ئۇيغۇر سىياسىئون ئارفىيە ئېرى ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى

ياپونىيە باش مىنىستىرى ئىشبانىڭ پارلامېنتتىكى مۇئاۋىن مىنىستىرلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى، ئىككىنچى رەت سولدىن ئىككىنچى كىشى ئارفىيە، توكيو، 2024-يىلى 13-نويابىر. 

يېقىنقى يىللاردا ياپونىيەدە پارلامېنت ئەزاسى سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر ياش سىياسىئون ئارفىيە ئېرى (ئارفىيە ئابلەت) ياپونىيەنىڭ پارلامېنت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ئارفىيە 13-نويابىر ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا ئېلان قىلغان بۇ ئۇچۇرىدا، شۇ كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۇچۇردا، ياپونىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇر ئىلاۋە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى باش ۋەزىر شىگۇرۇ ئىشىۋانىڭ ياپونىيە ئىچكى كابېنت يىغىنىدا قارار قىلىنغان 2-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرىنىڭ كوللېكتىپ سۈرىتى ئېلان قىلىنغان.

ئارفىيە ئېرى بۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇنى قىزغىن تەبرىكلەپ، خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋازى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ئارفىيە 2024-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا قايتا سايلانغانىدى. ئۇ خەلقئارا سەھنىلەردە ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرى، ياپونىيە پارلامېنتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى بىلەن تونۇلغان ياش سىياسەتچى بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە 2023-يىل 29-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پايتەختى ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئالاھىدە ھەسسە قوشقان ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا كۈچلۈك ئىلھام بەرگەنىدى.

2024-يىلى 13-نويابىر