نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىدى، خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقىدىن چاقىرىق كەلدى

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تايلاندتا 10 يىلدىن بۇيان بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەندىن كېيىن، خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ھەل قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلدى. 

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 8-نويابىر ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىدە ھەسەن ئىمام ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن چەت ئەلگە قېچىپ چىققانلىقى، بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى، بىر قىسمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، نۆۋەتتە تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى قاتارلىق نۇقتىلارنى تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەن.

تەتقىقاتچىلار نەيرۇلا ئەلىما (Nyrola Elimä) ۋە بەن مائۇك (Ben Mauk) ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلىگەن خەۋەردە، قاغىلىق ناھىيەسىدە پىلانلىق تۇغۇت سىرتىدا تۇغۇلغان ھەسەن ئىمام قارا نوپوس بولغاچ ساقچىلار ۋە كادىرلاردىن يوشۇرۇنۇپ ئۆتكەن بالىلىق ھاياتى، ئۈرۈمچى ۋە خوتەندە ئوقۇش تارىخى، كىيىن تايلانت ئارقىلىق تۈركىيەگە ئۇچۇش سەپىرىدە، تايلانتتا تۇتۇلۇپ قىلىپ، قارا تۆھمەتلەر بىلەن سولاپ قويۇلغانلىقى، تايلانت تۈرمىسىدە كىسەللىك بىلەن تۈگەپ كەتكەن ئۇيغۇرلار، نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ب د ت قاتارلىقلارنىڭ خىتتايدىن قورقۇپ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى, ئاخىرىدا تۈركىيەگە سالامەت كەلگەنلىكى قاتارلىق ئازاپلىق سەزگۈزەشتىلەر تەپسىلىي يىزىلغان. 

خىتتاينىڭ تۆھمىتى بىلەن «ھىجرەتچى تىرورىست» ئاتالغان، تايلانتتىكى پارتىلاشقا زورمۇزور چېىتىلغان، ئىنتىرپولنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشكەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشتىن يۈز ئۆرىگەن ئاشۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئاقلاش ۋە قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن 26 دۆلەتتىكى 50 پارلامىنت ئەزالىرى «پارلامىنتلار ئارا خىتتايغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاق» (IPAC) نامىدا ئاشكارا بايانات ئىلان قىلدى ۋە ب د ت دىن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى ئاشكارا تەلەپ قىلدى. پارلامېنت ئەزالىرى 10-نويابىر نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مەخسۇس خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئاساستا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گىراندىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە قول تىقىشقا چاقىردى.

ئوچۇق خەتتە تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناچار شارائىتتا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئادۋوكاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايدىغانلىقى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئەندىشە قوزغايدىغانلىقى، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ قالسا، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىغانلىقى، شۇڭا ب د ت بۇ مەسىلىگە قول تىقىپ، يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر خەتكە خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ 26 دۆلەتتىكى 50 كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلىدىن باشلاپ تايلاندتا تەخمىنەن 350 ئۇيغۇر تۇتۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 172 ئايال ۋە بالا 2015-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 109 ئەر كىشى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ناچار تۈرمە شارائىتىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىز، مەتتوختى مەتقۇربان ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىدە قازا قىلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

2024-يىلى 10-نويابىر