ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىق سەۋەبىدىن يەنە بىر داڭلىق خىتاي توقۇمىچىلىق گۇرۇھىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن.
مەزكۇر مىنىستىرلىق قارمىقىدىكى تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ 31-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، 1-نويابىردىن باشلاپ خىتاينىڭ خوڭكوڭنى بازا قىلغان «يىدا گۇرۇھى» (Esqual Group)ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرىدىن «گۇاڭدۇڭ يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى»، «تۇرپان يىدا توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەنگەن.
بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 78 يېتىپ بارغان. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «يىدا گۇرۇھى» نىڭ «سانجى يىدا توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نى 2022-يىكى قارار تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇنىڭغا قوشۇمچە «يىدا گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەنە بىر تارماق شىركىتى بولغان «سانجى يىدا توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» داۋاملىق چەكلەش تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەت چەكلەش تىزىملىكىنىڭ بىر تارمىقىدىن چىقىرىلىپ، يەنە بىر تارمىقىغا قوشۇلىدىكەن. «يىدا گۇرۇھى» ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوركاس، گۇماندارلارنى داۋاملىق جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (CAIR)1-نويابىر بايانات ئىلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دۆلەتلىك ئالاقە دېرىكتورى ئىبراھىم خۇپېرباياناتتا مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى تەمىنلىگەن ماتېرىياللار بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەشنى قارشى ئالىمىز ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز».
2024-يىلى 2-نويابىر