پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كېلىپلا بىرىنچى قەدەمدە ئەقىدە، ئىبادەت، ئىلىم-مەرىپەت ۋە سىياسەت مەركىزى ھېسابلىنىدىغان مەسچىتنى بىنا قىلغان.
ئىككىنچى قەدەمدە مال- مۈلۈكلىرى ۋە ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ مەككىدىن كۆچۈپ كەلگەن مۇھاجىرلار بىلەن يەرلىك خەلق ئەنسارلارنى قېرىنداش دەپ ئېلان قىلغان، بۇ ئارقىلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى بىرقانچە تەرەپتىن ھەل قىلغان.
ئۈچىنچى قەدەمدە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان جەمئىيەتنىڭ ئۇلى قېرىنداشلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا شەكىللىنىپ بولغاندىن كېيىنلا، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئۇقۇمىنى ئىپادىلەيدىغان «مەدىنە» نامىدا دۆلەت قۇرغان ھەمدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەرتۈرلۈك مىللەتلەرنى ۋە ھەرخىل ئەقىدىلىك ئىنسانلارنى سىغدۇرۇپ قوبۇل قىلالايدىغان دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىنى يولغا قويغان. بۇ دۆلەت ئاساسىي قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدىغان مەدەنىي دۆلەت بولۇپ، ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە شارائىتقا قارىتا تەرەققىياتنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن.
پەيغەمبەرىمىزنىڭ پۇرسەت يارىتىلغان ھامان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ۋە ئاساسىي قانۇن بېكىتىشنىڭ سەۋەبى شۇكى،
ئىسلامدا ئەقىدىنى، شەرىئەتنى ۋە ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىنى قوغداش، ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىش، ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە قېرىنداشلىقنى ھىمايە قىلىش... ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
چۈنكى، دۆلەت بولمىسا يۇقىرىقى مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ،
دۆلەت بولمىسا جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ،
دۆلەت بولمىسا تۇپراق، مىللەت، كىملىك، قىممەت قاراش، تىل، تارىخ، مەدەنىيەت...نى قوغداپ قالغىلى بولمايدۇ،
دۆلەت بولمىسا ھۆرلۈك، ئادىمىيلىك، ئىززەت-شەرەپ ۋە مال-مۈلۈكنى ھىمايە قىلغىلى بولمايدۇ،
دۆلەت بولمىسا ئەقىدە، ئىبادەت ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلىپ ياشىغىلى بولمايدۇ...
***
ئەمدى بىز پەيغەمبەرىمىزنىڭ دۆلەت قۇرۇش پىرىنسىپلىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت خاتىرىلەش ۋە دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەر يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئالدى- كەينى بولۇپ، مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى بولغان 1933- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىشىدۇ ۋە تەبرىكلىشىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندا ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق دۆلەتنى خاتىرىلەش كۈنىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىدىن قانداق دەرسلەرنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى:
1. دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن مەسچىت بىلەن سىياسەتنى بىرلەشتۈرگەن، ياكى ئەقىدە روھىي بىلەن سۇغۇرۇلغان سىياسىي ھەرىكەت ۋە سىياسىي ئاڭنى شەكىللەندۈرۈش شەرت.
2. دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۇپراق (ۋەتەن) لازىم. تۇپرىقىمىز بار، لېكىن بۇ تۇپراق مەھكۇملۇقتىن ئازاد قىلىشنى ئىمانى، مىللىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەت دەپ چۈشىنىدىغان ۋە قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىدىغان ئاڭلىق مۇسۇلمانلارغا ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىككە موھتاج. بۇنىڭ قاتارىدا جىھاد ھەرىكىتى ۋەتەن-مىللەتنى ئازاد قىلىشنى پەرز دەپ قارايدىغان ئىسلامىي پىرىنسىپ ئاساسىدىكى مىللىي ھەرىكەتكە ئايلىنىشى لازىم.
3. دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىمانى قېرىنداشلىق، مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز ئارا سىياسىي ھەمكارلىقنىڭ شەكىللىنىشى لازىم. لېكىن بىزدە ئەك كەمچىل بولۇۋاتقىنى قېرىنداشلىق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە كېڭەش... ئەڭ كۆپ بولۇۋاتقىنى ئىناقسىزلىق، مەنمەنچىلىك، ئۆزئارا ئاداۋەت ۋە پىكرى مۇستەبىتلىك...
سىياسىي ھەرىكەتلەر دۆلەتنىڭ قىممىتىنى ۋە دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغانلىقتىن يېقىنقى زامان تارىخىدا قەھرىمان ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق دۆلىتىمىزنى تەبرىكلىشىدۇ. لېكىن بىر شەھەردە تۇرۇپ، ئىدىيە توقۇنۇشى ۋە چۈشەنچە كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئوخشاش بىر دۆلەتنى بىر قانچىگە بۆلۈنۈپ بىرقانچە يەردە خاتىرىلىشى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
بۇ ئىككى دۆلەتنى مىللىتىمىزنىڭ چوڭ-كىچىك دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە ئەسلەش، خاتىرىلەش ، تەبرىكلەش، ئىبرەت ئېلىش، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ۋەيران ئامىللىرى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىش ۋە يېڭىدىن دۆلەت قۇرۇشقا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىش، ئىلمىي قابىلىيەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەرساھەدە كادىر يېتۈشتۈرۈش، سىياسىي ئاڭنى ئاشۇرۇش، قېرىنداشلىق روھىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلىپ سىياسىي ھەمكارلىق شەكىللەندۈرۈش ... ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئىمانى، مىللىي ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.
شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ئىناقسىزلىق، بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش سەۋەبلىرىدىن ۋەيران بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ھەمدە ئىچكى ئىدىيە توقۇنۇشى پەيدا قىلىش ۋە تار دائىرىدە گۇرۇھلىشىش ئارقىلىق دۆلەت قۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئىنتايىن مۇھىم مەسئۇلىيەتتۇر.
ھالبۇكى، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدە ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىر شەھەردە تۇرۇپ بىرقانچە ئورۇنغا بۆلۈنۈپ خاتىرىلەش دۆلەت قۇرۇش ئېڭىنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى، دۆلەت قۇرۇش شەرتلىرىدىن نەقەدەر ئۇزاقلىقىنى، مەقسەتكە كۆڭۈل بۆلۈشتىن بەكرەك كۆرۈنۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. ھۆرلۈكنىڭ ئاساسىي بولغان ئىدىيە چۈشەنچىسى ۋە دۆلەت قۇرۇشنىڭ شەرتلىرى مۇنداق ئەھۋالدا تۇرسا، ئاللاھنىڭ ياردىمى بۇ مىللەتكە يېقىنمىدۇ ياكى يىراقمىدۇ؟ بىر نېمە دېمەك تەس.
4. دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن مىللەتنىڭ ئېتىقادى، كىملىكى، ھۆرلۈكى، ھوقۇقلىرى، مال- مۈلۈكلىرى، ئىززەت – شەرىپى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدايدىغان دۆلەت قۇرۇشنى غايە- نىشان قىلىدىغان ھەمدە مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان، ھەرتۈرلۈك ئېقىملارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئاشقۇنلۇقتىن خالىي ساغلام ئىدىيەگە ۋە يۇقىرى ئاڭ -سەۋىيەگە ئىگە جانلىق سىياسىي ھەرىكەتنىڭ شەكىللىنىشى شەرت.
مانا بۇلار مۇسۇلمان مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەيغەمبەر دۆلىتىدىن ئىبرەت ئېلىپ دۆلەت خاتىرىلەش، ساغلام دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسلىرىنى يارىتىش ۋە دۆلەتنىڭ ۋەيران بولۇش ئامىللىرىدىن ساقلىنىش... ئۈچۈن مۇھىم بولغان قىسقىچە مۇلاھىزىلەردىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
12.11.2024- كۈنى