27-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە پارلامېنت سايلىمىدا ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئېرى (ئارفىيە ئەلى) قايتا ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. ئارفىيە ياپونىيەنىڭ 2023-يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئىدى.
ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فۇمىيو كىشىدا بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئۆكتەبىر ئېيىدا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا ئارفىيە ئېرى ئىككى ھەپتىگە يېقىن داۋاملاشقان تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە قايتا ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ بۇلتۇر 4-ئايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە سايلامغا قاتنىشىپ، چىبا شەھەرلىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى سايلىمىدا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ سابىق باش ۋەزىر فۇمىئو كىشىدانىڭ ئالاھىدە كۆرسىتىشىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى.
ئارفىيە ئېرى ياپونىيەنىڭ خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئۇ 27-ئۆكتەبىر ھىندىستان ۋاقتى قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختالدى. ئەرفىيە ئېرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە دوكلات، دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىي قەدەم باسمىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ، خۇسۇسەن ياپونىيەنىڭ خىتاينى تېخى تولۇق چۈشىنىپ يەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر قىز ئارفىيە ئەلى 1988-يىلى ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياپون تىلىدىن باشقا، ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچىنى پىششىق بىلىدىكەن. ئۇ ۋاشىنگتوندىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا سىياسەت كەسپىدە ئوقۇغان، ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا سىياسەت ئىنستىتۇتى، دۇنيا بانكىسى، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى بۇ قېتىملىق سايلام ئارقىلىق ئاۋام پالاتاسىدا 215 ئورۇنغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھۆكۈمەت تەشكىللىشى ئۈچۈن كېرەك بولغان 233 ئورۇنغا يېتەلمىگەن. بۇ سەۋەبلىك لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى باشقا پارتىيەلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك ئىكەن.
2024-يىلى 29-ئۆكتەبىر