ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن، دادام غېنى خۇدابەردى بىلەن 2017-يىلدىن بۇيان ھىچبىر ئالاقەم بولمىغان ئىدى. ئەمما، بۇيىل 7-ئاينىڭ 6- كۈنى خىتاي ھۈكۈمىتى ساقچىلىرى ئاكامغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ماڭا تېلفۇن قىلغۇزۇپ، مېنى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گوللاندىيەنىڭ گائاگا (دەنھاق) شەھرىدىكى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسىدە فاشىست شى جىنپىڭنىڭ جىنايىتىنى سوتلاشتا گۇۋاھلىق بەرمەسلىكىم ھەققىدە بېسىم قىلغاندا، مەن تېلفۇننى ئالمىغان ئىدىم. بۇ ھىيلىسى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى دادامنى جازا لاگىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، دادامنى ئاكام بىلەن بىرگە ماڭا نەسىھەت قىلغۇزۇپ، نەسىھەت ۋېدىيوسى ئىشلەپ ماڭا ئەۋەتتى.
شۇ چاغدا، مەن دادامنىڭ ئېغىر كىسەل ئازابىدا يېتىۋاتقان ۋېدىيوسىنى كۆرسەممۇ ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئېزىقتۇرۇش - بېسىملىرىغا قەتئىي تىز پۈكمىدىم. ھەتتا، خىتاينىڭ زەھىرىنى ئۆزىگە سانجىپ، بۇ ئېچىنىشلىق ۋېدىيونى دۇنيا پۇقرالار سوتىدا يەنە بىر ئىسپات قىلىپ كۆرسەتتىم. نەتىجىدە، نەق مەيداندىكى سوتچى، تەپتىشلەر، ھەتتا خىتاينىڭ ھۈكۈمىتىنىڭ دۇمباقچى ئادۋۇكاتىمۇ پولاتتەك ئىسپات ئالدىدا لاتىدەك بوشىشىپ، ئۈزىنىڭ ماڭا ھىسداشلىق قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا، مىنى ئۈزىنىڭ قاپقان - تۇزىقىغا چۈشۈرەلمىگەن، دادام، ئاكام ئارقىلىق مېنى روھى جەھەتتىن ۋەيران قىلىش مەقسىتىگە يىتەلمىگەن خىتاي ھۈكۈمىتى دادامنى قايتىدىن جازا لاگىرىغا سولىدى.
مانا ئەمدى دادامنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جازا لاگىرىدا ۋاپات تاپقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى. ئەمما، دادامنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى مېنى روھىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە قارشى غەزەپ-نەپىرتىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ غەزەپ -نەپىرىتىمنى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە قارشى مەنىۋى ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ تاجاۋۇزچى خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى ئىنقىلاب - كۈرىشىمنى داۋاملاشتۇرۇش غەيرىتىمنى ئاشۇردى. مۇھىمى، پارلاق تاڭغا بولغان ئۈمىدىمنى تېخىمۇ ئويغىتىپ، غەلىبە مەنزىلىگە ماڭغان قەدىمىنى تېخىمۇ مەزمۇت - تەۋرەنمەس روھقا ئىگە قىلدى.
قەدىرلىك دادا، مېھرىبان ئاپا، مەن سىلەرگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، پۈتۈن قايغۇ - ھەسرىتىمنى كۈچ - قۇۋۋەتكە ئايلاندۇرۇپ، غەزەپ - نەپرىتىمنى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە زەھەر - نەشتەر قىلىپ سانجىپ، ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە تاجاۋۇزچى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يۈرىكىگە ئۇرىمەن. خىتاي فاشىست ھۆكۈمىتىنى يەر شارىدىن يوق قىلمىغۇچە زادى بولدى قىلمايمەن.
غەمگۇزارىم دادا، پەرىشتە سۈپەت ئاپا، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بالىلىق بۇرچۇمنى تولۇق ئادا قىلالمىدىم. ئاغرىپ قالغىنىڭلاردا يېنىڭلاردا تۇرۇپ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالالمىدىم. خىتاي تاجاۋۇزچى دۆلىتىنىڭ ئىنسان قېلپىدىن چىققان قىرغىنچىلقى سىلەرنى مەندىن، سىلەر پەخىرلىندىغان ئوغلۇڭلارنىڭ دىدارىنى كۆرۈشتىن، ئوغلۇڭلارنىڭ ھۆرلۈك، ھەقىقەت، ئادالەت يولىدىكى كۈرەش - ئۇتۇقلىرىدىن غۇرۇرلىنىشىڭلاردىن، نەۋرىلىرىڭلارنى ئەركىلتىپ سۈيۈپ باغرىڭلارغا بېسىشتىن، جۈملىدىن ئەجداد - ئەۋلاد ئارىسىدىكى بارلىق مەنىۋىي رىشتە - باغلاردىن ئايرىۋەتتى. بۇ توغرۇلۇق سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمەن. چۈنكى، مۇستەملىكە ھاياتنىڭ، غېرىبانە ۋەتەنسىزلىكنىڭ بىزگە قالدۇرغان يارىلىرىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى، تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ.
سۆيۈملۈك دادا، بۈگۈن سىنىڭ غايىبانە جىنازە نامىزىڭنى ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى چوڭ تۈرك مەسچىتىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىنلا جامائەت بولۇپ ئوقۇيمىز. تۈنۈگۈن شام نامىزىدىمۇ مەن شۇ يەردە ئىدىم. سىنىڭ جازا لاگىرىدا ۋاپات بولغانلىقىڭنى جامائەتكە يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگىنىمدە، ئۇلار مەندىن «سەن داداڭنىڭ يېنىغا بېرىپ رازىلىق ئالالمىدىڭمۇ؟ يېنىغا بارالمىغان بولساڭ، ھېچبولمىسا تېلىفوندا بولسىمۇ رازىلىق ئالمىدىڭمۇ»دەپ سورىدى. مەن ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇم - قەتلىئامنى ھېلىھەم تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى دەڭسەپ، جاللات خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىتىنى بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇققانلارغىمۇ بەرمەي كۆمىۋېتىدىغانلىقىنى، جىنازە نامىزىنى ئوقۇش تۈگۈل، شۇ سۆزنى قىلىشنىڭمۇ جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردىم. جامائەت ھەيران - ھەس قالدى. ئۇلار ماڭا تەسەللىي قىلىپ، ئەتە جۈمە نامىزىدىن كىيىن داداڭنىڭ غايىبانە جىنازە نامزىنى چۈشۈرەيلى، دېيىشتى.
قەدىردانىم، كۈيۈمچانىم ئەزىز دادا، سەن بۇ دۇنيادىكى چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى - تاجاۋۇزچى خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىسدە ئىشەنگۈسىز خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۇ دۇنياغا كەتتىڭ. زۇلمەت - قابەھەت، زۇلۇم - جىنايەت بىلەن تولغان بۇ دۇنيادىن ياراتقۇچىنىڭ دەرگاھىغا، يەنى پاراغەتلىك - ئەبەدىي مەڭگۈلۈك ھاياتقا قەدەم ئالدىڭ. ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن.
جېنىم دادا، مەن سىنىڭ ئالدىڭدا بالىلىق بۇرچۇمنى تولۇق ئادا قىلالمىدىم، بۇنىڭغا ۋىجدانىم ھېلىھەم ئازابتا. نەچچە يىل بۇرۇن تېلفۇندا كۈرۈشكەندە، مەن بۇ گەپلەرنى ساڭا يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان ۋە سەندىن رازىلىق تەلەپ قىلغان ئىدىم. سەن شۇ چاغدا، «كۆڭلۈڭنى چۈشنىمەن ئوغلۇم. مەن سەندىن مەڭگۇ رازى، سەنمۇ مەندىن رازى بولغىن» دىگەن ئىدىڭ، مېنى خاتىرجەم قىلغان، ماڭا رىغبەت ئاتا قىلغان ئىدىڭ.
پاسىبانىم دادا، سەن خاتىرجەم بول. سەن پەخىرلەنگەن ئوغلۇڭ ھەرگىزمۇ ۋەتىنىگە خائىن، مىللىتىگە ئاسىي بولمايدۇ. ساڭا، ئانامغا ۋە ۋەتەن - خەلقىگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى، سىنىڭ روھىڭنى ئازابلايدىغان ئىپلاسلىقلارنى تېخىمۇ قىلمايدۇ. چۈنكى، مەن سېنىڭ ئوغلۇڭ
ئاخىرىدا، مەن شۇنداق دەيمەن، ئاللا بىزنى جەننەتتە، ھەۋز كەۋسەرنىڭ بويىدا بىر - بىرىمىز بىلەن قانغۇچە كۈرۈشۈشكە نىسىپ قىلسۇن، ئامىن.
(بۇ يازما ئاپتورنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدىن ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىندى.)
2024-يىلى 21-سىنتەبىر