جەننەتنىڭ يولى ۋەتەندىن ئۆتىدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

   ئىسلام دىنىمىزدا ۋەتەننى قوغداش ئەڭ ئالدىنقى پەرزلەرنىڭ بىرىدۇر. قۇرئان كەرىمدە جىھاد ھەققىدە چۈشكەن تۇنجى ئايەتنىڭ ۋەتەن سەۋەبلىك چۈشكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىمىز. ﴿أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَاتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا وَإِنَّ اللَّهَ عَلَى نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ.  الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّا أَنْ يَقُولُوا رَبُّنَا اللَّهُ﴾ «ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغان ئىدى»[1]. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنى ئانا ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقارغان، ئۆي-جايلىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى تارتىۋالغان زالىملارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى پەرز قىلغان.

    بۇ ئايەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا بۇيرۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

    ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغانلىقتۇر. ﴿أَلَمْ تَرَ إِلَى الْمَلَإِ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ بَعْدِ مُوسَى إِذْ قَالُوا لِنَبِيٍّ لَهُمُ ابْعَثْ لَنَا مَلِكًا نُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ قَالَ هَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ أَلَّا تُقَاتِلُوا قَالُوا وَمَا لَنَا أَلَّا نُقَاتِلَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنَا مِنْ دِيَارِنَا وَأَبْنَائِنَا فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ تَوَلَّوْا إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا مۇسادىن كېيىن كەلگەن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشكەن ئىدى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد قىلىش پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالساڭلارچۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق، قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى (جىھاد قىلىشتىن) باش تارتتى. (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر»[2].

   بۇ ئايەتنىڭ «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق، قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېگەن قىسمى بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆز يۇرتىنى قايتۇرۇپ ئېلىش يولىدا ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھاد ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   ۋەتەننى قولدىن بېرىش ئۆلگەن بىلەن تەڭدۇر. ﴿ وَلَوْ أَنَّا كَتَبْنَا عَلَيْهِمْ أَنِ اقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ أَوِ اخْرُجُوا مِنْ دِيَارِكُمْ مَا فَعَلُوهُ إِلَّا قَلِيلٌ مِنْهُمْ﴾ «ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى»[3].

   بۇ ئايەت جاننى قوغداش قانچىلىك زۆرۈر بولسا ۋەتەننى قوغداشنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەك زۆرۈر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

   بىراۋنى ئۆز ۋەتىنىدىن چىقىرىۋېتىش ئۇنى ئۆلتۈرۈش ياكى دارغا ئېسىش ۋەياكى پۇت- قولىنى كېسىش بىلەن تەڭدۇر. ﴿ إِنَّمَا جَزَاءُ الَّذِينَ يُحَارِبُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا أَنْ يُقَتَّلُوا أَوْ يُصَلَّبُوا أَوْ تُقَطَّعَ أَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُمْ مِنْ خِلَافٍ أَوْ يُنْفَوْا مِنَ الْأَرْضِ ذَلِكَ لَهُمْ خِزْيٌ فِي الدُّنْيَا وَلَهُمْ فِي الْآَخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ﴾ «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى ئۇرۇش ئاچىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قولى ۋە سول پۇتى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ جازا ئۇلارنى دۇنيادا رەسۋا قىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارغا چوڭ ئازاب باردۇر»[4].

   يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن بەرگەن تەبىرلىرىدۇر. بۇ ئايەتلەردە كۆرگىنىمىزدەك، قۇرئان كەرىم ۋەتەننىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان يېگانە كىتابتۇر. دۇنيادا ھېچقانداق كىتاب ۋە ھېچقانداق دىن ۋەتەنگە قۇرئان كەرىم قىممەت بەرگەندەك قىممەت بەرگەن ئەمەس.

   شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ئىشى دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇستەقىل ۋەتەن بولغاندىلا ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ياشاتقىلى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىھادلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك نەمۇنىلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يۈز بەرگەن بەدرى، ئۇھۇد ۋە خەندەك قاتارلىق چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ ۋەتەننى قوغداش — مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئىبارەت مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى دۆلىتىنى ۋە يېگانە ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن بولغانلىقىنى ۋە مۇشۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، جىھادنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدى بىرى ئىسلام دىيارىنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. چۈنكى بەدرى ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ 2-يىلى (624م) رامىزان ئېيىنىڭ 17-كۈنى جۈمە سەھەر ۋاقتىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان بەدىر دېگەن جايدا بولغان. ئۇھۇد ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ 3-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 7-كۈنى (مىلادىيە 625-يىلى 23-مارت) مەدىنەمۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئۇھۇد تېغىدا بولغان. خەندەك ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ 5-يىلى شەۋۋال ئايدا (627م) مەدىنىگە يېقىن بىر جايدىكى سەل تېغىنىڭ ئېتەكلىرىدە بولغان. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى باشقىلارنىڭ ۋەتىنىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش قىلمىغان، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى بولغان مەدىنە شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقان. شۇڭا بۇ ئۇرۇشلار مەككىدە ياكى باشقا جايلاردا ئەمەس، مەدىنە شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بولغان. چۈنكى، كاپىرلار ئىسلام دىيارىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن، مۇسۇلمانلار بولسا ئىسلام دىيارىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقان ۋە ئۇلارنى ئارقىغا قايتۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئىسلام دىيارلىرىنى قوغداش يولىدا جىھاد قىلىپ، بارغان جايلىرىدا شېھىت بولغان ۋە قەبرىلىرى شۇ جايلاردا قالغان. كۆپلىگەن ساھابىلەرنىڭ قەبرىلىرىنىڭ شام، ئىراق، مىسىر، يەمەن، تۈركىيە، ئىران، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردا قالغانلىقى بۇنىڭ مىسالى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز يۇرتىنى ئازاد قىلىش يولىدىكى كۈرەشلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى ئون يىللىق ھاياتىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، ئۇ زاتنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى دۆلىتى بولغان مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنى مەككە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش بىلەن، مۇھاجىرلارنىڭ ئەسلى ۋەتىنى بولغان مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى مۇشرىكلارنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىش ئارزۇسى ۋە تەييارلىقى بىلەن ئۆتكەنلىكىنى بىلىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ 13 يىلىنى مەككىدە، قالغان 10 يىلىنى مەدىنىدە ئۆتكۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى 13 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا ئاۋۋالقى ئۈچ يىلنى كىشىلەرنى ئىسلامغا مەخپىي دەۋەت قىلىش، كېيىنكى ئون يىلنى ئىسلامغا ئاشكارا دەۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇ جەرياندا شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە قانۇن-تۈزۈملىرى بەلگىلەنمىگەن. پەقەت مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، ئۇ جايدا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئىسلام پەزرلىرى، شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە قانۇن-تۈزۈملىرى بۇيرۇلۇشقا باشلىغان.

بۇنىڭدىن شۇ خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇكى، دىننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىبادەتلەرنى ئەركىن ھالدا ئورۇنداش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەتەن كېرەك، مۇستەقىل دۆلەت كېرەك.

ۋەتەن چۈشىڭىزگە كىرەمدۇ؟ 

ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەربىر ۋەتەنپەرۋەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىنى سۆيەتتى، ئۇنىڭغا تەلپۈنەتتى ۋە ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىشنى كېچە-كۈندۈز ئويلايتتى، ئۇنىڭ پىلانىنى تۈزەتتى ۋە شۇ پىلان بويىچە ھەرىكەت قىلاتتى، ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ  مەككىگە بېرىپ چۈش كۈرەتتى. ﴿لَقَدْ صَدَقَ اللَّهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا بِالْحَقِّ لَتَدْخُلُنَّ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آَمِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمْ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَ﴾ «ئاللاھ پەيغەمبىرىگە راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ خالىسا، سىلەر خاتىرجەم بولغان (بەزىلىرىڭلار) باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرەمگە كىرىسىلەر»[6] دېگەن ئايەتمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋەتىنى مەككىنى قانچىلىك بەك سېغىنغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا كىرىشكە قانچىلىك تەقەززا بولغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئادەم ئۆزى قاتتىق تەشنا بولغان ۋە ئېسى- يادى شۇنىڭدا بولغان نەرسىسىنى چۈشەيدۇ. بۇ خۇددى قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن ئادەمنىڭ سۇ ئىچىپ ياكى سۇ ئىزدەپ چۈش كۆرگىنىگە ئوخشاش بىر ئىشتۇر.

پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلىپ ھەرىكەت قىلغان، سەۋەب قىلغان، ھەتتا شۇنى چۈشەپ، شۇنى ئويلاپ كۈنلىرىنى، ئايلىرىنى ۋە يىللىرىنى ئۆتكۈزگەن ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بىزچۇ؟ بىز چۈشىمىزدە ۋەتەننى ئاخىرقى قېتىم قاچان كۆردۇق؟ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ۋەتەن سۆيگۈسى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ياكى ئەدىبلەرنىڭ ۋە ۋائىزلارنى دەبدەبىلىك سۆزلىرى بىلەن ئەمەس، پىداكار روھ بىلەن توختاۋسىز ئىشلەش ئارقىلىقلا ھەقىقىي ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

خۇددى يالقۇن روزى ئېيتقاندەك، «يىراقلاردا تۇرۇپ ۋەتەننى سېغىنىش ئالاھىدە ئىش ئەمەس، ۋەتەن ئۈچۈن ئەلەم چېكىش قالتىس ئىش»[7]تۇر. توغرا، ۋەتەن ئۈچۈن ئەلەم چەككەنلەر بەدەل تۆلەشتىن قورقمايدۇ، ۋەتەن تۇيغۇسىدا مەردانە ياشايدۇ، ۋەتەن داۋاسىنى ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەقىقىي دىندارلىقتۇر.

دۈشمەنلەرنىڭ قىلتاقلىرى ۋە خاتا چۈشەندۈرۈلگەن ھەدىسلەر

بىزنىڭ مۇسۇلمان ياشلىرىمىزنىڭ مېڭىسىنى ئىسلام نامى بىلەن زەھەرلەشنى پىلانلىغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك چۈشەنچىسىدىن ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىدىن مەھرۇم قىلىپ كەلدى.

   1. ئىمام مۇسلىم جۇندۇب ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەسەبىيلىككە چاقىرىش ياكى ئەسەبىيلىككە ياردەم قىلىش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇكاپىرلىق ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ»[8]. ھەدىستىكى ئەسەبىيلىك قەبىلىۋازلىقنى، بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىش ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبسىگە تەڭ كېلەلمەي مەجبۇرىي مۇسۇلمان بولغان ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ تولىسى پۇرسەت تاپسىلا ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىشنى ۋە شۇ جاھىلىيەتكە دەۋەت قىلىشنى قولدىن بەرمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا بەزى ئەرەب قەبىلىلىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن مۇرتەدلىك (دىندىن يېنىۋېلىش) ھەرىكىتى بۇنىڭ مىسالى. ئۇ چاغدا، مەككە، مەدىنە ۋە تائىف شەھەرلىرىدىن باشقا شەھەرلەردىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى مۇرتەد بولغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىمكى ئەسەبىيلىككە چاقىرىش ياكى ئەسەبىيلىككە ياردەم قىلىش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇكاپىرلىق ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ» دېگەن سۆزى ئىسلامدىن يېنىۋېلىپ، بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتماقچى بولغان ئەرەبلەرگە قارىتىلغان ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئەمما مۇسۇلمان ياشلىرىنى زەھەرلەشنى پىلانلىغانلار بۇ ھەدىسنى تەتۈر چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىككە قارىتىلغان دەپ جۆيلۈگەن. ئاندىن «ئىسلامدا ۋەتەن دەۋاسى قىلىش يوق» دېگەن شوئارنى ياڭراتقان. ھالبۇكى، ئىسلام دىنىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىكنى قوللايدۇ. شۇمۇ ئېنىقكى،  ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەقىقىي دىيانەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  2. ئىمام بۇ خارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ‹بىرى ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىرى ئەسەبىيلىك ئۈچۈن ئۇرۇشىدۇ، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا بولغان ئۇرۇش بولىدۇ؟› دەپ سورالغىنىدا، ‹كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشىدىكەن، ئاشۇ ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇش بولىدۇ› دەپ جاۋاب بەرگەن». بۇ ھەدىسنى بۇرمىلىغانلار ھەدىستىكى «ئەسەبىيلىك» دېگەن سۆزنى «ۋەتەننى دەپ ئۇرۇش قىلىش»، «مىللەتچىلىك قىلىپ ئۇرۇشۇش» دەپ شەرھلەپ، مۇسۇلمان ياشلىرىنى ۋەتەن سۆيگۈسىدىن، ۋەتەن دەۋاسىدىن ۋاز كېچىدىغان ھالاتكە كەلتۈرۈپ قويدى. ھالبۇكى، ھەدىسلەردە كەلگەن «ئەسەبىيلىك» ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەدىس ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭدىكى «ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش» دېگەن سۆز ۋەتەننى قوغداشنىڭ پەرزلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

چۈنكى مۇستەقىل ۋەتەن بولغاندىلا ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغىلى، ئاللاھ تائالا ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇندىغىلى ۋە ئىسلام قانۇنىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ تەبۇك دېگەن جايغا بېرىپ، ئۇ جايدا ئىسلام دۆلىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن توپلانغان 40 مىڭدىن ئارتۇق رىم قوشۇنىغا ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۇرۇشىسز يېڭىپ، مەدىنىگە غالىبلارچە قايتقانلىقى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرىقى ئۈلگىسى ئىدى. چۈنكى شۇ چاغدا بىزىنتىيە ئېپىراتورلۇقى ئۆز قوشۇنلىرىنى ۋە رايوندىكى غەساسىنە ئەرەب قوشۇنلىرىنى توپلاپ مەدىنە ئىسلام دۆلىتىنى يىقىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش تەييارلىقىغا چۈشكەن بولۇپ، بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرىيەنىڭ 9- يىلى (مىلادىيەنىڭ 630- يىلى) ياز كۈنلىرى ھاۋانىڭ قاتىق ئىسسىقلىقىغا، مۇساپىنىڭ ناھايىتى ئۇزاقلىقىغا قارىماي، 30 مىڭ كىشىلىك ئىسلام قوشۇنىنى باشلاپ تەبۇك رايونىغا بارغان. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشقا چىقمىغان بولسا، ئۇلار مەدىنىگە ھۇجۇم قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىنبىر ۋەتىنى بولغان مەدىنە قولدىن كېتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا بولغان بۇ ھوشيارلىقنىڭ ۋە ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۈزدىن بىرى ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا بولغان بولسا ئىدى، ئىسلام دىيارى بۈگۈنكىدەك بەزىسى مۇستەملىكىدە، بەزىسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بېقىندىلىقىدا قالمىغان بولاتتى. 16- ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ مۇسۇلمانلار ئىسلام دىيارىغا خىرىس قىلىۋاتقانلار بىلەن كارى بولمايدىغان، دۈشمەن بېسىپ كىرمىگۈچە ئورنىدىن قىمىرلىماي ئولتۇرۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.

   3. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۆزىنىڭ مال _ مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر، ئۆزىنىڭ جېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر، ئۆزىنىڭ دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر». بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان، ئەللامە ئەلبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان. بۇ ھەدىسنى ئۆلىمالار مۇنداق شەرھلىگەن: «ئۆزىنىڭ مال_ مۈلكىنى ياكى ئائىلىسىنى ياكى دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغانلار قاتارىغا كىرىدۇ ۋە ئاخىرەتتە شېھىتلەرگە تەييارلانغان مۇكاپاتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ». مەلۇمكى، مۇستەقىل ۋەتىنىڭىز بولمىسا، نە مال _ مۈلكىڭىزنى، نە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى، نە دىنىڭىزنى قوغداپ قالالمايسىز. شەكسىزكى، جاننى، مال _ مۈلۈكنى، ئائىلىنى ۋە دىننى قوغداپ تۇرىدىغان بىردىنبىر قورغان ۋەتەندۇر. مۇستەقىل ۋەتىنىڭىز بولمىسا، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قىلغاندەك مال _ مۈلكىڭىزنى خالىغانچە تارتىۋالىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىڭىزنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەرگە تاشلايدۇ، ئۇلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ، جەسەتلەرنى يوشۇرۇن كۆمىدۇ ياكى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، دىنىڭىزنى خارلايدۇ، ھەتتا پۈتۈنلەي چەكلەيدۇ. ئەمدى سىزگە ۋەتەندىن باشقا نېمە كېرەك؟ دېمەك، سىزنىڭ ئىنسانلىق سالاھىيىتىڭىز بىلەن ئەركىن ياشىشىڭىز ئۈچۈنمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىسى بولۇپ ياشىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ۋەتەن كېرەك.

ۋەتەن ئۈچۈن جان بېرىش شەرەپتۇر

شىراق رىۋايىتى

 قازاقىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 1995- يىللىق مەلۇم بىر سانىدا «شىراق رىۋايىتى» دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، ماقالىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «ﺋﯩﺮﺍﻥ شاھى ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺩﺍﺭﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ، ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﺷﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﯖﻪﺵ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ: "ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭺ - ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ بالىچاﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﺎﺭ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻙ ، ﻳﯧﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﯧﭙﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﻰ ﺩﺍﺭﺍ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜﺱ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ" ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯩﺮﺍﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ئۆزىنىڭ قۇلاقلىرىنى ۋە ﺑﯘﺭﻧﯩﻨﻰ ﺷﺎﺭﺗﯩﻠﺪﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﺪﯗ- ﺩﻩ ، ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯩﺮﺍﻕ ﺩﺍﺭﺍ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ تاپىدۇ ۋە ﺋﻪﺗﻪﻱ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﭖ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ: "ﺋﻪﻱ ﺷﺎﮬﻼﺭﺷﺎﮬﻰ! ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ 'ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺩﺍﺭﺍ ﺋﺎﻟﯩﻠﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ' ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ۋە ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﺩﺍﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﮬﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ!" ﺩﻩﻳﺪﯗ .

ﺩﺍﺭﺍ ﺷﯩﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺳۆﺰﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺳﺎﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺷﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺷﯩﺮﺍﻕ ئىستېلاچى ئىسكەندەر ﺩﺍﺭﺍﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: "ﺷﺎﮬ ﺋﺎﺋﯩﻴﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ رەقىبلىرىمدىن ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﯖﮕﻪ ﻣﯘﮬﺘﺎﺟﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻣﯩﻐۇچە ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﯩﻨﺠﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ يۇرت - ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﻪﮬﻠﻰ - ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ ﺳﯘﺭ - ﺗﻮﻗﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯓ، ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﻨﻰ 'ﻳﺎﯞﯗﺯ' ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯔ ﮬﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋۆﺘﺴﻪ، ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜﺱ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺗﯘﻧﯘﺷﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻤﻪﻥ. شۇڭا ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﯧﺰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯔ پەقەت ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙلا ﺋﻮﺯﯗﻕ - ﺗﯜﻟﯜﻙ ، ﺳﯘ ﻏﻪﻣﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ "

ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﺷﯩﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﻰ ﺩﺍﺭﺍﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ - ئېتىبارىنى ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺷﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ، ﺳﺎﻛﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺷﯩﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺋﻮﺕ - ﭼﯚﭘﻠﯜﻙ ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎندا- ﺳﺎﻧﺪﺍ ﮔﯩﻴﺎھ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺗﺎﻗﯩﺮ ﺩﺍﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ئۈچىنچى ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﺰﺯﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﻩﺷﺖ - ﭼﯚﻝ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ قىزىقلىق ﺗﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯧﻐﯩﺰ - ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ، ﮬﺎﻟﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ - ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﻪﺗﺘﻪﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ باشلىقى ﺭﺍﻧﻮﺱ ﺗﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪﺍ، ﺳﺎﻛﻼﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎپە ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺷﯩﺮﺍﻕ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺰ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺩﺍﺭﺍ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﺎﻛﻼﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺭﺍﻧﻮﺱ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻏﻪﺯﻩﺑﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: "ﺋﻪﻱ ﺗﯧﮕﻰ ﭘﻪﺱ ﺋﯩﭙﻼﺱ! ﺳﻪﻥ ﯞﻩﺩﻩﯕﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯔ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ! ﺳﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺳﺎﻛﻼﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟! ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﺎﻕ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﭼﯚﻝ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺕ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﺗﯘﻳﯘﻏﻰ، ﻗﯘﺵ ﺋﯘﭼﺴﺎ ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ، ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻧﻪ ﺳﯘ، ﻧﻪ ﺋﻮﺯﯗﻕ - ﺗﯜﻟﯜﻙ ، ﻧﻪ ﻳﻪﻡ - ﺧﻪﺷﻪﻙ قالمىدى؟ ﺑﯘ توﻧﯘﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﺰﺯﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﻩﺷﺖ - ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﺎ ﻳﺎ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﻡ ﻣﺎﯕﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﻳﺎ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺳﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﯔ؟ ﺳﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھنى ﺋﺎﻟﺪﺍﺷﻘﺎ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺋﻪﺟﻪﻝ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸكە ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯧﺘﯩﻨﺪﯨﯔ؟"

ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺕ ﺷﯩﺮﺍﻕ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ :"ﻣﻪﻥ ﻳﻪﯕﺪﯨﻢ! ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﻭﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻳﻪﯕﺪﯨﻢ! ﺟﺎﻧﯩﺠﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪﻡ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ۋەتىنىمنىڭ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ بالايئاپەتلەرنى ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜﺱ ﻳﯧﻤﯩﺮﯨﭗ، ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﻰ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻜﻪ مەھكۇم ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ئەمدى سىلەر ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻐﺎ ماڭساڭلار ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﻳﻮﻝ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ تەرەپكە ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻖ ﻗﯩﻴﻨﺎﭖ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﯚﻛﯜﻟﯩﺪﯗ"»[9].

ﺷﯩﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ باشلىقى رانۇسنىڭ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﺩﻩﻙ ﻗﺎﺩﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭖ ﯞﻩ ﺧﻪﯞﭘﺘﯩﻦ ﺗﻪﻟﯟﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ﺷﯩﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﺎ ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﮬﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ .

بۇ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻰ ﺷﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ھۆرلۈكى ۋە ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﻪﺯﯨﺰ كۆرگەن ﺑﯩﺮ ئاددىي ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﯧﮕﯩﻠﻤﻪﺱ - ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﮕﻪ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ روھىغا، ﭘﺎﻙ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﯩﯟﻯ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩەﺒﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎنلىقنىڭ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯلىرىنىڭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ كەلدى.

ياپونلۇق ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ قىسسىسى

يالقۇن روزىنىڭ «تەنقىدنىڭ كۆزىدە» ناملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچى بابىدا «ۋەتەنپەرۋەرلىك» دېگەن ماۋزۇدىكى بىر ماقالىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىققان ئىدىم. ماقالىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياپونىيەلىك ئىككى ئوقۇغۇچى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت ئەنگىلىيەنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىغا سانائەت پەنلىرىنى ئوقۇشقا چىقىپتۇ. ئۇلار ئەنگىلىيەنىڭ گۈللەنگەن سانائىتىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپتۇ. ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائەت ئاساسىنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈشۈپتۇ. سانائەت بىر دۆلەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ئاساسى، شۇنداقلا كۈچ-قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى بولغاچقا، بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن ياپونىيەلىك بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى ئەنگىلىيەلىك ساۋاقداشلىرىدىن نەچچە ھەسسە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىر مىنۇت ۋاقتىنىمۇ زايە قىلىۋەتمەي دېگۈدەك بېرىلىپ ئۆگىنىپتۇ. بىر تىيىن پۇلنىمۇ بىھۇدە خەجلىمەي سانائەتكە ئائىت ئەڭ يېڭى قوللانمىلارنى، نازۇك تېخنىكىلارغا ئائىت چېرتىيوزلارنى توپلاپتۇ. ئۇلار ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىدىكى ئوقۇشىنى ناھايىتى جاپادا، ئەمما ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك تاماملاپ، دوكتورلۇق تاجىنى باشلىرىغا كىيىشىپ، يۈك-تاقلىرىنى تېڭىشىپ ئانا ۋەتىنى ياپونىيەگە قايتىشقا جابدۇنۇپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئەنگىلىيە تاموژنىسى ئۇلارنىڭ توپلىغان ماتېرىيال -چېرتىيوزلىرىنى چېگرادىن ئېلىپ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلماپتۇ، بۇ ئىككى نەپەر ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر بولغان بۇ ماتېرىياللارنى تاشلاپ قايتقۇسى كەلمەپتۇ. نائىلاج قالغان بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى ئاخىر كىشىنىڭ پاراسىتى ۋە جاسارىتىدىن تاشقىرى بىر ئامالنى ئويلاپ تېپىپتۇ.

ئىككىسى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كېلىپ پۈتۈشۈپتۇ، ئۇلار مەردانىلىك بىلەن چەك تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بىرى ئۆلۈم يولىنى تاللاپتۇ، يەنە بىرى، ئۆلگۈچىنىڭ قورساق بوشلۇقىنى پاك-پاكىز ئادالاپ، ئىچىگە ئەڭ زۆرۈر ماتېرىياللارنى قاچىلاپ تىكىپتۇ، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا "ئوپېراتسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن، جەسىتىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسەم بولمايدۇ" دەپ مەلۇم قىلىپ، پاراخوت بىلەن ياپونىيەگە قايتۇتۇپ كېتىپتۇ.

ياپونىيەلىك بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ئىككىلەنمەي جان پىدا قىلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ. بىز ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋەتەن ھەققىدە گەپ ساتىدىغان كىشىلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، ئەمما كۆپىنچىمىز ھالقىلىق پەيتتە باشقىلارنىڭ بەدەل تۆلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئۆزىمىز قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇۋالىمىز»[10].

[1] ھەج سۈرىسى: 39-40- ئايەت.
[2] بەقەرە سۈرىسى: 246- ئايەت.
[3] نىسا سۈرىسى:66-ئايەت.
[4] مائىدە سۈرىسى:33-ئايەت.
[5] فەتھ سۈرىسى: 27- ئايەت.
[6] فەتھ سۈرىسى: 27- ئايەت.
[7] «تەنقىدنىڭ كۆزىدە» 2- بەت.
[8] سەھىھ مۇسلىم، 1850- ھەدىس.
[9] «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى، 1995- يىللىق سانىدىن.
[10] «تەنقىدنىڭ كۆزىدە» 1-2- بەتلەر.

مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى

2024-يىلى 11- ئاينىڭ 06- كۈنى