كىشلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە بايانات
كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 57-يىغىنى 4- ئادەتتىكى مۇنازىرە
2024-يىلى 24-سىنتەبىر
ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى مىچېل تايلور تەرىپىدىن ئوقۇلدى
پرېزىدېنت ئەپەندى،
مەن بۇ باياناتنى ئىككى يىل ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ كېڭەشتىن شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان يادرولۇق دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن ئوقۇۋاتىمەن.
بۇ باھالاش شۇنى بايقىدىكى، «ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا ئىتنىك گۇرۇپپىلارنى خالىغانچە ۋە كەمسىتىش بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش دائىرىسى خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى، جۈملىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن».
باھالاش دوكلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتاينىڭ دىن ۋە مىللەت ئاساسىدا قۇرۇپ چىققان كەڭ كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسىنى؛ مەدەنىيەت، دىنىي ۋە تىل كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قويغان قاتتىق ۋە ئورۇنسىز چەكلىمىلەرنى؛ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماس قىلىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىكلىرىنى؛ مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش ۋە ئائىلەلەرنى پارچىلاش ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلارنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققان.
ئۆتكەن ئىككى يىلدا، خىتاينىڭ بۇ ئەندىشىلەرنى لايىقىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇرسەتلىرى بولدى.
بىز خىتاينىڭ تەرەپسىز ۋە ئوبيېكتىپ نەتىجىنى ئىنكار قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ باھالاش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىمىز. يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش جەريانىدا، خىتاي نۇرغۇن قانۇنلۇق ئەندىشىلەرنى رەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ باھاسىنى «پۈتۈنلەي قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز» دەپ بەلگە قويدى.
بىز خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەمدە ئەھدە ۋە مەجبۇرىيەتلىرىى ئادا قىلىشقا، جۈملىدىن شىنجاڭدا خالىغانچە ۋە ناھەق قولغا ئېلىنغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىز-دېرىكىنى جىددىي ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ھەمدە بىخەتەر ئالاقىنى ۋە جەم بولۇشنى قولايلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز.
بىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا ھايات قالغانلارنىڭ كۆرسەتكەن جاسارىتىنى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چاقىرىقىنى تەقدىرلەيمىز.
بىز داۋاملىق ئالىي كومىسسار ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى، مۇستەقىل خىزمەت قىلىشىنى ۋە داۋاملىق باھالىشىنى قارشى ئالىمىز.
ھەممە ئادەمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكى قوغدىلىشى كېرەك. ھەممىمىزگە پايدىلىق، بارلىق دۆلەتلەر جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى.
رەھمەت سىزگە.
قوشۇمچە: بىرلەشمە باياناتنى ئامېرىكا تۆۋەندىكى يادرولۇق گۇرۇپپا ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن ئوقۇدى: ئاۋىستىرالىيە، كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، لىتۋا، نورۋېگىيە، شىۋىتسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا.