مۇھەممەد يۈسۈپ
قورقۇش ۋە ئەندىشە قىلىش تەبىئىيدۇر. ئەمما قورقۇش بىلەن ئەندىشىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قېلىش تەبىئىي ئەمەس. چۈنكى، قورقۇنچ، ئەندىشە ۋە داۋاملىق غەمكىن يۈرۈش ھاياتىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى مەشغۇل قىلىپلا قالماستىن، كۆڭۈل ئارامىڭىزنى بۇزىدۇ، تەپەككۇرىڭىزنى چېچىۋېتىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، تور دۇنياسىدىن ئىزدەنسىڭىز قورقۇنچنىڭ ۋە غەمكىنلىكنىڭ ئەقىل، روھ ۋە تەن ساقلىقىغا قانچىلىك زور خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، يۈرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىز. شۇڭا خاتىرجەملىك ئەڭ كاتتا نېمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدىكى قۇرەيش كاپىرلىرىغا بۇ نېمەتنى ئەسلەتكەن. « قۇرەيشلەرگە ئوڭايلاشتۇرۇلغانلىقى — ئۇلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرى ئوڭايلاشتۇرۇلغانلىقى (غا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش) ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاچلىقتىن تويغۇزغان، قورقۇنچتىن خاتىرجەم قىلغان بۇ ئۆي (كەئبە)نىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلسۇن!»[1].
ئەندىشە قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان سەۋەبلەر بىلەن ئەندىشە قىلىشنى تەلەپ قىلمايدىغان ئېھتىماللارنىڭ پەرقىنى ئايرىۋېلىش كېرەك. مەسىلەن: بالىلىرىڭىزدىن بىرەرسىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىل بىلەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىش ئېھتىمالىڭىز ئوتتۇرىسىدا ئاسمان- زېمىن پەرق بار. سىز بۇنىڭ پەرقىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە ئەندىشە قىلىشقا ۋە ئەنسىرەشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى ۋە ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى بىلىپ قالىسىز.
فرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە كۆرە،پسىخىكا مۇتەخەسسىسلىرى 24000 كىشىدىن «ھاياتىڭىزدا ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ مۇسىبەت قايسى؟» دەپ سورىغاندا، بىرىنچى ئورۇندا «خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ قېلىش» دېگەن جاۋاب، ئاندىن «جورامدىن ئاجرىشىپ كېتىش»، ئاندىن «يېقىن كىشىمنىڭ ۋاپاتى» دېگەن جاۋاب كەلگەن.
بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەھۋاللار ھاياتىمىزدا بىر ياكى ئىككى قېتىم بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، بۇلار ۋاقىتلىق مۇسىبەت ياكى ئۆتكۈنچى كۆڭۈلسىزلىكلەردۇر. ئەمما بۇ ئىشلار ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىش، داۋاملىق غەم-ئەندىشە قىلىش ھاياتىمىزنى نابۇت قىلىشقا يېتەرلىكتۇر. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بىز يۈز بېرىدۇ دەپ قورققان ۋە ئەندىشە قىلغان ئىشلارنىڭ 90% يۈز بەرمەيدۇ، يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ بىز ئويلىغاندىن يېنىك بولىدۇ.
قورقۇش ۋە ئەندىشىنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ مۇسىبەتلەرگە ۋە قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى پەرقلىق بولغانلىقتىن، بەزى كىشىلەر بولمىغان ۋە بولۇش ئېھتىمالى تۆۋەن بولغان ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى ئۇپرىتىدۇ، كۆپ ئويلىنىش، زىيادە غەم قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەكۈنلىشىچە، بىزنىڭ قورقۇنچلىرىمىزنىڭ 90% ى ئېھتىمال دەرىجىسىدىكى قورقۇنچلار بولۇپ، يۈز بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن ئاز ياكى ھېچ يۈز بەرمەيدىكەن.
كورونا زامانىدا كۆردۇقكى، كورونا ۋىرۇسىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تولىسى قورقۇنچ سەۋەبلىك كېسەل بولغان بولسىمۇ، كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يوقنىڭ ئورنىدا بولغان. شۇڭا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خاپىلىقلاردىن قورقۇپ تولا ئويلىنىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ تەدبىرىنى ئېلىش بىلەن بىللە ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش ئاقىلانىلقتۇر.
ئىبرەت:
— بىزنىڭ قورقۇنچلىرىمىز كىچىك ئىشلار ئۈچۈنمۇ يوغان سايىلارنى تاشلايدۇ.
— قورقۇنچنى 100% توسىدىغان رېتسىپ يوق، ئەمما ئىجابىيلىق ۋە تەجرىبىلەر قورقۇنچلىرىمىزنىڭ 90%نى تۆۋەنلىتىدۇ.
— سىزنىڭ قورقىدىغىنىڭىز كېلەچەكتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلاردۇر. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، سىز نېمە ئۈچۈن تېخى بولمىغان، بەلكى ھېچ بولمايدىغان ئىشلارنى ئويلاپ بۈگۈنىڭىزنى ماتەمگە ئايلاندۇرىسىز؟
[1] قۇرەيش سۈرىسى.
2024-يىلى 22-ئاۋغۇست
مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى