بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مۇداپىيە مىنىستىرلىقى بەشبۇرجەكلىك بىنا 25-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە 2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال سېتىشنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇكرائىنادا ئۇرۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان ئىلغار ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ تەيۋەنگە تۇنجى يەتكۈزۈلۈشىمۇ بار.
بەشبۇرجەكلىك بىنا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى قورال سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 160 مىليون دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە مۆلچەردىكى 828 مىليون دوللارلىق رادار سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بەشبۇرجەكلىك بىنا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ھۆددىگەرلىكىنىڭ RTX شىركىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ قەتئىي «قايتۇرما زەربە» بېرىدىغانلىقىنى، دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 2 مىليارد دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گەرچە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان قانۇنلۇق ھالدا تەيۋەننى ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلدى، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.
بەش بۈرجەكلىك بىنا باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ قورال سېتىش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتى بىلەن بىردەك، چۈنكى ئۇ قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئىشەنچلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىنى قوللايدۇ ».
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى شەنبە كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قورال سېتىشنى قەتئىي ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىغا رەسمىي ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي ئامېرىكىنى تەيۋەننى قوراللاندۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىدۇ».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ ئەتراپىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ۋە قورال سېتىپ بېرىشىنى كۈچەيتكەن. تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە تەيۋەنگە 17-قېتىم قورال سېتىلىشى ئىكەن.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قورال-ياراغ سېتىشقا قارىتا مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تەھدىتى ئالدىدا، تەيۋەننىڭ ۋەتىنىنى قوغداشتا تەۋرەنمەس مەسئۇلىيىتى بار، ئۇ ئۆزىنى قوغداش ئىرادىسىنى داۋاملىق نامايان قىلىدۇ».
شەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنت مەھكىمىسى ۋاشىنگىتوننىڭ قورال سېتىش ئۈچۈن يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. تەيۋەننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى لەي چىڭدې خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتلىرىگە قارىتا مۇداپىيە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
2024-يىلى 27-ئۆكتەبىر