قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي مۆجىزىلىرى

 
1841. سوئال: قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي مۆجىزىلىرى قايسىلار؟
 
جاۋاب: قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي ھەقىقەتلەردىن خەۋەر بەرگەن مۆجىزىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ دەلىللىرىدىن بەزىسى تۆۋەندىكىچە:
 
بىرىنچى: تەبىئىي پەن دەلىللىرى
 
(1) شامال ۋە بۇلۇتلارنىڭ قوزغىلىشى
 
بۇلۇتلارنىڭ يۆنىلىشى بۇلۇتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان شاماللارنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ. تەتقىقاتچى ئالىملار شاماللارنىڭ دېڭىز يۈزىگە كۆتۈرۈلگەن سۇ پارلىرىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ بۇلۇت ھاسىل قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا شامالنىڭ چاڭ ـ توزانلارنى ۋە بىر قىسىم تۇپراق دانچىلىرىنىمۇ يۇقىرىغا كۆتىرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇلار يەنە شاماللار كۆتىرىپ يۇقىرىغا ئېلىپ چىققان چاڭ ـ توزان، تۇپراق دانچىلىرى، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقچىلىرى ۋە تۇمان قاتارلىقلارنى دېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن سۇ پارلىرىغا ئارىلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دانچىلارنىڭ ئەتراپىنى سۇ پارلىرى ئوراپ ئاستا ـ ئاستا چوڭىيىشى نەتىجىسىدە ئېغىر بۇلۇت پارچىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
 
قۇرئان كەرىم بۇلۇتنىڭ شاماللار ئارقىلىق قوزغىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ شاماللانى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنىچە تارقىتىدۇ﴾( ).
 
قۇرئان يەنە، شاماللارنىڭ سۇپارلىرىنى ھەيدەيدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئېغىر بۇلۇت ھاسىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن يامغۇر تامچىلىرى چۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: ﴿بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق. بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر﴾( ).
 
(2) ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكى
 
كىشىلەر ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. تەتقىقاتچىلار زامانىمىزدىكى ئىلىم ـ پەننىڭ سايىسىدا ئاسمان جىسىملىرىدىكى قالدۇق تۈتۈن ماددىلىرىنى ۋە ئۇلاردىن يېڭى پلانېتلارنىڭ تەركىب بولىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئەمما قۇرئان كەرىم بۇھەقىقەتنى مۇندىن بۇرۇن قەيت قىلغان.﴿ئاللاھ ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى﴾( ).
 
(3) ئاي نۇرىنىڭ ئۈچۈرۈلگەنلىكى
 
تەتقىقاتچىلار ئاينىڭ ئەسلىدە قۇياشقا ئوخشاش يانىدىغان نۇرلۇق ماددا بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە كېچىدىكى ئاي نۇرىنىڭ پەقەت قارشى تەرەپتىكى قۇياشنىڭ نۇرىدىن ئەكس ئەتكەن (قايتۇرغان) يورۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ھالبۇكى قۇرئان كەرىم بۇھەقىقەتنى ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلغان: ﴿كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى (يەنى نۇرىنى) كۆتىرىۋەتتۇق﴾( ).
 
قۇرئان كەرىم يەنە قۇياشنى يانغۇچى چىراق، ئاينى يورۇقلۇق بەرگۈچى دەپ تەرىپلىگەن: ﴿ئاسماندا بۇرۇجلەرنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراق(قۇياش)نى ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر﴾( ).
 
بۇ ئايەتلەرد، ئاينىڭ يورۇقلۇقنى قۇياشتىن قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاللاھ تائالانىڭ قۇياش بىلەن ئاينى "ئىككى چىراغ" دەپ تونۇشتۇرماستىن، قۇياشنى " چىراغ"، ئاينى "نۇرلۇق" دەپ سۈپەتلىگەنلىكى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنى ئونۇتماسلىق كېرەككى، قۇرئان كەرىمدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ ئۆز ئورنىغا شۇنداق كەم – زىيادە قىلىنماستىن، ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەرگىزمۇ مەقسەتسىز ئەمەس. ئەرەب تىلىنىڭ زەۋقىنى تېتىغانلار بۇنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ.
 
(4) ھاۋا بوشلۇقىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكى
 
كىشىلەر ھازىرقى ئىلىم ـ پەن بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ئوكسېگىننى ھاۋانىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدىمۇ بار، دەپ گۇمان قىلىشاتتى. ئايروپىلان ئىجاد قىلىنىپ كىشىلەر ئاسمانغا ئۆرلىگەندىن كېيىن، ھاۋانىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇ جايلاردا نەپەسنىڭ سىقىلىدىغانلىقىنى بىلدى. ئەمما قۇرئان بۇ ھەقىقەتنى مۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان: ﴿ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ﴾( ).
بۇ ئايەتتە، ئىمان ئېيتىش قىيىن كەلگەنلىكتىن كۆكسى تارايغان كىشى ھاۋا بوشلۇقىغا چىققاندا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىدىن نەپىسى سىقىلغان كىشىگە ئوخشىتىلغان. بۇ ئايەتتە، ھاۋا بوشلۇقىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىدىن نەپەس ئېلىشنىڭ قىيىنلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.
 
(5) ھەر شەيئىنىڭ جۈپ ئىكەنلىكى
 
تەتقىقاتچىلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭمۇ خۇددى جانلىقلارغا ئوخشاش جۈپ ئىكەنلىكىنى، ھەتتا جاماداتلار(قاتتىق جىسىملار)نىڭمۇ جۈپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. قۇرئان كەرىم مۇنداق دېگەن: ﴿پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتقان، زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى جۈپ ياراتقان ئاللاھ بارچە نوقسانلاردىن پاكتۇر﴾( ).
 
(6) سېزىمنىڭ تېرىدە ئىكەنلىكى
 
تىببىي مۇتىخەسسىسلەر ئاغرىقنى ھېس قىلىش پەقەت تېرىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بەدەنگە ئوكۇل سېلىنغاندىمۇ ئوكۇل تېرىدىن گۆشكە ئۆتۈپ بولغىچە ئاغرىق ھېس قىلىنىدۇ. ئەمما ئوكۇل گۆشكە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاغرىق ھېس قىلىنمايدۇ. كۆيۈكمۇ شۇنداق. قۇرئان كەرىم بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى ئۆز ۋاقتىدىلا ئېلان قىلغان: ﴿شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازاپنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز﴾( ). چۈنكى تېرە كۈيۈپ بولسا، ئازاب ھېس قىلىنمايدۇ، شۇڭا تېرە يېڭىلىنىپ تۇرغاندىلا ئازاب داۋام قىلالايدۇ.
 
(7) دېڭىزنىڭ ئىچكى دولقۇنلىرى
 
كىشىلەر دېڭىزلارنىڭ سۇ ئۈستى دولقۇنلىرىدىن باشقا ئىچكى دولقۇنلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەيتتى، شۇنداقلا سۇ ئۈستى دولقونلىرىنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەن يورۇقلۇقنى توسۇۋېلىپ، سۇ تېگىدە قاراڭغۇلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ھازىرقى پەن ـ تېخنىكا بۇنى ئىسپاتلىدى. ئەمما قۇرئان ئەڭ ئاۋۋال بۇنى ئىسپاتلىغان ئىدى: ﴿دېڭىزنى قاتمۇ قات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ﴾( ).
 
(8) تاغلارنىڭ قوزۇق ئىكەنلىكى
 
ئارخېئولوگلار تاغلارنىڭ يەر ئاستىدىكى قىسمى يەر ئۈستىدىكى قىسمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، خۇددى قېقىلغان قوزۇققا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى يەر تەررەشنى ئاجىزلاشتۇرۇشتا مۇئەييەن رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ﴿(زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟﴾( )، ﴿يەر تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق﴾( ).
 
(9) يەرشارىنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتى
 
قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ. بۇ غالىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق. ھەربىرى پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرىدۇ﴾( ).
 
بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ ئورنى قۇياشتىن 93 مىليون مىل يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇ ئۆز ئوقىدا 24 سائەتتە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ ۋە قۇياشنىڭ ئەتراپىنى 365 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىپ بولىدۇ. زېمىن شار شەكىللىك بولۇپ، ئۇنىڭ بىر سائەتلىك ئايلىنىشى مىڭ مىل (1500 كىلومېتر) دۇر. ئۇنىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى بىر سائەتلىك ئايلىنىشى 65 مىڭ مىلدۇر. ئەگەر يەر شارى ئۆزىنىڭ ھازىرقى شەكلى ۋە ھەجمىدىن چوڭ ياكى كىچىك بولغان بولسا، زېمىندىكى ھاياتلىق باشقىچە بولغان بولاتتى. چۈنكى يەر شارىنىڭ شەكلى بىلەن ھەجمى ئۇنىڭ تېزلىكى ۋە ئايلىنىشىغا مۇناسىپتۇر. ئەگەر ئۇنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى بىر سائەتتە مىڭ مىل بولماستىن، ئۇنىڭدىن كەم ياكى زىيادە بولغان بولسا يەنە ھاياتلىق باشقىچە بولغان بولاتتى. مەسىلەن: ئۇنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ھازىرقىدىن زىيادە بولۇپ يۈز مىڭ مىل بولغان بولسا، كۈندۈزنىڭ ئۇزۇنلىقى 120 سائەتكە سوزۇلۇپ كېتىپ، زىرائەتلەر كۆيۈپ كەتكەن ۋە جانلىقلارمۇ ھالاك بولغان بولاتتى. ئەگەر كەم بولۇپ يۈز مىل بولغان بولسا، كۈندۈزنىڭ ۋاقتى ئاران 1سائەت 20 مىنۇتقا قىسقىراپ كېتىپ، زىرائەتلەر پىشمىغان بولاتتى. شۇنىڭدەك، ئەگەر يەرشارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى يىللىق ئايلىنىشى ھازىرقىدىن كەم ياكى زىيادە بولغان بولسا، دۇنيادىكى 4 پەسىلدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، يامغۇرنىڭ يېغىش نىزامى بۇزۇلغان بولاتتى. شۇنداقلا، ئەگەر يەرشارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان مۇساپىسى ھازىرقى مىقدارىدىن يېقىن بولغان بولسا، يەرشارىدىكى ئىنسان، ھايۋان، دەل – دەرەخ، ئۆسۈملۈك ۋ زىرائەت ھەممىسى كۆيۈپ كۈل بولغان بولاتتى، ئەگەر بۇ ئىككىسىنىڭ مۇساپىسى ھازىرقى مىقدارىدىن يىراق بولغان بولسا، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى توڭلاپ نابۇت بولغان بولاتتى. دېمەك، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز ئىلمى ۋە پۇختا پىلانى بىلەن ئەزەلدە شۇنداق بېكىتىلگەن قانۇنىيەتلەردۇر.
 
(10) زەررىدىن كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقى
 
قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاسمان- زېمىندىكى زەررە (ئاتوم) چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچ قايسىسى ئاللاھ تائالانىڭ بىلىشىدىن چەتنەپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدا خاتىرلەنگەن﴾( ). بۇ ئايەت ئەڭ كىچىك نەرسە - ئاتوملا ئەمەس، بەلكى ئاتومدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ماتېرىيالىزمچىلار 19- ئەسىرگە كەلگۈچىلىك ئەڭ كىچىك نەرسە ئاتوم دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرى ئاتومدىن كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئاتومنىڭ كىچىك پارچىلىرى پروتون، نېىترون ۋە ئېلېكتروندىن ئىبارەت.
 
(11) ھەر نەرسىنىڭ ئۆلچەملىك يارىتىلغانلىقى
 
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق. ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق. يەر يۈزىدە ھەر خىل تەكشى ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ياراتتۇق﴾( ). دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ھەر نەرسە مەلۇم مىقداردا ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: ئوكسىگېننىڭ مىقدارى %21 بولماي % 50 بولغان بولسا، دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار ئەڭ كىچىك بىر شامال بىلەن ھالاك بولغان بولاتتى. دۇنيادىكى جانلىقلار ئوكسىگېندىن نەپەس ئېلىش ئارقىلىق ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇلار ئوكسىگېندىن نەپەس ئېلىپ، كاربۇن4 ئوكسىدىنى سىرتقا چىقىرىدۇ. زىرائەتلەر، ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەل- دەرەخلەر كاربون 4ئوكسىدىنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىدىكى ساپ ئوكسىگېننى سىرتقا چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ قانۇنىيەت ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولسا ئېدى، جانلىقلار ۋە جانسىز ئۆسۈملۈكلەر ياشىمىغان بولاتتى. بۇ ئايەتتىكى ﴿ئۆلچەملىك﴾دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «نىسبەتنىڭ باراۋەرلىكى» دېگەنلىكتۇر. ھازىرقى زامان خېمىيە ئالىملىرى زىرائەتلەردىكى بارلىق ماددىلارنىڭ ئەڭ نازۇك ئۆلچەمدە تەڭپۇڭلاشقان نەرسىلەردىن مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.
 
(12) بارماق ئىزلىرىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى
 
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿بىز ئۇلارنىڭ بارماقلىرىنىمۇ ئوخشاش قىلىشقا قادىرمىز﴾( ) دېگەن. بىر ئىنساندىكى ئورگان يەنە بىر ئىنساندىكىسىگە ئوخشايدۇ. مەسىلەن: كۆز كۆزگە، قۇلاق قۇلاققا، قول قولغا، بۇرۇن بۇرۇنغا ئوخشايدۇ. بىراق، بارماقلارنىڭ سىزىقلىرى ھەرگىزمۇ بىر- بىرىگە ئوخشاش چىقمايدۇ. بەلكى ھېچبىر ئادەمنىڭ بارماق ئىزى يەنە بىرسىنىڭ بارماق ئىزىغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتىكى ﴿بارماقلىرىنىمۇ ئوخشاش قىلىشقا قادىرمىز﴾ دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بارماق ئىزلىرىنىڭ بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. بۇ ھەقىقەت 1884- يىلى كەشپ قىلىنىپ، شۇندىن بېرى بارماق ئىزلىرى ئىنسانلارنى بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلماقتا.
 
مۇندىن باشقا قۇرئان كەرىم ئالدىن خەۋەر بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر زامانىمىزدا، ئىلىم ـ پەن سايىسىدا ئىسپاتلاندى ۋە نۇرغۇنلىرىنىڭ يېقىن كېلەچەكتە ئىسپاتلىنىشىغا ئىشىنىمىز.
 
ئىككىنچى: ئارخېئولوگىيىلىك دەلىللەر
 
(1) تۇپان ۋەقەسى
 
قۇرئان كەرىمدە ۋە باشقا ساماۋىي كىتابلاردا نۇھ (Noah) ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئۈچۈن ياسالغان كېمە ھەققىدىكى قىسسە بايان قىلىنغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام 950 يىل ئۆمۈر سۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆمۈر بويى قەۋمىنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئېدى. ئاللاھ ئۇنى كېمە ياساشقا بۇيرۇيدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمىنى ئاللاھ بۇيرىغان شەكىلدە ياساپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ۋە ھەر جانلىقتىن بىر جۈپتىن كېمىسىگە ئالىدۇ. بىر مۇددەتتىن كېيىن شىددەتلىك بىر يامغۇر يېغىپ «ئاللاھنىڭ ئازابى نەدە؟ ئۇنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەپ نۇھ ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى سۇدا غەرق بولۇپ تۈگىشىدۇ.
 
بۇ ۋەقە ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 68 پارچىدىن كۆپرەك داستان يېزىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋەقەلىكنى سۆزلىگەن. زامانىمىزدا ئارخېئولوگىيە ئىلمى سايىسىدا بۇ ۋەقە شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلانغان. يېقىنقى يىللاردىكى ئارخېئولوگىيە دەلىللىرىغا ئاساسلانغاندا بۇ ھادىسىنىڭ پۈتۈن يەرشارىغا ئومۇم بولغانلىق ئېھتىمالى كۈچلۈكتۇر.
 
1960 ـ يىللىرىدا ئامېرىكىلىق ئىككى ئارخېئولوگ تەرىپىدىن مېكسىكا قولتۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە كۆرە، بۇ جايدىكى جانلىق مىكروئورگانىزم ماددىلىرىنىڭ قەدىمكى زامانلارغا ئائىت قالدۇقلىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. مىيامى ئۇنىۋېرسىتېتىدىنCesare ۋە Rodhe ئىسىملىك ئىككى ئارخېئولوگ، ئىسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدىن James Kannet ۋەكامبرج ئۇنىۋېرسىتېتىدىن Nicolas لاردىن تەشكىللەنگەن تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان مېكسىكا قولتۇقىدىكى بىر تۇزلۇقتا درامماتىك بىر چوڭ ئۆزگىرىش بايقالغان. بۇ بولسىمۇ، مۇندىن 11600 ـ 12000 يىللار بۇرۇن مېكسىكا قولتۇقىنىڭ تاتلىق سۇ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئېدى. ساماۋىي كىتابلاردا بۇ ۋەقەلىك «تۇپان سۈيى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.( )
 
(2) ئاد، سەمۇد قەۋملىرىنىڭ شەھەرلىرى
 
ئاد، سەمۇد قەۋملىرىنىڭ شەھەرلىرىنىڭ بارلىقى قۇرئان كەرىمدە سۆزلەنگەن بولسىمۇ، يېقىنغىچە بۇلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ياۋروپالىقلار رەت قىلىپ كەلگەن ئېدى. پەن - تېخنىكىنىڭ سايىسىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلارنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ شەھەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان. سەمۇد قەۋمى چوڭ ئاد قەۋمىنىڭ بىر بۆلۈكى بولۇپ، بۇلار مەككىدىن سىناغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. سەمۇد قەۋمى قۇرئاننىڭ «ئەئراف»، «ھۇد»، «ھىجر» ۋە «قەمەر» سۈرىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان. «پاتلايمۇس تارىخى» ناملىق قەدىمكى زامانلارغا ئائىت تارىخىي ئەسەر تېپىلغاندىن كېيىن، قېزىشلار بۇنىڭغا ئاساسەن باشلانغان ۋە ئەمەلىيەتتە بۇ قەۋملەرنىڭ شەھەرلىرى تېپىلغان.
 
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاسارە ئەتىقە ئالىمى دوكتۇر ئابدۇراھمان ئەنسارىي تەرىپىدىن ئەرەبىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى «مەدائىنى سالىھ» دېگەن يېرىدە ئېلىپ بېرىلغان قېزىشتا، سەمۇد قەۋمىنىڭ شەھەرلىرى بايقالغان. بۇ شەھەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000 ـ يىللارغا ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭدىن قۇم دۆۋىسى ئاستىدا قالغان، تاشتىن ياسالغان كاتتا سارايلار ۋە شۇ ۋاقىتتىكى سەمۇدىيە يېزىقلىرى بىلەن يېزىلغان تارىخىي ۋەسىقىلەرمۇ تېپىلغان( ).
 
(3) ئىرەم شەھىرى
 
ئىرەم شەھىرىدە ھۇد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋملىرى ياشىغان بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ھۇد قەۋمىنىڭ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشتىن باش تارتىپ، كۇپرى ـ زالالەت ۋە ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىش بىلەن ئۆتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىرەم شەھىرىدە ئۆتكەنلىكى ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ «سەرسەر» دەپ ئاتالغان كۈچلۈك بىر بوران بىلەن بىر كېچىدىلا ھالاك قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن. ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد قەۋمىنى، يۈكسەك بىنالىرى بىلەن ئوخشىشى يارىتىلىپ باقمىغان ئىرەم شەھىرىنى، ۋادىقۇرادا( ) تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇد قەۋمىنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟﴾( ).
 
1982 ـ يىلى كالىفورنىيىلىك بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نامىنى بىر ئىنگىلىز جاسۇسىدىن ئاڭلىغان قەدىمىي شەھەر يوللىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، بۇلار نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. كېيىنچە ئۇلار مەخسۇس رادارلارنى ئىشقا سېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئوممان چۆللىرىگە تارقىلىدۇ. ئەڭ ئاۋۋال ئۇلار قەدىمىي شەھەر يوللىرىنى تېپىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار، ئىككىنچى ئەسىردە ئۆتكەن «پاتلايمۇس» دېگەن تارىخچى بايان قىلغان ئىرەم (تارىخچى ئىرېم دەپ ئاتىغان) شەھىرىنى 12 مېتىر قېلىنلىقتىكى قۇملۇقنىڭ ئاستىدىن تېپىپ چىقىدۇ. 4800 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان بۇ شەھەرنىڭ تېپىلغانلىقى «چۆللەرنىڭ ئاتلىسى» (Atlantic of the Sandُ) سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئامېرىكىنىڭ «Times» ۋە «Newsweek» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان( ).
 
يۇقىرىقى شەھەرلەرنى ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ قەۋملىرىنى كەرىم چۈشكەن ۋاقىتلاردىمۇ ھېچكىم بىلمەيتتى. بىرىنچى بولۇپ قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىدىن، ئەھۋالىدىن ۋە ئاقىۋەتلىرىدىن خەۋەر بەرگەن.
 
(4) پىرئەۋننىڭ جەسىدى
 
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىز ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق بىلەن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقتىدا « ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتتىم. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى.(ئۇنىڭغا ئېيتىلدىكى،) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغانىدىڭ. سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىدىڭنى قۇتقۇزىمىز»﴾( ).
 
ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ئىنگلىزلەر تەرىپىدىن قىزىل دېڭىز بويىدىكى «جەبەلەين» دېگەن جايدىن پىرئەۋننىڭ جەسىدى تېپىلىپ، ئەنگىلىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ جەسەتنىڭ ئۆمرىنى بىلىش ئۈچۈن، جەسەتلەرنىڭ ئۆمۈرلىرىنى بىلىشتە قوللىنىلىدىغان ھەرتۈرلۈك مېتودلارنىڭ ھەممىسى قوللىنىلغاننىڭ سىرتىدا، كاربون 14 مېتودىمۇ ئىشقا سېلىنغان. ئەجەپلىنەرلىككى، بۇ جەسەت 3000 يىللىق بولۇپ چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تىرىسىلا چۈرۈگەن، ئەمما ئورگانلىرى بۇزۇلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ جەسەد مۇمىيا قىلىنمىغان ئىكەن. چۈنكى مۇميا قىلىنغان جەسەتلەرنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ھالبۇكى، پىرئەۋننىڭ جەسىدىنىڭ ئورگانلىرى جايىدا ئېدى. ھازىر بۇ جەسەت ئەنگلىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا.
 
ئۈچىنچى: تېخنىكىلىق دەلىللەر
 
(1) ئېمبىرىئولوگىيە (تۆرەلمەشۇناشلىق ئىلمى) بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان فرانسىيە تىببىي ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور (Maurese) زامانىۋى تىببىي ئاپپاراتلار ئارقىلىق ئانا قورسىقىدىكى بالا ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ، قۇرئان كەرىمدە ئەسىرلەر بۇرۇن بىلدۈرۈلگەن ھەقىقەتلەرنىڭ ئەينىسى بولۇپ چىققانلىقىغا ھەيران قالغان ۋە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۆپ تىراژلىق گېزىت، ژۇرناللىرىدا (the Quran and Modern science) «قۇرئان ۋە زامانىۋىي مېدىتسىنا» ماۋزۇ ئاستىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.
 
قۇرئان كەرىمدە مۇنداق كەلگەن: ﴿ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى ئۈچ قات پەردە) ئىچىدە يارىتىدۇ﴾( ). بۇ ئايەتتىكى ئۈچ قات پەردە - بالا ھەمراھىنىڭ پەردىسى. بالاياتقۇ ۋە ئانىنىڭ قورسىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قات پەردىدۇر. يېقىنقى زامان مېدىتسىنا ۋە تەبىئەت مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئۈچ قات پەردىنى تەتقىق قىلىپ كۆرۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ئىسىملارنى قويغان. ئۇلار «مىنبارى»، «خوربۇن»، «لەفائىفى» دەپ ئاتىلىدۇ.
 
(2) فرانسۇز سۇ تەتقىقاتى ئالىمى Jac Cousteau ئاق دېڭىز بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى بىرـ بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان«جەبەلىتارىق» بوغۇزىدا (كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان)بىر سۇ توسمىسىنىڭ بارلىقىنى، ئىككى پەرقلىق ئىسسىقلىققا ۋە تۇزلۇق ئورانىغا ئىگە بولغان بۇ دېڭىز سۈيىنىڭ بىر ـ بىرىگە ئارىلىشىپ كەتمەستىن، بىرى تاتلىق، يەنە بىرى ئاچچىق ھالىتى بويىچە، بىر ـ بىرىگە يېقىن ئېقىۋاتقانلىقىنى بايقالغان. ئەدەن قولتۇقىنى قىزىل دېڭىزدىن ئايرىپ تۇرىدىغان مەندەب بوغۇزىدىمۇ سۇ توسمىسىنىڭ بارلىقى بايقالغان. بۇ قېتىمقىسىنى گېرمانىيىلىكلەر تېپىپ چىققان. دۇنيانىڭ كۆپ مەملىكەتلىرىدە سۇ توسمىسىنىڭ بارلىقى بايقالغان. مەسىلەن: بېنگال، بېرما ۋە ھىندىستاندىمۇ بۇ تۈردىكى سۇ توسمىلىرى بولغان دېڭىز، دەريالارنىڭ بارلىقى كېيىنكى يىللاردا بايقالغان.
 
يۇقىرىقىلارنى Cousteau دوستى پروفېسسور M.Bukail غا ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇ، بۇ ھەقىقەتنىڭ ئەمدىلا مەيدانغا كەلگەن ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا قۇرئان كەرىمدىن بۇلارنى ئوقۇغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلىدۇ: ﴿ئۇ، ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق قىلىپ) ئاققۇزىدۇ. ئۇلار ئۇچرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر ـ بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ﴾( ).
 
تۆتىنچى: ئاسترونومىيىلىك دەلىللەر
 
(1) يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتى
 
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قۇياش بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەربىرى پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرىدۇ﴾( ).
 
بۇ ئىبارىلەر ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئانچە ھەيران قالارلىق ئىبارىلەر ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى، بەزى ۋاقىتلاردا ئورۇنلىرىنىڭ يىراقلاشقانلىقىنى كۆرۇپ تۇراتتى. لېكىن ھەر بىر يۇلتۇزنىڭ ئايلىنىدىغان پەلەكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەندەك، قۇياشنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدىمۇ ھېچنەرسىنى بىلمەيتتى.
 
قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئايىتىنىڭ شۇ ئەسىرلەردە تونۇلمىغان يېڭى مەرىپەتلەر بىلەن كەلگەنلىكى ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ سۆزى بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىرى ئىكەنلىكىگە ئوچۇق دالالەت قىلىدۇ.
 
دوكتۇر موررىس بوكاي بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئان كەرىم زېمىننىڭ مەركىزىي نوقتا ئىكەنلىكى، قۇياشنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پەلەك ھەققىدىكى كونا چۈشەنچىنى بايان قىلماستىن بەلكى قوياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بەلگىلەنگەن مۇئەييەن پەلەكلىرى ئىچىدە سەير قىلىدىغانلىقىنى يېڭى دەۋرى ئىلمىگە ئۇيغۇن ھالدا بايان قىلماقتا»( ).
 
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئان كەرىم ھەر بىر يۇلتۇزنىڭ بەلگىلەنگەن پەلەك ئىچىدە ئايلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى ئەسىرلەردە تونۇلمىغان يېڭى بىر چۈشەنچىنى تەقدىم قىلدى. قۇرئان كەرىم سۆزلىگەن قۇياشنىڭ ئايلىنىشى-يېڭى ئىلىم ئىسپاتلىغاندەك- قۇياشنىڭ سېكونتىغا 250 كىلو مېتىر تىزلىك بىلەن ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىدۇر».
 
دوكتۇر موررىس بوكاي يەنە سۆزىگە داۋام قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« يۇنان پەلسەپىلىرى، رىم قانۇنلىرى، ھىندىستان ھېكمەتلىرى، ئەرىستۇتىل ۋە ئەپلاتۇننىڭ نەزىرىيىلىرىدىن يىراق، ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم قالغان جاھالەت ئىچىدىكى بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدا، قاقاسلىق سەھرا ھاياتىدا ئۈسۈپ يېتىلگەن بىر زاتنىڭ كائىنات نىزاملىرى ھەققىدە 20- ئەسىرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن ھالدا بەدىئىي ئىبارىلەر بىلەن سۆزلىگەنلىكى ئىنساننى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭغا نەزەر سالغان ئىنسان، ئۇ زاتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات ئەسىرىدىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرىكى مەرىپەتلەرنى قوشۇمچە قىلىش بىلەن بىرگە، ئىلگىركى پەلسەپىلەردىن كېلىپ چىققان خاتا قاراشلارغا تۈزۈتۈش بەرگەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ.
 
يۇقىرىقىلاردىن كېيىن: «قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجادىيىتى ياكى ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ تەلىماتى» دېيىش ئەقىلغا سىغامدۇ؟.
 
ئەگەر قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجادىيىتى بولسا ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شۇ ئەسىرنىڭ ئىلىم -مەرىپەتلىرى بويىچە سۆزلىگەن بولاتتى، ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ ئەسىرنىڭ ئىلىم -مەرىپەتلىرىدىن خەۋەرسىز ئىدى، سۆزلىگەن ۋاقىتتا ئۇ ئەسىرنىڭ ئىلىم- مەرىپەتلىرىنىڭ ئەكسىچە سۆزلەتتى، ئۇ ئەسىردىكى خاتالىقلارنى پاش قىلاتتى.
 
مانا بۇ ھەقىقەتلەر بىزنى "قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتنىڭ تەلىماتى ۋە ئىجادىيەتلىرى بولماستىن، بەلكى ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر" دېيىشىمىزگە مەجبۇر قىلىدۇ»( )
 
(2) زېمىننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكى
 
قۇرئان كەرىم كىچە، كۈندۈز ھەققىدە ھېچكىم ئىنكار قىلالمىغىدەك ناھايىتى ئوچۇق چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ۋاقىتتىكى خەلقنىڭ ئىلىم – مەرىپەت ۋە ئەقىل-سەۋىيىسىگە تامامەن ئۇيغۇن كەلگەندەك، زېمىننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى ئەسىرلەردىكى ئىنسانلار بايقىيالمىغان كۆپلىگەن ئىلىمىي ھەقىقەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا چۈشكەن.
 
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى، كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمەمسەن؟ (قۇياش بىلەن ئاينىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ئۆز پەلىكىدە) سەير قىلىدۇ﴾( ).
 
﴿شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشتە قارار ئالغان، كېچىنى تۇرماستىن ئۆزىنى قوغلايدىغان كۈندۈزگە كىرگۈزۈپ، (ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپقان، قۇياشنى، ئاينى ۋە يۇلتۇزلارنى ئەمرىگە بويسۇندۇرغان ئاللاھتۇر﴾( ).
 
﴿ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە سەير قىلىدۇ﴾( ).
 
بۇ ئايەتلەر ئىنسانلارغا كۈندۈزدىن كىيىن كېچىنىڭ، كېچىدىن كىيىن كۈندۈزنىڭ كېلىشىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بىرىدۇ.
 
ئۆتمۈشتىكىلەر كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئاددى ھەقىقەتنى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ ئايەتلەردىن ئانچە ھەيرانلىق ھېس قىلمىغان. ئەمما ھازىرقى ئىنسانلار بۇ ئايەتلەردە زېمىننىڭ ئايلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى ئىنسانلار بايقىيالمىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئىنسانلار بۇ ھەقىقەتلەرنى پەقەت يېڭى ئەسىردىلا بايقىدى.
 
يۇقىرىقى ﴿ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ﴾ دېگەن مەنىدىكى ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىپ، چۈشىنىپ ئوقۇغىنىمىزدا، بۇ ئايەتلەرنىڭ زېمىننىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى ئوچۇق ئىشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.
دېمەك، كۈندۈزنى يوشۇرۇپ، كېچىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە كۈندۈز كېچىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىلىدۇ. كېچىنى ئۆچۈرۈپ، كۈندۈزنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن كېچە كۈندۈزنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋېتىلىدۇ.
 
بۇ ئىككى كىرگۈزۈشنىڭ ئوتتۇرىسىدا شار شەكىللىك بىر جىسىمنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز، ئەنە شۇ جىسىم كېچە بىلەن كۈندۈزنى بىر - بىرىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدۇ، بىرىنى يەنە بىرىدىن يوشۇرىدۇ. بىرىنىڭ يەنە بىرىنى يېپىشى ئادەتتىكى تۈز شەكىللىك جىسىم بىلەن ھاسىل بولمايدۇ، بۇ پەقەت شار شەكىللىك بىر جىسىمنىڭ ھەرىكىتىدىن ھاسىل بولىدۇ.
 
دېمەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى يېڭى دەۋر ئىلىم ئەھلىلىرى ئىشىنىپ، باش ئەگكەن ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئېچىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ھەقىقەتلەر بىلەن ھەرگىزمۇ زىتلىشىپ قالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن بولدى.
 
مانا بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىيىتى بولىشى مۇمكىنمۇ؟
 
يۇقىرىقى ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى 14 ئەسىر بۇرۇن قۇرئان كەرىم سۆزلىگەن ئىكەن، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بۇلارنى شۇ ۋاقىتتىلا ئېلان قىلىپ، ھازىرقى ئەسىردىكىگە ئوخشاش ھەممە كىشى قوبۇل قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرمىگەن؟ بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق: قۇرئان كەرىم تا قىيامەتكىچە ھەرقانداق زامانلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى ۋە ئەقىل قابىلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېگانە كىتاب. قۇرئان كەرىم سۆزلىگەن ئىلمىي ھەقىقەتلەر ئۆتمۈشلەردىكىلەرنىڭ ئەقلى ۋە ئىلىم سەۋىيىسىگە مۇۋاپىقلاشقان ۋە ئۇلار بىلەن قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يۈز بەرمىگەندەك، ھازىر ئىسپاتلانغان ئىلمىي كەشپىياتلار بىلەنمۇ تامامەن ماسلىشىدۇ، تا قىيامەتكىچە شۇنداق ماسلىشىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى ۋە ئەقىل – قابىلىيىتى ئىدراك قىلالمىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر كېيىنكى زامانلاردا چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
 
بەشىنچى: تىببىي دەلىللەر
 
(1) ھەسەلنىڭ شىپالىق ئىكەنلىكى
 
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ھەسەل ھەرىسىنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپالىق بولىدىغان خىلمۇ خىل رەڭلىك ئىچىملىك (ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار﴾( ) دەيدۇ.
 
تارىختىن بىرى ئىنسانلار ھەسەلنىڭ شىپالىق ئىكەنلىكىنى ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىلىرى بىلەن ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، كۈنىمىزدىكى زامانىۋىيلاشقان مېدىتسىنا ئىلمى سايىسىدا ئۇنى قەتئىي شەك قوبۇل قىلمايدىغان ئىلمىي ھەقىقەتكە ئايلاندۇرغان. ھەسەلنىڭ شىپالىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. قىسىقىسى، دوختۇرلار ئۇنى كۆپلىگەن ھەرخىل كېسەللەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا. ھەسەلدە مېكروبلارغا قارشى ماددىمۇ بولغاچقا ئۇنى كۆيۈكلەرگە، يارىلارغا سۇۋاشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىمەكتە. مۇندىن باشقا بوۋاقلارنىڭ ئەت ئېلىشى ۋە تەن ساقلىقىنى ساقلىشى ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا ھەسەل يېگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلماقتا. تىببىي مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن بىر جۈپ ئىككى كېزەكنىڭ بىرىگە كۈندە مەلۇم مىقداردا ھەسەل ئىستېمال قىلدۇرۇش بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە نەتىجىسىدە، ئىككى ئايلىق مۇددەت ئىچىدە كۈنلۈكى مەلۇم مىقداردا ھەسەل ئىستېمال قىلغان بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى، ھەسەل ئىستېمال قىلمىغان بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقىدىن 2 كىلو ئارتۇق كەلگەن.
 
(2) بوۋاققا ئانا سۈتىنى ئەڭ ئاز ئىككى يىل ئېمىتىش لازىم ئىكەنلىكىنى دەسلەپ قۇرئان كەرىم سۆزلىگەن. تېخى 5 ـ 10 يىل بۇرۇنلا ئۆزلىرى ياساپ چىققان سۈنئىي سۈتنى ماختاپ، «ئەمدى ئانا سۈتىنىڭ كېرىكى يوق» دەپ داۋراڭ سالغان ياۋروپالىقلار، ئەمدىلىكتە، پەن – تېخنىكىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، بوۋاقلارغا ئانا سۈتىنى ئەڭ ئاز دېگەندە 1ـ 2 يىل بېرىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
 
(3) تازىلىق، پاكىزلىق مۇسۇلمانلاردا مىلادىيە 6 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەڭ مۇقەددەس سانىلىپ كەلگەن بىر ئەنئەنە بولسا، ياۋروپادا تېخى 1800 ـ يىللىرىغا كەلگىچە تەرەتخانا، مۇنچا دەيدىغان نەرسىلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكى تارىخلاردىن مەلۇم. 1500 ـ يىلى شەرقنى كەزگەن بەزى ياۋروپالىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر بىر ئۆينىڭ مەخسۇس تەرەتخانىسى، مەخسۇس مۇنچىسى بارلىقىنى كۆرۈپ، شەرق توغرۇلۇق ئىجابىي ئەسەرلەرنى يازغان ئىكەن.
 
ئەمما مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ تەربىيىسى بىلەن، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىغىدا، ئاز دېگەندە ھەپتىدە ئىككى ـ ئۈچ قېتىم مۇنچىغا كىرىشنىڭ، ساقال ـ بۇرۇتلارنى ۋە قول ـ پۇتلارنىڭ تىرناقلىرىنى ھەپتىدە بېرەر قېتىم قىسقارتىپ، تازىلاپ تۇرۇشنىڭ، كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئۈچۈن 5 قېتىم تاھارەت ئېلىپ، ئېغىز، بۇرۇن، قول، پۇت ۋە يۈزلىرىنى 5 قېتىم يۇيۇشنىڭ، گاھىدا پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇپ غۇسلى قىلىشنىڭ،كىيىم كونا بولسىمۇ، يۇيۇپ چىرايلىق، پاكىز كىيىشنىڭ، ئاممىۋىي پائالىيەتلەرگە، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلارغا بېرىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، ئۆزىگە خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ بېرىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەنئەنە ۋە ئېسىل مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەل قىلىپ كەلگەن.
 
(4) ھاراقنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەڭ ئاۋۋال قۇرئان سۆزلىگەن. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراقنىڭ ئېزى ۋە كۆپى بەرىبىر ئوخشاشلا ھارام ۋە تەن ساقلىققا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ھازىرقى پەن تېخنىكىنىڭ سايىسىدا، ھاراقنىڭ زىيىنى ناھايىتى ئېنىق ۋە شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلانماقتا. ھاراقنىڭ ھۈجەيرىلەردە، خۇسۇسەن مېڭە ھۈجەيرىلىرىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى زامانىمىزدا ئىلمىي ھەقىقەتكە ئايلانغان. ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىنغان ھاراقنىڭمۇ، تەسىرى ھامان بىلىنمىگەن بىلەن ئاستا ـ ئاستا ئادەم جىسمىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ھەرتۈرلۈك كېسەللىكلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىمۇ بىر ئىلمىي ھەقىقەتتۇر. ھاراقنىڭ زىيىنى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايمەن. چۈنكى ھەركىم ئۇنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇبدان بىلىدۇ. قىسقىسى، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە قانداقلا بىر ناچار ئىللەت ۋە ئەخلاقسىزلىق بولسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم ھاراقنىڭ بارلىقى بايقالماقتا.
 
يۇقىرىقى ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇنقى زامانلارنىڭ شارائىتىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان، ئىلمىي كەشپىياتلارنى ئاچىدىغان ئىلىم ـ پەنگە ياكى ھازىرقىدەك زامانىۋىي ئاپپاراتلارغا ئىگە بولمىغان، ساۋاتسىز بىرسىنىڭ بىلەلىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق.
 
ئالتىنچى: ئىجتىمائىي دەلىللەر
 
(1) بالىلار ھوقۇقى
 
مىلادىيە 6- ئەسىرگە كەلگۈچىلىك تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قىز بولۇشى جىددىي بىر ئەيىب ئېدى. يالغۇز ئەرەب يېرىم ئارىلىدىلا ئەمەس، بەلكى كۆپىنچە ئەللەردە ئەھۋال شۇنداق ئىدى. پەقەت يېڭى دىن (ئىسلام دىنى)نىڭ كېلىشى بۇ ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى.
 
قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن:
 
بالىلار ھۆردۇر، قىز ـ ئوغۇللار ھۆرمەتتە ئوخشاش تۇغۇلىدۇ ۋە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
 
بالىلار مال ـ مۈلۈك ئىگىسى بولالايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن كەلگەن ھەدىيەلەر، ياردەملەر ۋە ئۇلارغا ئاتىۋېتىلگەن مال ـ مۈلۈكلەر ئۇلار بالاغەت يېشىغا يېتىپ ئەقىل ـ ئىدراكقا ئىگە بولغانغا قەدەر ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنىپ ساقلىنىدۇ. كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز قوللىنىلمايدۇ.
 
بالىلارغا گۈزەل ئىسىملارنى قويۇش كېرەك.
 
بالىلارنى ئوقۇتۇش ۋە ياخشى تەربىيىلەش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى مۇھىم پەرزلەرنىڭ بىرى.
 
بالىلارنى 10 ياشقا كىرگەنگە قەدەر ئۇرۇشقا بولمايدۇ.
 
بالىلارنىڭ ئۆيلۈك ـ ئۇچاقلىق بولغانغا قەدەر بارلىق چىقىملىرى ئاتىسىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. كىچىك بالىلارنى مەئىشەتنىڭ تىرىكچىلىكلىرىگە شېرىك قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
 
بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىنمايدۇ.
 
بالىلار ئۈچۈن بەددۇئا قىلىنمايدۇ.
 
بالىلار ئارىسىدا ئادالەتلىك بولۇش كېرەك، بىرىنى دەپ باشقىلىرىنى رەنجىتىشكە بولمايدۇ.
 
دۇنيادا «بالىلار ھوقۇقى باياننامىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى 20 ـ ئەسىرنىڭ بىر يېڭىلىقى بولدى.
 
مەلۇمكى، قۇرئاننىڭ بالىلار ئۈچۈن بەرگەن ھۆرمىتى ۋە ئەھمىيىتى دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر قانۇندا تېپىلمايدۇ. تەبىئىيكى، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى خورلىماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى ئۈچۈن يەرلىك قانۇنلار ئىشقا يارىمايدۇ. چۈنكى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى ئۆي ئىچىگە يارىمايدۇ. قانۇن پەقەت ئاتا ـ ئانىلارنىڭ يۈرىكىدىن چىقىشى لازىم. بۇ بولسىمۇ، بىر ھېساب كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ۋە بالىلارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى قوغدىماسلىقنىڭ جازاسىنى چوقۇم كۆرىدىغانلىقىنى بىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
 
(2) ئاياللار ھوقۇقى
 
مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇن دۇنيا تارىخىدا بىرىنچى قېتىم ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھۆر ۋە ھۆرمەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەق ـ ھوقۇققا، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشكە ئىگە ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. بۇنى ئىسلام دىنى ئېلان قىلدى.
 
تېخى مىلادىيىنىڭ 1700 ـ يىللىرى فرانسىيىدە ئاياللارنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكى ياكى باشقا بىر جىنس ئىكەنلىكى توغرۇلۇق جىددىي تالاش ـ تارتىشلار بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن.6ـ ئەسىرنىڭ شارائىتىدا ئاياللار دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن، قۇل ئورنىدا كۆرۈلەتتى. يەھۇدىي دىنىدا ئاياللار شەيتانلارنىڭ بىر تۈرى دەپ قارالغان بولسا، بۇددىزمدا ئاياللار جىن، دەپ قارىلاتتى. ھىندىيلارنىڭ دىنىدا بولسا، ۋابا، كېسەللىك ۋە باشقىمۇ بەختسىزلىكلەر ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ، دەپ قارىلاتتى. ھىندىيلار ئېرى ئۆلگەن ئايالنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئېرى بىلەن بىرگە كۆيدۈرەتتى. ھازىرمۇ بۇ ئادەت ئۇلارنىڭ قىسمەن مەزھەبلىرىدە ھۆكۈم سۈرمەكتە. پەقەت، ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار قانۇنىدا، ئاياللارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرى بەلگىلىنىپ، ئۇلارنىڭ شان ـ شەرىپى كۆتۈرۈلدى. شۇ ۋاقىتلارنىڭ شارائىتىدا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە، خۇسۇسەن ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئاياللار مىراس ئورنىدا قوللىنىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى قالدۇرغان مال ـ مۈلۈكلەردىن مىراس ئېلىش ھوقۇقى يوق ئېدى. ئەمما ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارغا تۆۋەندىكى ھەق- ھوقۇقلارنى بەلگىلىدى:
 
ئاياللار ھۆرمەتتە ۋە ھەق-ھوقۇقلاردا ئەرلەرگە ئوخشاشتۇر.
 
- ئاياللارنىڭ مىراس ئېلىش ۋە ئۆزىنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز، خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى بار.
 
ئەرنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى يېتەرلىك بولسا ئايالىغا خىزمەتچى تۇتۇپ بەرگىنى ياخشى.
 
- ئاياللارنىڭ ئېرى ۋە ئاتا-ئانىسىدن مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ھوقۇقى بار.
 
ئاياللار قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئوقۇش، ئۆگىنىش ئەركىنلىكى بار.
 
ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش ئۆزى خالىغان بىرسى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش، ئەگەر بەختلىك بولالمىغان ھالەتتە يېتەرلىك ئۆزۈر بىلەن ئاجرىشىش ھوقۇقى بار.
 
ئاياللارنى ئۇرۇپ، تىللاشقا ۋە خورلاشقا بولمايدۇ.
 
ئاياللار تۇغۇشنى خالىسا، ئۇلارنى تۇغۇشتىن مەنئى قىلىشقا بولمايدۇ.
 
ئاياللارنى پۇل تېپىشقا زورلاشقا بولمايدۇ.
 
ئاياللار ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا زورلانمايدۇ.
 
يۇقىرىقى ھەق-ھوقۇقلار مىلادىيە 6 ـ ئەسىرىدە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ياۋرۇپادا ۋە ئىسلام دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئەللەردە، تېخى 18ـ ئەسىرگە قەدەر بىردەك ئېتىراپ قىلىنماي كەلگەنىدى.
 
1940ـ يىللاردىن باشلاپ، دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئوكسفورد ۋە كامبىرچ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى قىزلارنىڭمۇ ئوقۇش، ئۆگىنىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ % 25 بىلەن % 40 نى قىزلاردىن ئېلىش قارارىنى چىقارغان بولسا، ئىسلام دىنى 6ـ ئەسىردىلا قىز ـ ئوغۇللارنىڭ تەلىم ئېلىشتا ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپلا قالماستىن، «ئوقۇش، ئۆگىنىش ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن پەرزدۇر» دەپ بەلگىلىگەن.
 
مىلادىيە 6 ـ ئەسىرنىڭ شارائىتىغا قارايدىغان بولساق، بۇنداق ھەرقايسى ئەسىرلەرنىڭ شارائىتىغا ۋە كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئادالەتلىك ۋە ئېسىل قانۇنلارنى، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك، ئاللاھنىڭ ئىلاھىي مەكتىبىدىن باشقا مەكتەب كۆرمىگەن، ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەنمىگەن بىر ئۇممى (ساۋاتسىز)پەيغەمبەرنىڭ لايىھىلەپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس! بەلكى شۇ ۋاقىتتىكى ئالاھىدە تەلىم كۆرگەن ۋە بۇ ساھەدە پەۋقۇلئاددە ئەتراپلىق يېتىشكەن ئىنسانلارنىڭمۇ بۇنداق ئېسىل قانۇنلارنى لايىھىلەپ چىقالىشى تەسەۋۋۇردىن يىراق، ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا قۇرئان كەرىم بەلگىلىگەن بۇ قانۇنلار نەدىن كەلدى؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھتىن كەلدى!
 
شۇنى ئېنىق چۈشىنىش كېرەككى، ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلىكلەرنى زامانىمىزغا قىياس قىلىپ چۈشىنىدىغان بولساق، تارىخ پەلسەپىسىگە كۆرە چوڭ خاتالىقلارغا چۈشۈپ قالىمىز. شۇڭا ھەر قانداق ۋەقەلىك ۋە ھادىسىلەرنى شۇ زامانلارنىڭ شارائىتىغا ۋە ئىنسانلارنىڭ بىلىم سەۋىيە جەھەتتىكى ئەھۋالىغا قاراپ چۈشىنىش ئىلىم ئەھلىنىڭ مېتودىدۇر. خۇسۇسەن، تارىخنى يەكۈنلەشتە چوڭ ئاساستۇر. زامانىمىزدا ئاددى سانالغان ئىشلار، ئۆتمۈشتىكىلەر ئۈچۈن چوڭ بىلىملەر ئېدى. ئاددىيسى، زامانىمىزدىكى تېلېۋىزىيە، سىنئالغۇ، ئۈنئالغۇ، كومپيۇتېر، ئانتېننا، ئىنتېرنېت ۋە باشقىلار تېخى يۈز يىل بۇرۇنقى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە كۆرە مۇمكىن ئەمەس ئىشلاردىن ئېدى. بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمەيتتى.
 
زامانىمىزدىكى 6ـ 7 ياشلىق بالىلار مىكروب ۋە باكتېرىيىلەرنى بىلىدۇ. ئەما ئۇلۇغ ئالىم فارابىي ياشىغان زامانلاردا، مىكروب بىلەن باكتېرىيىنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىش ئىشىمۇ ئالاھىدە چوڭ بىلىم سانىلاتتى.
 
2024-يىلى 23-ئاۋغۇست