مۇھەممەد يۈسۈپ
بىز نورمالدا ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان ۋە ئوي-پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىنى قوبۇل قىلىمىز، ئەمما بىز ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ يەنىلا رەت قىلىمىز. چۈنكى، بىز كىشىلەرگە قارىتا ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن، نەزىرىمىزنى ئۇلارنىڭ پىكىرىگە ياكى كۆزقارىشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قارىتىمىز ۋە شۇ بويىچە ھۆكۈم قىلىۋېتىمىز. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۆزىمىزنى نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشتىن توسۇپ قويىمىز.
ئىنسان ئەقلى كىشىلەرنى سۇندۇرغىلى بولمايدىغان قېلىپلار ۋە بۇزغىلى بولمايدىغان تۈزۈملەر بويىچە سىنىپلارغا ئايرىۋالىدۇ-دە، شۇڭا بىزنىڭ نەزىرىمىدىكى پاسىق ئادەم ھەرقانچە ياخشى ئىشلارنى قىلسىمۇ، يەنىلا ئۇ پاسىقتۇر، تەقۋادار ئادەم قانچىلىك يامان ئىشلارنى قىلسىمۇ، يەنىلا ئۇ تەقۋادۇر. چۈنكى، بىز ئۇلار توغرۇلۇق ئالدىن چىقىرىۋالغان ھۆكۈمنى بۇزۇشنى خالىمايمىز.
ھەقىقەت شۇكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى كۆپ ئويلىنىشنى خالىمايدۇ، بەزىلەرنىڭ ئەقلى كىشىلەرنىڭ مەۋقەلىرىنى تەھلىل قىلىش، كۆزقاراشلىرىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوڭاي يولنى تاللاپ كىشىلەرنى سىنىپلاندۇرۇشتىن ئىبارەت تەييار قائىدىگە باش ئۇرىدۇ.
بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ بېقىشىمىز كېرەككى، بىز ياقتۇرىدىغان ۋە ئىشەنچ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزقارىشى خاتا چىقىپ، بىز يامان كۆرىدىغان ۋە ئىشەنچ قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى توغرا چىقىپ قالغاندا نېمە قىلىمىز؟ ئىنساپ قىلىمىزمۇ ياكى ھەقىقەتكە كۆز يۇمىمىزمۇ؟ بۇ بىزگە قالغان مەسىلە.
كۆزقاراشلارنى ۋە پىكىرلەرنى باھالاشتا تەرەپسىز بولۇش كېرەك
بىرەر شەخسنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە پىكىرلىرىنى باھالاشتا ھېسسىياتقا بېرىلمەسلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى، ھۆكۈم قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدۇر. « ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ»[1]. ئىنسانلارغا ھېسسىياتىمىز ياكى ئۆز تەسەۋۋۇرىمىز بويىچە ھۆكۈم قىلىۋېتىش بىزنى نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بىرەر مىللەتنى ياكى بىرەر قەۋمنى ئومۇمىي ھۆكۈم دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويغىنىمىزدا خاتالىق دەرىجىسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. چۈنكى، دۇنيادا پۈتۈنلەي يامان مىللەت بولمىغاندەك، پۈتۈنلەي ياخشى مىللەت يوق. ھەربىر مىللەتنىڭ ئىچىدە ياخشىلار بولغاندەك، يامانلارمۇ بار. شۇڭا بىرەر مىللەتنى پۈتۈنلەي يامان ياكى پۈتۈنلەي ياخشى دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. «ئەھلى كىتابنىڭ ئارىسىدىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل _ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تىكىلىپ تۇرمىغۇچە ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ»[2] دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ.
كۆزقاراشلار بىر يەردىن چىقمايدىغانلارغا قۇلاق سېلىشتا پايدا بار
بىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە كۆزقارىشىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۆزىمىزگە بىر نەرسە قوشالمايمىز، ئەمما ئۆزىمىز ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە كۆزقارىشىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى يېڭى پىكىرلەر بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز، ھەمدە بىزنىڭ تەپەككۇر دائىرىمىز كېڭىيىدۇ، ھەرخىل كۆزقاراشلارنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۇپۇقىمىزنى كېڭەيتەلەيمىز. شۇڭا ئىنسانلارنى چەتكە قاقماسلىق، بىز ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىىمۇ ئاڭلاپ قويۇش بىز ئۈچۈن ياخشىدۇر.
ئىبرەت:
- ئىنسان ئەقلىنىڭ ئەڭ چوڭ مۈشكىلىسى كىشىلەرنى سىنىپلاندۇرۇپ، ئۇلارنى سۇندۇرۇشقا بولمايدىغان قېلىپلارنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېلىشتۇر.
- ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە كۆزقاراشتا بىرلىشىدىغان كىشىلەرنىڭلا سۆزىنى ئاڭلىسىڭىز ھېچقانداق يېڭى مەلۇماتقا ئىگە بولالمايسىز.
- ئەگەر سىز ئۆزىڭىز مايىل بولىدىغان كۆزقاراشلارنىلا ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز تەپەككۇرىڭىزدا يېڭىلىق ھاسىل قىلالمايسىز.
[1] ھەج سۈرىسى: 69- ئايەت.
[2] ئال ئىمران سۈرىسى: 75- ئايەت.
مەنبە: مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى
2024-يىلى 4-ئۆكتەبىر