ئامېرىكا ئاۋازى (VOA) نىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە پروگراممىسى 2024-يىلى 20-سىنتەبىر يۇتيۇب قانىلىدا ئىلان قىلىندى. مۇخبىر قاسىمجان ئابدۇرەھىم قەشقەرنىڭ پروگرامما ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە:
سىز ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ پىروگرامما، ئامېرىكا ئاۋازى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەن تۇنجى پىروگراممىدۇر. ئامېرىكىدا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پرىزىدېنت سايلىمى ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ تېمىلاردىن بىرى. بۇ يىللىق سايلام كۈنى 11-ئاينىڭ 5-كۈنىگە بەلگىلەنگەن بولۇپ، يەڭگۈچى 2025–يىلى 20-يانۋاردىن 2029-يىلى 19-يانۋارغىچە ئامېرىكا پرىزىدېنتى بولۇپ، مېنىڭ ئارقامدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاق سارايدا پرىزىدېنىتلىق خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. بۈگۈنكى پىروگراممىدا "ئامېرىكا سايلىمىدا كىم سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە؟" دېگەن تېمىدا توختىلىمىز.
2024-يىلى 23-سىنتەبىر