5-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا، سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ 266 ئاۋازغا ئېرىشكەندىن كېيىن قايتىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رەقىبى كامالا خاررىس ھازىرغىچە 224 ئاۋازغا ئېرىشتى. پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىش ئۈچۈن 270 ئاۋازغا ئېرىشىشى كېرەك.
كۆپ قىسىم شىتاتلاردا ساندۇقلا ئېچىلىپ سايلام نەتىجىسى مۇقىملاشقان بولۇپ، بىر قىسىم شىتاتلاردا بېلەت ساناش داۋاملاشماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ترامپ 130 يىلدىن بۇيان ئاقسارايغا قايتا كېلەلىگەن تۇنجى پرېزىدېنت ئىكەن. ئۇ 2017 ۋە 2021 يىللىرى ئارىسىدا پرېزىدېنت بولغان ئىدى.
ترامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە سودا ئۇرۇشى قىززىق تېما بولدى. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېو ئۇيغۇرلارنى كۆپ تىلغا ئالغان سىياسىئونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئاخىرقى كۈنى يەنى 2021-يىلى 19-يانۋار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلان قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ترامپنىڭ سابىق ئاقساراي بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى كېيىنچە يازغان كىتابىدا، ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرى سىياسىتىگە كۆز يۇمغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ تېخى رەسمىي سايلام نەتىجىسى ھېسابلانمايدۇ. قائىدە بويىچە، 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سايلام ئىنستىتۇتى يىغىلىپ كىمنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدۇ. 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت مەجلىسى يىغىلىدۇ ۋە يېڭى پرېزىدېنتى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ.
2024-يىلى 6-نويابىر
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تەرتىپلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولالايسز:
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى قانداق سايلاپ چىقىلىدۇ؟