دۇئا قىلىش ئىش- ھەرىكەتنى تولۇقلىغۇچى سەۋەب

  1. دۇئانىڭ ئەھمىيىتى

 

ئاللاھ بىزنى دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغان، دۇئا قىلمايدىغانلارنىڭ ئازابقا قالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، چۈنكى دۇئا قىلىش ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدىكى بىۋاسىتە ئالاقىدۇر، ئىبادەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىسىدۇر ۋە دۇنيادىكى ۋەزىپە ئادا قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان تەقۋالىق ئوزۇقىدۇر. رەسۇلۇللاھ بۇ توغرىدا:«دۇئا قىلىش ئىبادەتنىڭ يىلىكىدۇر» دېگەن (تىرمىزى رىۋايىتى). دۇئا مۆمىننىڭ قورالىدۇر ۋە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرغۇچى كۈچلۈك ئامىلدۇر.

 

  1. دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇش شەكلى

 

ئاللاھ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن» دېگەن (غاپىر سۈرىسى، 60-ئايەت). بۇ ئايەتتىكى «ئىجابەت قىلىش» دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ دۇئانى ئۆزى مۇناسىپ كۆرگەن شەكىلدە ۋە ئۆزى ئىرادە قىلغان ۋاقىتتا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا دۇئا قىلغان كىشىلەر بۇ ھەقىقەتنى ئېنىق بىلىشى، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمەسلىكى، دۇئالىرى ئىجابەت بولمىسا، ئۆزلىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئالدىرىشى لازىم.

بۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ بىر ھەدىسىنى بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ: « بىز رەسۇلۇللاھقا:« ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھدىن بىزگە ياردەم تەلەپ قىلماملا؟ بىزنىڭ غەلىبە قىلىشىمىزغا دۇئا قىلىپ قويماملا؟ دەپ شىكايەت قىلساق، رەسۇلۇللاھ بىزگە: سىلەردىن بۇرۇن ياشىغان ئۈممەتتىكى زالىملار مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ئورەككە يېرىم كۆمەتتى، دىنىدىن يانغىلى ئۇنىمىغاندا، ھەرە بىلەن تىلىپ ئىككى پارچە قىلىپ تىلىۋەتسىمۇ، يەنىلا دىنىدىن يانمىغان ئىدى. بۇ تۈرلۈك سىناق ئۇلارنى دىنىدىن توسالمىغان ئىدى. ئاللاھقا قەسەمكى ئىسلام چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، بىراق سىلەر ئالدىراپ كېتىۋاتىسىلەر» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

رەسۇلۇللاھ  بۇ ھەدىستە ساھابىلىرىگە دۇئا قىلىپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمىگەن، بەلكى ئۇلارنى جىھاد قىلىشقا ۋە جىھاد يولىدا ئەزىيەت يېتىپ قالسا، بەرداشلىق بېرىشكە چاقىرغان. رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە يەنە ئۇلارنىڭ غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن دۇئاغىلا قاراپ ئولتۇرماي سەۋەب- چارە ھەققىدە ئىزدىنىشكە ۋە ئىش- ھەرىكەت قىلىشقا يۈزلەندۈرگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن دۇئادىن ئىبارەت ئاسان ۋە چىقىمسىز ئىبادەتكە تايىنىۋېلىپ، قۇربان بېرىش روھىنى يېتىلدۈرمەسلىك، بەدەل تۆلىمەسلىك ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا كۈچ چىقارماسلىق توغرا ئىبادەت ئۇقۇمىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك جەننەت ئۇنچە ئەرزان باھالىق نەرسە ئەمەس.

 

  1. دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇش شەرتى

 

دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئىلاھىي كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنۇشقا باغلىق بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ: «دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ كۆرسەتمىلىرىمگە بويسۇنسۇن ۋە ماڭا سەمىمىي ئىمان ئېيتسۇن، شۇنداق قىلسا توغرا يول تاپالايدۇ» دەيدۇ (بەقەر سۈرىسى، 186 – ئايەت). بۇ ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنىڭ دۇئالىرى ئىجابەت قىلىنمايدۇ.

ئەگەر سىز دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلمىسىڭىز، دۇئالىرىڭىزنىڭ ئىجابەت بولماسلىقىدىن ئەجەبلەنمەڭ، چۈنكى ئاللاھ دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى سەمىمىي دىندار بولۇش ۋە دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش شەرتىگە باغلىغان .

ياخشى كىشىلەرنىڭ يەككە شەكىلدە قىلغان دۇئاسى ئىجابەت قىلىنسىمۇ، بىراق بىزنىڭ مەسىلىمىز مىللەت خاراكتېرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، مىللەت خاراكتېرلىك ئەمەل قىلمىساق، مىللەت خاراكتېرلىك تەۋبە قىلىپ دۇئا قىلمىساق، مىللەت خاراكتېرلىك دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنمىساق، جەمئىيەت ياكى مىللەتكە ئالاقىدار دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولماي قالسا ئەجەبلەنمەيلى .

 

  1. دۇئا قىلىشنىڭ رولى يوقمۇ؟

 

ئىسلام مېتودى ياكى ئىسلام كۆرسەتمىسى ئىش- ھەرىكەت بىلەن دۇئا قىلىشنى تەڭ تۇتۇپ ماڭىدۇ، شۇڭا مۇسۇلمان كىشى بىر ئىش قىلىپ، ئۇ ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ياكى قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلمىسا توغرا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئىش- ھەرىكەت قىلماي تۇرۇپ، دۇئا قىلىشقىلا تايىنىۋالسا تېخى توغرا بولمايدۇ.

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار پەقەتلا دۇئاغىلا تايىنىپ، ئىش- ھەرىكەت ۋە سەۋەب قىلىشنى تاشلاپ قويماقتا. يەنە بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار غەرب دۇنياسىنىڭ ۋە ماددىنىڭ كۈچىگە ھەيران بولۇپ، كائىناتنىڭ سەۋەب- نەتىجە قانۇنىيەتلىرىگە تايىنىپ، دۇئا قىلىشنى تاشلاپ قويماقتا ياكى دۇئاغا سەل قارىماقتا. بۇ ئىككى ئېقىمنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتا يولغا كىرىۋالغان. بىز ئىش- ھەرىكەت ۋە سەۋەب قىلىش بىلەن بىرگە دۇئا قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

 

  1. دۇئا قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئىش- ھەرىكەت قىلىش ۋاجىپ

 

ئاللاھ بۇ كائىناتنى ياراتقاندا سەۋەب -نەتىجە قانۇنىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان، مۇسۇلمانلارنى كائىنات ۋە بۇ سەۋەب – نەتىجە قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاللاھ ئىنساننىڭ بۇ قانۇنىيەتلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىلىم – مەرىپەت ئاتا قىلغان، ئىلىم –مەرىپەت ئارقىلىق ئۇ قانۇنىيەتلەر ھەققىدە تەتقىق قىلىشقا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بۇيرۇغان. بۇنىڭغا ئاساسەن قايسى بىر كىشىلەر بۇ قانۇنىيەتلەرگە سەل قارىسا، ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى كۆزگە ئىلمىغان بولۇپ قالىدۇ.

قۇرئان كەرىمدىكى دۇئالارنىڭ سەۋەب -نەتىجىلەرگە باغلىنىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا قانچىلىغان مىساللار تېپىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن سەۋەب – چارە قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق پەقەتلا دۇئاغىلا تايىنىۋېلىش ئېغىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى قايسى بىر مىللەت ئاللاھ ياراتقان سەۋەب- نەتىجە قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئەمەلىي ئىش – ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شارائىتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمىسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ناچار شارائىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ.

 

  1. پەقەتلا دۇئاغا تايىنىش مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

 

بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ، دۇئا قىلىش بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىش – ھەرىكەت قىلمايدۇ ۋە ئىش – ھەرىكەت قىلماي تۇرۇپ دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت بولۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىشىدۇ. پەقەتلا دۇئاغا تايىنىۋالغان كىشىلەر دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئۈستىگە چۈشكەن پۈتۈن ۋەزىپىنى ئادا قىلغاندەك ھېس تۇيغۇدا بولىشىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، سەۋەب -چارە قىلماسلىق ئۆزىنى ئالدىغانلىقتۇر ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىم نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئىش – ھەرىكەت قىلىشنى شەرت قىلماقتا: « ئەر- ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كىمەيتىۋېتىلمەيدۇ) » (بەقەر سۈرىسى، 123- ئايەت). بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئاخىرەتتە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈنمۇ ئىمان بىلەن بىرلىكتە ئىش- ھەرىكەت قىلىش لازىم.

دېمەك، سەۋەب- نەتىجە قانۇنىيەتلىرىنى تۇتۇپ ماڭماي تۇرۇپ دۇئا قىلىش ئاللاھنىڭ مېتودىدىن يىراقلاشقانلىق بولۇپ قالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ ئۆزىنى ئالدىغانلىق بولۇپ قالىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي- ئەزھەرىي تورى