بۇ يىل 5-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا يېڭىدىن پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان دونالد ترامپنىڭ ھالقىلىق ئورۇنلارغا قويىدىغان ئىسىملىرى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو (Marco Rubio) ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 12-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، قايتىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپ جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبئونى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلماقچى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك ۋولتز (Mike Waltz) ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى، جەنۇبىي داكوتا شىتاتىنىڭ باشلىقى كرىستى نوم (Kristi Noem) دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرى نامزاتلىرى ئىكەن.
بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كىشىلەردىن قارىغاندا، ترامپنىڭ ھالقىلىق ئورۇنغا قويىدىغان كىشىلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ۋە ئوڭچىل سىياسىئونلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماركۇ رۇبىئۇ -فىلورىدا شتاتىدىن بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىدىن، كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكىدا 2020-يىلى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقۇللانغان تۇنجى قانۇن- «ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق سياسى ھەرىكىتى قانۇنى» ۋە 2021-يىلى چېقىرىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى بىرلىكتە تۈزۈپ تەشەببۇس قىلغۇچى ،ئۇ كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يېغىنى ئاچقان، دۆلەت مەجلىسى ختاي ئىشلىرى كومېتىتى، تاشقى ئىشلار كومېتىتى، ئىستىخبارات كومېتىتى قاتارلىق كومېتتلاردا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن، ختاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت بېخەتەرلىكىگە كۆرسەتكەن تەھدىتلىرىنى ئامېرىكا خەلقىگە بىلدۈرۈشتە كۆپ تىرىشچانلىق قىلغان.
كۇبالىق كۆچمەن ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان رۇبىئو كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە خىتايغا قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بىر سىياسەتچى. كرىستى خانىم ، خىتاي دولىتىنى رەزىل ھۆكۈمەت دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەشەببۇسى خىتاي قاتارلىق رەزىل دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ، خىتاي قاتارلىق چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەش ئىكەن.
2024-يىلى 12-نويابىر