ئاللاھ تائالادىن مۇمكىن ئەمەسلەرنى تىلەڭ!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالا كائىناتنى ياراتتى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنى بېكىتتى. مەسىلەن: نەتىجە يارىتىش سەۋەب قىلىش بىلەن، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش بىلەن، كېسەلدىن ساقىيىش داۋالىنىش بىلەن، يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئىشلەش بىلەن، جەننەتنى قازىنىش ئىمان ۋە ئەمەل بىلەن بولغىنىغا ئوخشاش. بۇ قانۇنىيەتنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ ۋە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ئەمما ئاللاھ تائالا خالىسا ئۆزى بېكىتكەن ئاشۇ قانۇنىيەتلەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، چۈنكى ئۇ ﴿فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ﴾ « خالىغىنىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچىدۇر»[1]. ئۇ بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا «بول!» دېگەن ئەمرى بىلەنلا ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ﴿ إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ﴾ « ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا پەقەتلا «بول!» دەيدۇ _ دە، ئۇ دەرھال بولىدۇ»[2]. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس ئىش يوقتۇر، ئىنسانلار ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئۇنىڭغا ئوڭايدۇ. ﴿ وَكَانَ ذَلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا﴾ « بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر»[3].

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشى «بول!» دېگەن ئەمرنى بېرىشتۇر. ئەمما ئىنسانلارنىڭ بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشى ئاۋۋال سەۋەب قىلىش، ئاندىن ئاللاھ تائالاغا تايىنىشتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ: «يا رەسۇلۇللاھ! تۆگەمنى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، ئاندىن باغلايمۇ ياكى باغلاپ بولۇپ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلايمۇ؟» دېگەن سوئالىغا : «ئاۋۋال تۆگەڭنى باغلىغىن، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن»[4] دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىنسانلار سەۋەب قىلىش بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياكى سەۋەبىنى قىلىشقا كۈچى يەتمىگەن ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن ئىلتىجا قىلسا، ئۇ ئىشلار ئاللاھ تائالاغا يۆتكەلگەن بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئاللاھ تائالا خالىسا «بول!» دېگەن ئەمرى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، ھاجەتلەرنى راۋا قىلىشى ئۈچۈن بىرەر سەۋەبكە ياكى مۆجىزىگە ئېھتىياجى يوقتۇر.

دۇئا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ

كېسەللەرگە شىپالىق بېرىش، ھاجەتلەرنى راۋا قىلىش، زور قىيىنچىلىقلاردىن چىقىش يولى ئاتا قىلىش قاتارلىق ئىشلار - گەرچە ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن ھەممە ئىش ئوڭاي بولسىمۇ،- ئاللاھ تائالا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئوڭايلىرى ۋە ئەڭ ئاددىيلىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا خالىسا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئوڭايدۇر. مەسىلەن: ھەزرىتى مەريەم بىرەر ئەرگە يېقىنلاشماي تۇرۇپ بالا تۇغىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ھەيرانلىقىنى باسالماي: ﴿ أَنَّى يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ وَلَمْ أَكُ بَغِيًّا﴾ «ماڭا ھېچبىر ئادەم يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن ئىپپىتىمنى ساقلاپ كەلگەن تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېگەندە، جىبرىل ئۇنىڭغا: ﴿ كَذَلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ﴾ ««ئۇغۇ شۇنداق، (ئەمما) رەببىڭ ئېيتتىكى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر»[5] دېگەن. بالا تۇغۇش ئۈچۈن ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر يەردە بولۇشى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇنى ھېچكىم بۇزالمايدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا خالىسا بۇزىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام يۈز ياشتىن ئاشقان، ئايالىمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تۇغماس ئايال ئىدى. ئەمما زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭدىن مۇمكىن ئەمەسنى تىلىگەن . نەتىجە ئايەتتە كۆرگىنىمىزدەك بولغان ئىدى. ﴿ ذِكْرُ رَحْمَةِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا. إِذْ نَادَى رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا. قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُنْ بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا. وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِنْ وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا . يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آَلِ يَعْقُوبَ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا. يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَى لَمْ نَجْعَلْ لَهُ مِنْ قَبْلُ سَمِيًّا. قَالَ رَبِّ أَنَّى يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا. قَالَ كَذَلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا﴾ «بۇ رەببىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىيياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ-قۇۋۋىتىمدىن قالدىم، چېچىم ئاقاردى. ئى رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ نائۈمىد قالغىنىم يوق. مەندىن كېيىن تۇغقانلىرىمنىڭ ئورنۇمنى باسالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، شۇڭا، سەن ماڭا ئۆز پەزلىڭدىن ماڭا ۋارىس بولىدىغان، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ۋارىس بولىدىغان بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن. ئى رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان بىرى قىلغىن». (ئاللاھ ئېيتتى) «ئى زەكەرىييا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىغان ئىدۇق». زەكەرىييا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەنمۇ قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولىدۇ؟». پەرىشتە ئېيتتى: «ئۇغۇ شۇنداق، (ئەمما) رەببىڭ ئېيتتىكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى بۇرۇن مەن ياراتتىم، ھالبۇكى، سەن يوق ئىدىڭ»[6].

ئاتىسىز ئىنسان ياراتقان، تۇغماس ئايالنى تۇغدۇرغان زات سىزنىڭ ھەرقانچە زور قىيىنچىلىقىڭىز بولسىمۇ، ناھايىتى چوڭ ھاجىتىڭىز ۋە مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنگەن ئارمانلىرىڭىز بولسىمۇ، ئەلۋەتتە ھەل قىلىشقا قادىردۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئاساندۇر. سىز ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس ئىشلار ياراتقۇچى ئۈچۈن مۇمكىن ئىشلارنىڭ قاتارىدىدۇر.

قەلبىڭىز ئىمان ۋە ئىشەنچ بىلەن تولسۇن

 ئاللاھ تائالانىڭ مۇمكىن ئەمەسلەرنى مۇمكىن قىلىشى، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى[7]، ئوتنىڭ كۆيدۈرۈش خۇسۇسىيىتىنى يوق قىلىشى[8]، دېڭىزدىن بىر ئاندا قۇرۇقلۇق يول ئېچىشى[9]، ئاينى ئىككىگە پارچىلاپ كۆرسىتىشى[10]، تاغنى يۆتكەپ كېلىپ ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىشى[11]، «ئېشىكى ئىمان ئېيتسا ئېيتىدۇكى، ئۆمەر ھەرگىز ئىمان ئېيتمايدۇ»[12] دېىلگەن كىشىنىڭكىگە ئوخشاش قېتىپ كەتكەن دىللارنى يۇمشىتىشى ۋە ھەممىنىڭ غېمىنى يەيدىغان دىلى يۇمشاق، كۆيۈمچان بىرىگە ئايلاندۇرۇشى قاتارلىق ئىشلارمۇ سىزنىڭ ئىمانىڭىزنى كۈچلەندۈرەلمىسە، ئېتىقادىڭىزنى مۇستەھكەم قىلالمىسا بۇنىڭ باشقا داۋاسى ياكى چارىسى يوق.

ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە، ئۇنىڭ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، قەلبىمىزنى ئىمان بىلەن تولدۇرماسلىققا بىزنىڭ ھېچقاندا ئۆزرىمىز ياكى سەۋەبىمىز يوقتۇر. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش باشقا، ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىش باشقا گەپ. بىزدىن تەلەپ قىلىنغىنى ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ ۋە ئىلىمىنىڭ چېكى يوقلۇقىغا، ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە ۋە دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ئانچە ئىشەنچ قىلىپ كەتمەيدىغان، ۋەدىسىگە شەك قىلىدىغان، ئەل قاتارى دۇئا قىلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ دۇئاسى ھەرگىز ئىجابەت بولمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر دۇئا قىلغاندا ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن› دىمەڭلار، تەلىپىڭلار جىددىي بولۇڭلار، تىلىكىڭلارنىڭ قوبۇل بولۇشىغا ئىشەنچ قىلىڭلار. چۈنكى ئاللاھقا ھېچ نەرسە قىيىن ئەمەس»([13]).

ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىكى قاققانلار ئۈچۈن ھەمىشە ئوچۇقتۇر

زامانىمىزدىكى كاتتا ئۆلىمالاردىن بىرى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن ھەدىس ئىلمىگە بەك قىزىقاتتىم، ئەمما يادلاش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم بەكمۇ تۆۋەن بولغانلىقتىن كۆپ قىيلىنىپ كەتتىم. ئاخىر ئۇستازىمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە، مەھەللىمىزدىكى مەسجىدتە ئېتىكاپ قىلدىم. ئېتىكلاپ جەريانىدا ئاللاھ تائالاغا كۆپ سەجدە قىلدىم، مېنىڭ تىلىكىم بىرلا تىلەك بولۇپ، قەلبىمنى ئىلىمگە ئېچىۋېتىشىنىلا تىلىدىم. ئېتىكاپ تۈگەپ ئۇزۇنغا قالماي ئاڭلىغان ھەربىر ھەدىسنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولۇپ قالدىم»[14].

 سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر موماي ئۆز قىسسىسىنى مۇنداق بايان قىلغان: «مېنىڭ بىرلا ئوغلۇم بولۇپ، بىردىنبىر تىلىكىم ئۇنىڭ دىندا ئالىم بولۇشى ۋە توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۇنىۋېرستېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنلىكىدىن خۇشاللىنىپ ئولتۇرسام،  بىر كۈنى ئۇ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم قەتئىي خاتىرجەم بولالمىدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹جېنىم ئوغلۇم! ئامېرىكا دېگەن خىرىستىيانلارنىڭ دۆلىتى دەيدۇ، مەن سېنىڭ ئېزىپ كېتىشىڭدىن قورقىمەن. شۇڭا ئوقۇشۇڭنى بۇ يەردە ئوقۇساڭ بولماسمۇ؟› دەپ يالۋۇردۇم. ئەمما ئوغلۇم بۇ ھاياتىدا بىر قېتىم كەلگەن پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ھازىر بارمىسا كېيىن مۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن چارىسىز ھالدا ئوغلۇمنى ئامېرىكىغا يولغا سالدىم. شۇ كۈنىدىن باشلاپ ھەر سەھەر تەھەججۇد نامىزىمدا ئوغلۇمغا ئالاھىدە دۇئا قىلىدىغان، ‹ئى ئاللاھ! سەن ئامانەتنى قەتئىي زايە قىلىۋەتمەيدىغان قۇدرەتلىك ئىگەمسەن، ئوغلۇمنى ساڭا ئامانەت قىلدىم، ئۇنى ساقلىغىن› دېگەن دۇئانى تەكرارلايغان بولدۇم.

ئوغلۇم ھەر تەتىلدە ئۆيگە كېلىپ تۇردى، نامازلىرى ۋە ئىستىقامىتى جايىدا ئىدى. سەككىز يىلدىن كېيىن ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەھەللىمىزدىكى چوڭ مەسجىدكە خاتىب بولۇپ تەيىنلەندى ۋە ھەپتىدە بىر قانچە كۈن جامائەتكە ئىسلامىي دەرس سۆزلەيدىغان بولدى. مەن بۇ ئەھۋالنى بىر تەرەپتىن قاتتىق خۇشاللىق، يەنە بىر تەرەپتىن ھەيرانلىق بىلەن كۆزىتىپ تۇردۇم. بىر كۈنى ئوغلۇمدىن ‹سەن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستاندەك ئىسلامنىڭ مەركىزىدە مەسجىدكە بەزىدە چىقىپ، بەزىدە چىقماي، ھەتتا نامازلىرىڭنى قازا قىلىپ يۈرەتتىڭ. ئەمدى ئامېرىكىدا ئوقۇپ كېلىپ، مەسجىدتىن قالمايدىغان بولۇپ كەتتىڭ. سەندىكى بۇ تەقۋالىق نەدىن كەلدى؟› دەپ چاقچاق ئارىلاش سورىۋىدىم، ئوغلۇم ‹ئانا بىرىنچىدىن سىز مېنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ھەققىمدە كۆپ دۇئا قىلغان ئىدىڭىز، ئاللاھ ئامانىتىڭىزنى ساقلىدى. ئىككىنچىدىن مەن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىسلامىي جامائەتلەر بىلەن تونۇشۇپ، مەكتەپتىن سىرت ئۇلارنىڭ ئالىملىرىدا ئىسلامىي بىلىملەرنى ئوقۇدۇم. مانا ئەمدى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دىندا ۋە پەندە تەڭ يېتىشتىم› دېدى. خۇشاللىقىمدىن دەرھال سەجدىگە باش قويۇپ، مەرھەمەتلىك ئۇلۇغ رەببىمگە شۈكۈرلەر ئېيتتىم».

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بەزىدە يۈزلەرچە تەپسىرلەرگە مۇراجىئەت قىلسىمۇ يەنىلا توغرىسىنى تاپالمىغاندا، تالاغا چىقىپ، يۈزىنى تۇپراققا سۈركەپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلاتتى ۋە «ئى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا ئۆگەتكەن ئاللاھ! ماڭا ئۆگەتكىن، ئى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا چۈشەندۈرگەن ئاللاھ! ماڭا چۈشەندۈرگىن»[15] دەپ دۇئا قىلاتتى.

 ئۆلىمالاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: «بىز بىر قانچە نەپەر ئۆلىمالار رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. شۇ ئەسنادا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بىز بىلەن سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغۇسى كەلگەندەك ھەرىكەتتە بولدى. مەن ئۇنى يېنىمغا تارتىپ سۆزلەشتىم. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بالا ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ تىلىدا كېكەچلىك بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار بىلەن سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلدۇق. مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى ماختىدىم ، ئاندىن ئۇنىڭغا: ﴿وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِنْ لِسَانِي﴾ «تىلىمدىن ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈۋەتكىن»[16] دېگەن دۇئانى كۆپ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلدىم. ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. بىز يەنە شۇ مەكتەپكە بېرىپ قالدۇق ۋە ھېلىقى بالا ئۆز ئاكتىپلىقى بىلەن ئالدىمىزغا كېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تىلى شۇنچە راۋان بولۇپ كەتكەن ئىدىكى، ئۇنىڭدا كېكەچلىكتىن ھېچبىر ئەسەر قالمىغان ۋە گەپ قىلغۇسى كېلىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى».

ئۆلىمالاردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ياشايدىغان مىسىرلىق بىر ئايال راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى دوختورىدىن ئاڭلايدۇ، قاتتىق بىئارام بولىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ بىرەر قېتىم ھەرەمگە بېرىپ ئۆمرە قىلىۋېلىشنى نىيەت قىلىپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئۆمرە قىلىش جەريانىدا، ئاللاھ تائالادىن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. ئايال زەمزەم سۈيى ئىچىش ئەسناسىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : «زەمزەم سۈيى نېمە ئۈچۈن ئىچىلگەن بولسا شۇنىڭ ئۈچۈندۇر، يەنى سەن ئۇنى شىپالىق تەلەپ قىلىپ ئىچسەڭ ئاللاھ ساڭا شىپالىق ئاتا قىلىدۇ، قورسىقىڭنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىچسەڭ ئاللاھ سېنى تويغۇزىدۇ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئىچسەڭ ئاللاھ  سېنىڭ ئۇسسۇزلۇقۇڭنى كېسىدۇ. ئۇنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام قازغان، ئۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ئىچكۈزۈلگەندۇر»([17]) دېگەن ھەسىنى ئېسىگە ئېلىپ، زەمزەمنى شىپالىق مەقسىتىدە ئىچىدۇ ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ دۇئا قىلىدۇ، كېسىلىگە شىپالىق تىلەيدۇ. ئايال ئۆمرە ئىبادىتىنى تۈگىتىپ، ياۋروپاغا قايتىدۇ ۋە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، دوختورغا كۆرۈنىدۇ. بۇرۇن ئۇنىڭغا بىر قانچە ئايلىقلا ئۆمرى قالغانلىقىنى ئېيتقان دوختور يېڭى ئانالىزغا قاراپ ئۆزىنىڭ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالىدۇ ۋە قايتا-قايتا ئانالىز ئالىدۇ. نەتىجە يەنىلا ئوخشاش چىققان بولۇپ، راكتىن ئەسەر قالمىغان ھالدا چىقىدۇ. ئايال ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن تۇرغان يېرىدە سەجدىگە يىقىلىدۇ.

دۇئانى ئىجابەت قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىدۇر

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ﴾ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن»[18] دەپ ۋەدە قىلغان. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: ﴿ وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن. ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن»[19] دېگەن. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئاللاھ تائالاغا ۋەدىسىگە قەتئىي خىلاپلىق قىلمايدۇ.

دۇئا قىلغان ئادەم قوش پايدا تاپىدۇ

ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ئارقىلىق قوش پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. چۈنكى دۇئا قىلغۇچى دۇئا ئارقىلىق ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ ۋە تىلىگەن ھاجىتى راۋا بولىدۇ. ئىنسان باشقا ئىبادەتلەرنى كۆڭلى باشقا يەردە تۇرۇپمۇ ئادا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما دۇئانى ئۇنداق قىلمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالاغا بولغان ھاجىتىنى تىلى ۋە دىلى بىلەن ئىزھار قىلىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرىدۇ، كۆز يېشى تۆكىدۇ، ھاجەتلىرىنى تەكرار-تەكرا سورايدۇ. دۇئا مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قالقىنىدۇر. شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، دۇئا قىلىش سەۋەب قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ.

دۇئانىڭ قوش پايدىلىرى

ئاللاھ تائاللاغا قىلىنغان دۇئا ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ. ھەرقانداق دۇئانىڭ چوقۇم پايدىسى بولىدۇ.

1. بەزى دۇئالار دەرھال ئىجابەت بولۇپ، بەندىنىڭ تىلىكى ئۆز ۋاقتىدا ھەل بولىدۇ.

2.  بەزى دۇئالار بەندىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ۋاقىتتا ئىجابەت بولىدۇ. چۈنكى، بەندە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى بىلمەيدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. شۇڭا بەزى دۇئالارنى ئاشۇ مەندىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇ ۋاقىتتا ئىجابەت قىلىىپ بېرىدۇ.

3. يەنە بەزى دۇئالار بۇ دۇنيادا ئىجابەت بولماي، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن دەسمايە ئورنىدا ساقلاپ قويۇلىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئەسقاتىدۇ. مەسىلەن: بىراۋ كۆپ پۇل-مالغا ئىگە بولۇشنى ياكى كاتتا مەنسەپدار بولۇشنى تىلىسە، ناۋادا ئۇنىڭ تىلىگەنلىرى بېرىلگەن تەقدىردە ئۇنىڭغا زىيانلىق بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كۆيۈنگەنلىكتىن ئۇنىڭ تىلىگەنلىرىنى بۇ دۇنيادا بەرمەيدۇ ۋە ئاخىرەتكە ساقلاپ قويىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنى رازى قىلىدۇ.

4. يەنە بەزى دۇئالار بەندىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغانلىقتىن ئىجابەت بولمايدۇ، ئەمما دۇئا قىلغۇچى ئاشۇ دۇئاسى سەۋەبلىك بالا-قازادىن ساقلىنىپ قالىدۇ ياكى گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.

دۇئا دېگەن قىلسىمۇ ياكى قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس

ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ھەركىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ياكى ئارتۇقچە بىر ئىبادەت ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ﴿إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ «كىمكى مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتىدىكەن، ئۇ خارلانغان ھالدا دوزاخقا كىرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. يەنى كىمكى ماڭا دۇئا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ماڭا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، ئۇ ئاخىرەتتە خارلانغان ھالدا دوزاخقا كىرىدۇ، دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «دۇئا— ئىبادەتتۇر»[20] دەپ كۆرسەتكەن.

[1] بۇرۇج سۈرىسى: 16- ئايەت.
[2] ياسىين سۈرىسى: 83- ئايەت.
[3] نىسا سۈرىسى:30- ئايەت.
[4] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى، 13973- ھەدىس. (ئەللامە مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانىي «ھەسەن» دەپ باھالىغان ھەدىس).
[5] مەريەم سۈرىسى: 21- ئايەت.
[6] مەريەم سۈرىسى: 2-9- ئايەتلەر.
[7]  پەيغەمبەرلەرگە ئاتا قىلىنغان مۆجىزىلەر ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋاللار بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئىدى.
[8] نەمرۇد ئىبنى كەنئان ئىسىملىك پادىشاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا، ئاللاھ تائالا ئوتقا: ﴿ يَا نَارُ كُونِي بَرْدًا وَسَلَامًا عَلَى إِبْرَاهِيمَ﴾ «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق بولۇپ بەرگىن» دەپ ئەمر قىلغان. (ئەنبىيا سۈرىسى:69-ئايەت).
[9] ﴿ فَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْبَحْرَ فَانْفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرْقٍ كَالطَّوْدِ الْعَظِيمِ ﴾ «شۇنىڭ بىلەن بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، (مۇسا ئۇرۇۋىدى) دېڭىز يېرىلدى، (ھەربىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى»(شۇئەرا سۈرىسى:63-ئايەت).
[10] ﴿ اقْتَرَبَتِ السَّاعَةُ وَانْشَقَّ الْقَمَرُ﴾ «قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى» (قەمەر سۈرىسى:1- ئايەت).
[11] ﴿وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ﴾ «ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى (قومۇرۇپ كېلىپ) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك كۆتۈرگەن ئىدۇق». (ئەئراف سۈرىسى:171-ئايەت).
[12]  ئامىر ئىبنى رەبىئەنىڭ سۆزى (ئىمام تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان).
([13])   ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[14] ئەلى جابىر ئەل فەيفىينىڭ «لأنك الله» دېگەن ئەسىرى، 104- بەت.
[15] ئەلى جابىر ئەل فەيفىينىڭ «لأنك الله» دېگەن ئەسىرى، 103- بەت.
[16] تاھا سۈرىسى: 27-ئايەت.
([17])   ئىمام بەيھەقىي، دارىقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايىتى.
[18]  غافىر سۈرىسى: 60- ئايەت.
[19]
[20] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

2024-يىلى 28-ئۆكتەبىر