2016-يىلى ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدە تويۇقسىز غايىب بولغان ۋە كېيىنچە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر ئوبزورچى ۋە يازغۇچى يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قىزى تۇمارىس يالقۇن سىنلىق چاقىرىق قىلىپ دادىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ 7-ئۆكتەبىر X ھېسابىدا سىنلىق مۇراجىئەت ئىلان قىلىپ دادىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دادامنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە سەككىز يىل بولدى. ئۇنىڭ جاسارىتى ۋە مۇھەببىتى مېنى داۋاملىق ئادالەت ئىزدەشكە ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى يېتەكلىدى».
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يالقۇن روزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىش يۇقىرى پەللىگە چىققان 2016-يىلى ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن غايىب بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. خىتاي تاراتقۇلىرى كېيىنچە ئۇنىڭ 2018-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بىر سوتتا سوتلىنىۋاتقان كۆرۈنشلىرىنى تارقاتقان.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) نىڭ تورىدا يالقۇن روزى مۇنداق تونۇشتۇرۇلغان: «يالقان روزى ئەدەبىي تەنقىدچى، يازغۇچى ۋە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ سابىق تەھرىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەكتەپلەردە قوللىنىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىكلەرنى تۈزىتىدىغان رەسمىي ھەيئەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 2001-يىلدىن باشلاپ قىلغان خىزمىتى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغان. يالقۇن روزىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ش ئۇ ئا ر دا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ مىللىي ياكى مەدەنىيەت كىملىكىنى ئىپادىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنغان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ». توردا يالقۇن روزىنىڭ ئېتنىك كىملىكى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.
2024-يىلى 7-ئۆكتەبىر