلەرنى ئېچىپ، مەدرىسىلەرنىڭ دەرسلىكلىرىگە ئۇيغۇر تىلى، ماتېماتىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلىكلەرنى كىرگۈزدى ۋە دەرسلىك ماتېرىياللارنى ئۆزى بىر قوللۇق تەييارلاپ چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاممىباپ ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىقىپ، مەدرىسىلەردە ئوقۇتتى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا تارقاتتى. داموللامنىڭ «زۆرۈر ئەقىدىلەر» ناملىق رىسالىسى ئىنتايىن ئىخچام، مەزمۇنلۇق، يادلاش قولاي، ئوقۇغان - ئوقۇمىغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پايدىلىنالايدىغان سوئال - جاۋابلىق ئەسەر بولۇپ، بىر مۇسۇلمانغا يېتەرلىكتۇر. «قىرائەت ئىلمى» ناملىق ئەسەر ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان تۇنجى ئەسەر بولغانلىقتىن، نامى (تجويد تركي) دەپ ئاتالغان. «ئىسلام ئىبادەتلىرى» ناملىق ئەسىرى ئىسلامدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ۋە ئىخچام ھالدا سوئال - جاۋابلىق بايان قىلغان ئەسەر بولۇپ، ھەربىر مۇسۇلمانغا زۆرۈردۇر.

يېڭىچە مائارىپقا قارشى چىققان قارا قورساقلارغا داموللام ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر نۇتۇقلىرى بىلەن كەسكىن جاۋاب بېرەتتى. بىر كۈنى قەشقەرنىڭ كاتتا بايلىرىدىن ھەمراھباي بىر سورۇندا داموللامنىڭ مەدرىسىلەرنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى نۇتۇقىدىن كېيىن: «بىزنىڭ قەشقەرنىڭ ›سانىي بۇخارا› دەپ نامى بار، ئۇنىڭ مەكتەپ - مەدرىسىلىرىدىن مەرىپەت نۈرلىرى چېچىلىپ تۇرىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قەۋەتلەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ‹ھەسەلنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ› دېگەندەك، بۇ قىلغانلىرى تېتىقسىزلىق بولۇپ قالارمىكىن!» دەپ داموللامغا ئاستىرتتىن تەھدىت سالغاندا، داموللام ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي تىلدا جاۋاب بېرىپ: «مەسىلىنى ئاقىلانە چۈشىنىش كېرەك، قىسقىسى 15 يىل، ئۇزۇنى 20 يىل مەدرىسىدە ئوقۇغان بىر تالىپنى شۇ تاپتا تۈزۈك بىر پارچە سالام خەت يازالايدۇ ياكى دۇكاندا ھېسابات دەپتىرى تۇتالايدۇ، دېيىش قىيىن بولۇپ قالدى. مۇسۇنداق قاتمال ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يېڭىچە مەكتەپلەر ئېچىپ، قابىل كاتىپلارنى، ئۇستا بوغالتىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش يۇرتىمىزنىڭ ئارزۇسى، شۇنىڭدەك سىلىنىڭمۇ ئېھتىياجلىرى. شۇنداق قىلساق، بۇنىڭ نېمە زىيىنى بار؟» دېگەن.

 

ئابدۇقادىر داموللام ئەسەرلىرى

1.      «زۆرۈر ئەقىدىلەر» (عقائد ضروري).

2.     «قىرائەت ئىلمى» (تجويد تركي).

3.     «ئىسلام ئىبادەتلىرى» (عبادات اسلامية).

4.     «مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس» (علم الصرف والنحو).

5.     «ئەدەبىيات ئاچقۇچى» (مفتاح الأدب).

6.     «سەبىيلەرگە تەلىم» (تعليم الصبيان).

7.     «ياش - ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت» (نصائح للأطفال).

8.     «ھېساب ئىلمى» (علم الحساب).

9.     «مۇتالىئە ھىدايەت» (مطالعة هداية).

10. «ئىمان جەۋھەرلىرى» (جواهير الإيقان).

11.  «ئاممىغا نەسىھەت» (نصيحة عامة).

   داموللامنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپ - مەدرىسىلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلغان. داموللامنىڭ «ئەدەبىيات ئاچقۇچى» ناملىق ئەسىرى بۇخارا مەدرىسىسىدە تالىپلىق چېغىدا يېزىلغان قىممەتلىك ئەسەر بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا بۇخارا مەدرىسىلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلغان. ئۆز ۋاقتىدا داموللامنىڭ «جواهير الإيقان» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغان ئۆلىمالار «بۇنى چوقۇم شام ياكى مىسىرنىڭ ئالىي بىلىمگاھلىرىدا ئوقۇغان بىر ئالىم يازغان بولۇشى كېرەك» دەپ تەخمىن قىلىشقان ئىكەن. داموللام قازاندا نەشر قىلىنغان «شۇرا»، «ۋاقىت» ۋە «تەرجىمان» قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللارنى مۇتالىئە قىلىپ تۇراتتى ۋە مۇھىم ماقالىلەرنى چىقىرىپ تۇراتتى. «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1915 - يىللىق 23 - سانىدا داموللامنىڭ «بايانى ھەقىقەت» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى نەشر قىلىنغاندا، شۇرا ئىدارىسىدىكىلەر داموللامنىڭ مول بىلىمىگە قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىكەن.

 

داموللامغا سوزۇلغان قارا قوللار

ئەپسۇسكى، ھەرقانداق بىر ھەقىقەتنىڭ ۋەھەربىر پەيغەمبەرنىڭ دۈشمەنلىرى بولغىنىدەك، داموللامنىڭمۇ دۈشمەنلىرى بولغان بولۇپ، بىرى ئۆز قېنىدىن، ئۆز مىللىتىدىن بولغان ھەسەتخور، نادان، قالاق ۋە جاھىل دۈشمەنلەر بولسا، يەنە بىرى، مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتتىن ئىبارەت ئەشەددىي دۈشمەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، داموللام باشلىغان بۇ يارقىن مەرىپەتچىلىك ئۆز تەرەققىياتىدا تارىخىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي چەكلىمىلەر ۋە توسقۇنلۇقلارغا كۆپ ئۇچرىدى.

توسقۇنلۇق ئالدى بىلەن مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتتىن كەلگەن بولۇپ، مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جاھالەت- نادانلىقتا قالدۇرۇپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى  يۈرگۈزگەنلىكتىن ، خەلقنىڭ ئويغىنىشىنى، ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىپ دۇنياغا كۆز ئېچىشىنى قەتئىي ياقتۇرمايتتى. شۇڭا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت داموللام باشلىغان يېڭىچە مائارىپقا چىش – تىرنىقى بىلەن قارشى تۇردى. بۇنى ئاز دېگەندەك، قەشقەردىكى شۋېت كونسۇلخانىسىدىكىلەرمۇ داموللامغا قارشى ئىدى. يېڭىچە مائارىپ تازا گۈللىنىۋاتقان بىر پەيتتە شۇ چاغدىكى قېرى مۇستەملىكىچى زالىم ياڭ زېڭشىن بىر تۇتاش بۇيرۇق چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى يېڭىچە مەكتەپلەرنى تاقىۋەتتى.

ئىككىنچى توسقۇنلۇق دىنىي تونغا ئورۇنىۋالغان ھەسەتخور، خۇراپاتچى، بىدئەتچى جانباقارلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار يېڭىچە مائارىپقا جان - جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك يوللار بىلەن توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ھەتتا خەلقنى بۇ يېڭىچە مائارىپتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «ئۇسۇلى جەدىت ھارام، ئۇنى ئوقۇتۇش دەھرىيلىكتۇر» دەيدىغان سەپسەتىلەرنى پەتىۋا سۈپىتىدە تارقىتىپ يۈرۈش ئارقىلىق مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتكە قولچوماق بولدى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى، بەلكى ئىچكى- تاشقى دۈشمەنلەر، ھەتتا قەشقەردىكى ئەجنەبىي كۈچلەر بىرلىشىپ، بۇ مەرىپەت يۇلتۇزىنى ئۆچۈرۈۋەتتى. 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست مەلۇم بىر خائىن قول ئابدۇقادىر داموللامغا ئۇزىدى، شۇنىڭ بىلەن داموللام ئارمان بىلەن شېھىت بولدى.

 

   ئالىم ئۆلدى ئالەم ئۆلدى

   بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتۈشى مەرھۇمنىڭ قولىدا ئېچىلغان مەرىپەت غۇنچىلىرىنى يالغۇزلۇقتا تەرك ئەتكەن ئىدى. ئۇلار تېخى غۇنچە ئىدى، ئۇلارنىڭ داموللامغا زور ئېھتىياجى بار ئىدى، ئۇلار تېخى داموللامدەك مەرىپەت بۇلىقىدىن ئىچىپ قانمىغان ئىدى، داموللامدىن ئايرىلىپ قالارمىز دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. «شۇم خەۋەر تېز يېيىلىدۇ» دېگەندەك، داموللامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بىر پەستىلا شەھەر - يېزىلارغا پۇر كەتتى. قەشقەردىكى مۇدەررىس - ئالىملار، ياش تالىپلار، ھۈنەرۋەن - كاسىپلار، يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كىرگەن دېھقانلار ۋە يېتىم - يېسىرلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز قايغۇ - ھەسرەتكە چۆكتى، خەلقنىڭ يىغا - زارى ئاسمان - پەلەككە كۆتۈرۈلدى، ھېيتگاھ مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى، پۈتۈن ئەل - يۇرت مەرىپەت ئاسمىنىدىن ۋاقىتسىز ئېقىپ كەتكەن بۇ يولچى يۇلتۇز (قۇتۇپ يۇلتۇزى) غا تەزىيەبىلدۈردى !...

   خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دانىشمەن ئالىمىنى يادلاپ، ئۇنىڭ شەنىگە مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپ چىقتى :

تاغۇ - تاشلار تەۋرىنىپ،

قاتتىق چاقماق چاققانمۇ؟

تۈمەن دەريا سۇلىرى،

بۇگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟


ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز،

كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز .

داموللامغا دەيۈزلەر،

قەست قىلالماس دەپتىمىز .


داموللام شېھىت بولدى،

ياتار جايى بېھىش بولدى .

داموللامغا قەشقەرلىك،

كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى.

  بۇ قوشاقلار مەيدانغا كېلىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇشتەك قانات چىقىرىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ كەتتى .

خاتىمە

  ھەممە ئادەم چوقۇم ئۆلىدۇ، ئەمما بەزى ئەزىمەتلەر ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئۆمرىنى يارىتىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلقىنىڭ قەلبىدە قەتئىي ئۆلمەيدۇ ۋە مەڭگۈگە ھايات قالىدۇ. ئۇلۇغ ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام ئەنە شۇنداق ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، داموللام خەلقىنى جاھالەت، ئاسارەت ۋە خارلىقتىن قۇتقۇزۇش يولىدا بارلىقىنى ئاتىغان ۋە ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئەزىمەتتۇر. داموللامنىڭ خەلقنى ئويغىتىش ۋە ئاقارتىش ھەرىكىتى دىيارىمىزدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتقان بولسا، مەرھۇمدىن ئايرىلىش ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن بولمىغان چوڭ بىر بوشلۇقنى قالدۇرۇپ كەتتى.

  ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى ۋە خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن خارلىقلار بىزگە ئۆز يولباشچىلىرىنى قوغدىيالمىغان مىللەتنىڭ يېتەكچىسىز قالىدىغانلىقىنى ۋە خارلىققا مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ ئاچچىق ھەقىقەتتىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۆزىنى ئوڭشىمىغانلار ئۈچۈن تارىخنىڭ قايتىلىنىدىغانلىقى مۇقەررەر.

  داموللامنىڭ ھەقىقەتنى جاكارلاشتىكى ئوت يۈرەكلىكى، ئۆز ئىرادىسىدىن يانماسلىقتىكى قەتئىيلىكى ۋە ھەق يولىدا خېيىم-خەتەردىن قورقمايدىغان خىسلىتى بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ.

ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئاللاھ يولىدا ئۆلۈش ئۆلۈملەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى ۋە ھەربىر مۇئمىننىڭ تىلىكىدۇر. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھايات مۇساپىسى ھەربىر مۇئمىن ۋە ھەربىر ۋەتەنداش ئۈچۈن ئۆچمەس ئۈلگە بولۇپ، بىزگە ھەقىقىي دىندارلىق، ۋەتەن سۆيگۈسى، خەلقپەرۋەرلىك، پىداكارلىق قاتارلىق ئالىيجاناپ خىسلەتلەرنى ئۆگىتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوبرازىغا ھەممىدىن بەك موھتاج بولۇۋاتقان مۇشۇ زاماندا مەرھۇمنى چوڭقۇر سېىغىنىش ۋە ھەسرەت بىلەن ئەسلەيمىز.

مۇھەممەد يۈسۈپ

2024-يىلى 14-ئاۋغۇست

مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى