خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرىدىكى بىر تەنتەربىيە سارىيدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن كىشىلەر توپىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 35 ئادەم ئۆلگەن، 43 كىشى يارىلانغان.
جۇخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ 12-نويابىر سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، فەن فامىلىلىك 62 ياشلىق بىر ئەر دۈشەنبە كۈنى كەچتە دالا ماشىنىسىنى ھەيدەپ تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئىچكى يولىغا كىرىپ، چېنىقىۋاتقان پۇقرالارغا قاراپ ھەيدىگەن.
ساقچىلار بۇنى «چوڭ ۋە قەبىھ دېلو» دەپ ئاتىغان بولۇپ، يارىلانغانلار ئارىسىدا نۇرغۇن ياشانغانلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار بار ئىكەن. جىنايەت گۇماندارى قېچىشقا ئۇرۇنغاندا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە «ئۆزىگە زىيان سالغانلىقتىن ھوشىدىن كەتكەن».
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى بولسا ئەرنىڭ «ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن مال-مۈلۈك تەقسىملەش نەتىجىسىگە نارازى بولغانلىقى» ئىكەن. بۇ كىشى ھوشسىز بولغاچقا ساقچىلار سوراق قىلىشقا ئامالسىز قالغان.
ساقچىلارنىڭ دەسلەپكى باياناتىدا پەقەت يارىلانغانلارلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ۋەقەدىن 24 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئېلان قىلىنغان. خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چارشەنبە كۈنىگە قەدەر، ھۇجۇمدا 35 ئادەم ئۆلگەن، 43 ئادەم يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە ئالتە كۈنلۈك جۇخەي ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسى ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن. ئىنتېرنېتتىكى نۇرغۇن سىن ۋە رەسىملەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ب ب س مۇخبىرى ۋەقە يۈز بەرگەن تەنتەربىيە مەركىزىگە بارغاندا ساقچىلار ۋە ئۇ يەرگە توپلانغان «پۇقرالار»نىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. خىتايدا ئادەتتە بۇ خىل سەزگۈر ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، يەرلىك ئەمەلدارلار كادىرلارنى تەشكىللەپ، غەزەپلەنگەن يەرلىك كىشىلەردەك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنى نىشانلاش ۋە ئۇلارنىڭ خەۋەر ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش.ئۆتكەن يىلى سابىق باش مىنىستىر لى كېچياڭ ۋاپات بولغاندا، ساداقەتمەنلەر توپى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىنىڭ سىرتىدىكى كوچىلارغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ يەرگە كەلگەن مۇخبىرلار قورشىۋېلىغان، ھاقارەتلەنگەن ۋە ئىتتىرىلگەن.
2024-يىلى 13-نويابىر