تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-ئۆكتەبىر، سارايېۋو.
 
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامىدا تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن يېڭى رەئىس بولۇپ سايلانغان.
 
شەنبە كۈنى، 8-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىدا دېموكراتىك ئۇسۇلدا بېلەت تاشلاش ۋە ئاشكارا نازارەت قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە، ئەركىن ئەخمەتوۋ، زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە ئابدۇرېشىت ئابدۇلھامىتلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى. 
 
روشەن ئابباس خانىم د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئابدۇلھەمىد قاراخان، ئەركىن زۇنۇن، مۇتەللىپ قۇربان ۋە پولات سايىملار سايلاندى. سايلامدا يەنە، ئالاقىدار كومىتېتلارنىڭ رەئىس ۋە مەسئۇللىرى سايلاپ چىقىلغان. 
 
 بۇ قېتىمقى يىغىلىش «د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى»، شۇنىڭدەك «بوسنىيە قىرغىنچىلىقىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا نەزەر» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ، 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن بىرگە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار، پائالىيەتچىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان. 
 
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە بۇ سايلامنىڭ ناھايىتى دېموكراتىك ۋە چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا تاماملانغان ئادىل بىر سايلام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
 
ئىگىلىشىمىزچە، 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ سايلىمى خىتاينىڭ بېسىمى، پاراكەندىچىلىكلىرى ۋە تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارىماي، بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا تۈركىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بەزى دىپلوماتلىرى ۋە ئاخباراتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا، شۇنىڭدەك سارايېۋو ساقچى ئىدارىسى ۋە بوسنىيە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىنىڭ مۇھاپىزىتىدە داغدۇغىلىق داۋام قىلغان. 
 
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىن جەريانىدىكى مۇھاكىمىلەر ۋە سايلام جەريانلىرىنى يۇتيۇب قانىلى ئارقىلىق نەخ مەيداندىن تارقىتىپ كەلدى. 
 
alawudun
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا سايلاپ چىقىلغان يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى.2024-يىلى 26-ئۆكتەبىر، سارايېۋو.
 
2024-يىلى 26-ئۆكتەبىر
 
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يۇتيۇب قانىلى: