ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا روسىيە ئۈچۈن ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا رۇسىيە ئارمىيەسى ئۈچۈن ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقارغانلىقىغا ئائىت «ئېنىق» دەلىللەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە بۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. 

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى 18-نويابىر دۈشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا يىغىلىپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن قەشقەردە ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقات ئورنى ۋە زاۋۇتى قۇرۇپ رۇسىيە ئارمىيەسىنى تەمىنلىشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قانچە دىپلوماتىك مەنبەلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بۈگۈنكى خەۋەرلەردە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قوللانغان ئۇزۇن مۇساپىلىك ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قايسى جايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قورال-ياراق شىركىتى - ئالماز ئانتېي (Almaz Antey)، كۇپول IEMZ ۋە TSK ۋېكتور ناملىق مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىنىڭ شېنجېننى بازا قىلغان رېدلېپۇس (Redlepus) ناملىق خىتاي شىركىتى بىلەن «قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونى» دا بىرلەشمە تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرغانلىقىنى ئاشكارلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئېرىشكەن ھۆججەتلەر قەشقەردىكى كۆلىمى 80 گېكتارلىق «ئىلغار ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى»، يىلىغا 800 دانە ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى، رۇسىيەنىڭ كۇپول IEMZ شىركىتىنىڭ خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، گارپىيە-3 ناملىق ئۇزۇن مۇساپىلىك يېڭى ئادەمسىز ئۇچقۇنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ۋە سىناق قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

«ياۋروپا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىريۇسسېلغا توپلانغان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېننىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشى، رۇسىيەنىڭ كۇرسىك رايونىغا 10 مىڭدەك شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان. نۆۋەتتە، يىغىننىڭ خىتايغا قانداق تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار كومىسسارلىقى باياناتچىسى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بەدەل بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

يۇقىرى دەرىجىلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن ھەپتە تاراتقۇلارغا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىلغار تىپلىق ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» قۇرغانلىقىغا دائىر «ئىشەنچلىك» ھەم «قايىل قىلارلىق» دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

2024-يىلى 18-نويابىر