ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل.
1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 12-نويابىر ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
پائالىيەت ئالدى بىلەن ھەبىبۇللاھ قارىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. تۈركىيە دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى قويۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزى قىلدى.
ئۇ سۆزىدە ھەر يىلى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش كۈنىنى خاتىرىلەشتىكى مەقسەتنىڭ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىققان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغان رەھبەرلەر، مۇجاھىدلارنىڭ روھىنى ئۈلگە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرۈش روھىنى تىكلەش ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلىغان قىسقا فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى ئەلى سالىھ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد، بايدىللى تۈركمەن جەمئىيىتى رەئىسى ئەھمەد ئاغجا قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.
بۇ جەرياندا زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى ئۆمەر ئارىسوي پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلىپ، بۇنداق مۇھىم پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.
ئارقىدىن قازاق تۈركلىرى ۋەقفى رەئىسى جالال قەھرىمان، دۇنيا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجۇ قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلدى.
ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل.
ئارقىدىن ئۆسمۈرلەردىن ئىبراھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىدىكى ياشلار تەييارلىغان «2-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئېلانى» ھەققىدىكى ئىككى پەردىلىك دىراما ئىنتايىن جانلىق ھالەتتە ئورۇنلىنىپ، سورۇن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئارقىدىن مەخسۇس تېما بويىچە سۆز قىلغۇچىلاردىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئالدى-كەينىدىكى ئىنتايىن ئىبرەتلىك ۋەقەلەر، پاجىئەلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
ئارقىدىن مەرھۇم شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بولغان كىچىك مۇخلىسە شائىرنىڭ «ئويغان ئۇيغۇر» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىن ياشلاردىن مۇھسىن ئۆزغازى ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن يازغان يازمىسىنى ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ۋەتەن ۋە ئىمان» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق روھى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. كېيىن ياشلاردىن مۇستاپا مۇھەممەد «كەچۈرمە ۋەتەن» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ پېشقەدەم ئالىملىرىدىن ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم «ئىسلام نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم «جەننەتنىڭ يولى ۋەتەندىن ئۆتىدۇ» تېمىسىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئۇستاز ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ دۇئاسى بىلەن پائالىيەت غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تۈرۈك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىدى.
مەنبە: ئىستىقلال خەۋەرلىرى
2024-يىلى 14-نويابىر