ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى 4 مىليون 400 مىڭ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە بايانات ئىلان قىلدى

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان پۇقرالار ھوقۇقى ۋە تەشۋىقات تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى (CAIR) بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلغىنىدەك شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى ئۇيغۇرلارنى 4 مىليون 400 مىڭ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش دەپ قارايدۇ.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاخىرىدا، دوكلاتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ "مۇستەبىت قانۇنلاشتۇرۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا" قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ۋە قەتئىي ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنىڭ ئەتە باشقىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلدى».

CAIR ھۆكۈمەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى روبېرت ماككاۋ باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىي 4 مىليون 400 مىڭ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى نوقۇل قانۇنسىزلىقتىن ھالقىپ كەتتى. بۇ بىر خەلقنى تارىخنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىدىن ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتۇر.

بۇ يېڭى دوكلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ ناھەق تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاخىرلاشقۇچە، خىتايغا قارىتىلغان جازا كۈچەيتىلىشى كېرەك».

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرمەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئارىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن بەش خىتاي شىركىتىنى ئىمپورت قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى قارشى ئالغان ئىدى.

2024-يىلى 22-ئاۋغۇست