«100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتابنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نۇسخىسى نەشردىن چىقتى

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچى مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تەييارلىغان «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى.

مەزكۇر كىتاب دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى، تارىخىي شەخسلىرىنى بىلىشكە ئىنتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، ئەۋلاد نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ كىتابىنى 2017-يىلى نەشر قىلىنغان، زور ھەجىمدىكى ئىككى توملۇق «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتاب ئاساسىدا ئىخچاملاشتۇرۇپ تەييارلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردىن بۇ ئەسىرگىچە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان.

كىتابنىڭ تەھرىر سۆزىدە مۇنۇ مەزمۇنلار قەيت قىلىندى: «مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشىمىزدە ئالدى بىلەن خەلقىمىزدە مىللىي ئاڭ، مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا قۇرۇلغان، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن شانلىق ئىمپېرىيە ۋە دۆلەتلىرىنىڭ بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر  خەلقىنىڭمۇ باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەردەك دۇنياۋى ئالىم ۋە مەشھۇر شەخسلىرىنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. يازغۇچى مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ بۇ كىتابى ئاشۇلارنى مەقسەت قىلغان. شۇڭا ھەربىر ۋەتەنداشنىڭ كىتاب ئىشكاپىدا 100 مەشھۇر ئۇيغۇر كىتابىنىڭ بولۇشىنى، پەرزەنتلىرىگە ئۆز تارىخىنى ئۆگىتىشتە بۇ كىتابنى ئوقۇشلۇق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

كىتابنىڭ ئاپتورى مۇھەممەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىتاب ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بىلەن يېزىلىپ ھازىرلانغان بولۇپ، جەمئىي 238 بەت. مۇقاۋىسى قاتتىق تاشلىق ھەم قاپارتما نەقىشلىك. بارلىق بەتلىرى 1 - دەرىجىلىك رەسىم قەغىزى بولۇپ، رەسىملىك ھەم رەڭلىك. كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىدىن باشقا بارلىق شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى، تەھرىر سۆزى ۋە كىرىش سۆزدىن تارتىپ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش ھالدا بىر ۋاراق، ئىككى بەتتىن قىلىپ يېزىلدى.

بۇ كىتاب نۆۋەتتە ئىستانبۇلدىكى ھەرقايسى كىتابخانىلاردا سېتىلماقتا. 

2024-يىلى 7-نويابىر