خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەر بولۇشى كېرەك

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتىگە قارىتا ئابىدە خاراكتېرلىك باھالاش ئېلان قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنيا مىقياسىدا تەكشۈرۈش چاقىرىقلىرى يەنىلا كۈچلۈك.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى، 2024-يىلى 4-نويابىر

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ئومۇمىي مەجلىسىدە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى بېيجىڭنى ئۇيغۇر رايونى (شەرقىي تۈركىستان-ت)، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ب د ت تەكلىپلىرىنى تېزدىن يولغا قويۇشقا چاقىردى.

ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دوكلاتىغا ئىزچىل دىققەت قىلىنماقتا

گەرچە خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى (OHCHR) مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەتىجىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قارىماي، ب د ت نىڭ شىنجاڭ دوكلاتى خىتاينىڭ ب د ت دىكى ھوقۇق خاتىرىسى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەردە يەنىلا مەركىزى نۇقتىسى بولۇپ قالدى. 2022-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قاتارلىق خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى ۋە داۋاملىق سادىر قىلىشى مۇمكىنلىكى بايقالغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2024-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 57-قېتىملىق يىغىنىدا، «شىنجاڭ يادرولۇق گۇرۇپپىسى» نى تەشكىل قىلغان ئون دۆلەت - دەسلەپتە 2022-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ دوكلاتى ھەققىدە مۇھىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان - بىرلەشمە بايانات ئىلان قىلىپ، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تەرەپسىز نەتىجىسىنى داۋاملىق رەت قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەھمىيەتلىك ئالاقە قىلالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە باياناتتا خىتايدىن ئۇيغۇر رايونىدا خالىغانچە قولغا ئېلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بىخەتەر ئالاقىلىشىش ۋە جەم بولۇشقا قۇلايلىق يارىتىش ۋە خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش تەلەپ قىلدى.

گوللاندىيە، لىتۋا، فىنلاندىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە دۆلەتمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، خىتاينى «شىنجاڭ» توغرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىردى.

بىر قانچە دۆلەت يەنە تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىكنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلار پۇقرالار بوشلۇقىنى چەكلەش، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ھازىرغا قەدەر، OHCHR دوكلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا 150 قېتىمدىن ئارتۇق تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي قايتا-قايتا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى. بۇلار ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ خىتاينى سىستېمىلىق ئىرقىي كەمسىتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ بىرلەشمە بايانات يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ب د ت ئومۇمىي يىغىندا تىبەتتىكى تۇتۇپ تۇرۇش، ساياھەت چەكلىمىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياتاقلىق مەكتەپلەردە بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىش ھەمدە تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان تۇنجى بايانات ئىدى.

15 دۆلەت خىتاينى «ب د ت نىڭ بارلىق تەۋسىيەلىرىنى تولۇق يولغا قويۇشقا» ۋە ب د ت مېخانىزمى گەۋدىلەندۈرگەن كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىكلەرنى ھەل قىلىشقا، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.