خىتاي ياپونىيەگە 0:7 يېڭىلدى، شى جىپىڭنىڭ پۇتبول چۈشى سۇغا چىلاشتى

خىتاي دۆلەت پۇتبول كوماندىسى پەيشەنبە كۈنى كەچ ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە رەقىبى ياپونىيە كوماندىسىغا 7: 0 ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، جۈمە كۈنى تاراتقۇلار ۋە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ تەنقىد ۋە مازاق قىلىش ئوبېيكتىغا ئايلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي دۆلەت پۇتبول كوماندىسى تارىخىدا ياپون كوماندىسى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت بولۇپ قالغان. ياپونىيە ۋە ختىاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە دائىم تارىخىي مەسىلىلەر سەۋەبلىك جىددىيلىك پەيدا بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ياپونىيەنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتاينى بېسىۋېلىشى ۋە نۆۋەتتىكى سېنكاكو ئارىلى تالاش-تارتىشى بار. بۇ ئەھۋال، خىتايلارغا نىسبەتەن پۇتبولدىكى مەغلۇبىيەتكە تېخىمۇ ئاچچىق ئازابلار قوشقان. 

ئىگىلىنىشىچە، ختىاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ھامان بىر كۈنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى، ھەتتا چېمپىيون بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما پەيشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ سايتامادا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئارزۇنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يىراق كۆرۈنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

خىتاي ھازىرغىچە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدا پەقەت 2002-يىلىلا تاللاش مۇسابىقىلىرىدىن چىقىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ باققان.

خىتايدا پۇتبول مەستانىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان كوماندىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ناچارلىقىنى خىتاينىڭ پۇتبول باشقۇرۇشتىكى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى. خىتاي پۇتبول ساھەسىدىكى بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بۇ يىل پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈيى ۋە سابىق رەئىس چېن شۈيۈەن قاتارلىقلار بار.

خىتايدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ «پۇتبول مەستانىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۆتكەن 10 نەچچە يىلدا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىنىپ، چەتئەلدىكى داڭلىق كۇلۇبلاردىن چولپانلارنى تەكلىپ قىلىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك قوللانغان قاتتىق قامال قىلىش سىياسىتى سەۋەبلىك خىتاي بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدە چەتئەللىك چولپانلار ئازلاپ قالغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقىدىن كېيىن، ياپونىيە پۇتبول كوماندىسى دۇنيا بويىچە 18- ئۇرۇنغا تىزىلغان، خىتاي بولسا 87-ئۇرۇندا تۇرغان. 

2024-يىلى 6-سىنتەبىر