2024-يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سەيشەنبە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ سايلام ئامېرىكىنىڭ 60-نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پارلامېنت سايلىمىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ. سايلامدا ئاۋام پالاتاسىدىكى 435 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىدىكى 100 پالاتا ئەزاسىدىن 33 نەپىرى يېڭىدىن سايلىنىدۇ ۋە ئامېرىكىنىڭ 119-نۆەتلىك دۆلەت مەجلىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا، 2017-2021 يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى بولغان دونالد ترامپ بىلەن 2021-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بولۇپ كېلىۋاتقان كامالا خاررىس رىقابەتلىشىدۇ. باشقا نامزاتلار بار بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىدا ئىككى چوڭ پارتىيە بولغاچقا سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلاردىن بىرى غەلبە قىلىدۇ. ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى، خارىس بولسا دېموكراتلارنىڭ نامزاتى. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەسلى نامزاتى ھازىرقى پرېزىدېنت جوۋ بايدىن بولۇپ، سايلامغا بىر نەچچە ئاي قالغاندا نامزاتلىقتىن ۋاز كەچتى ۋە ئورنىغا كامالا ھارىسنى كۆرسەتتى. كامالا خاررىس غەلبە قىلىپ قالسا، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولىدۇ.
ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ئومۇمىي سايلام دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام بولۇپ ، پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت سايلىندۇ. ئامېرىكىدا 1792-يىلدىن باشلاپ ھەر تۆت يىلدا بىر سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. شۇنداقلا، 1845-يىلى سايلام كۈنى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىنكى تۇنجى سەيشەنبە قىلىپ بېكىتىلدى.
ئامېرىكا سايلىمى بىۋاستە سايلامدىن پەرقلىق بولۇپ، بىر شىتاتتا سايلىغۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىق ئاۋازىغا ئېرىشكەن نامزات بۇ شىتاتتىكى بارلىق ئاۋازغا ئېرىشكەن بولىدۇ. ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا سايلام ئۆمىكى (Electoral College) تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. سايلام ئۆمىكى تۈزۈمى 1787- يىلىدىكى فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنى تۈزۈش يىغىنىدا بەلگىلەنگەن. ئەڭ دەسلەپكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۆپ قىسىم شىتاتلارنىڭ سايلىغۇچلىرىنى شىتاتلىق پارلامېنت تاللاپ ئەۋەتىدۇ. سايلىغۇچىلار دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش بېكىتىلگەن كۈندە ھەر قايسى شىتاتلاردا بىلەت تاشلاپ پىرېزىدېنتى سايلاپ چىقىدۇ. سايلام ئۆمىكىنىڭ كۆپ سانلىق بىلىتىگە ئېرىشكەن كىشى پىرېزىدېنت بولىدۇ، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كىشى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولىدۇ.
سايلام ئۆمىكى پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى 538 نەپەر سايلىغۇچىدىن تەشكىل تاپقان. ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى شىتاتلار ئىگە بولغان سايلىغۇچىلار بىلەت سانى بۇ شىتاتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ سانى بىلەن تەڭ. كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ سانى 100 بولۇپ، ئامېرىكىدىكى 50 شىتاتنىڭ ھەر بىرىدىن ئىككى نەپەردىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى بار. ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ سانى بولسا ھەر قايسى شىتاتلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى كولومبىيە ئالاھىدە رايونىنىڭ ئۈچ نەپەر سايلىغۇچى بىلىتى بار. دۆلەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، بۇ 538 بىلەتتىن ئاز دېگەندە 270 بىلەتكە ئېرىشكەن نامزات پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك سايلام ئامېرىكا ئەڭ قۇتۇپلاشقان بىر دەۋردىكى سايلام دەپ قارالماقتا.
2024-يىلى 4-نويابىر