تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا 19 كېلىشىم ئىمزالىغان

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىرغىزىستانغا بارغان تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىشكەكتە قىرغىزىستان پرېزىدېتنى سادىر جاپاروف تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 19 كېلىشىم ئىمزالانغان.

تۈركىيە ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان بىخەتەرلىك، سانائەت، ئېنېرگىيە، مائارىپ، سەھىيە ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان 19 كېلىشىم ئىمزالىغان.

مۇراسىمدا، ئەردوغان بىلەن جاپاروف «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى بىرلەشمە خىتابنامىگە» ئىمزا قويغان.

ئەردوغان چاپاروف بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق سودا ھەجىمىنىڭ 2 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، بۇنى 5 مىليارد دوللارغا چىقىرىش كېرەكلىك تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سادىر جاپاروف تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستاننىڭ 62 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق قەرزىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. جاپاروف «بۇ قەدەم ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ ۋە قىرغىزىستان ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي قۇتقۇزۇشتىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ قەرزنى بىكار قىلىش قارارىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇ قەرزلەرنىڭ «يېشىل ئىقتىساد» تۈرلىرىگە قارىتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىنشىچە، ئەردوغان جاپاروفقا تۈركىيەنىڭ يەرلىك ماركىلىق ئاپتوموبىلىنى سوۋغا قىلغان. جاپاروف ئەردوغانغا «ماناس ئوردىنى» تەقدىم قىلغان. 

11-نۆۋەتلىك تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى بۈگۈن 6-نويابىر قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

2024-يىلى 6-نويابىر