خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن پېرودا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» (APEC) باشلىقلار يىغىنىدا كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ قالىدۇ. كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، سودا، رىقابەتنى بىرتەرەپ قىلىش، خەلقئارالىق مەسىلىلەر ۋە تەيۋەن قاتارلىقلار تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسى تىلغا ئېلىنمىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن APEC باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىششىتا، شى جىنپىڭ خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش» نى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىششىتا قىلغان سۆزى بايدىننىلا ئەمەس، بەلكى يېڭىدىن سايلانغان دونالد ترامپنىمۇ مەقسەت قىلغاندەك قىلاتتى. گەرچە شى جىنپىڭ تىرامپنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ 5-نويابىردىكى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئەمدىلا چوڭ سايلامنى ئاخىرلاشتۇردى، خىتاينىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەقسىتى ئۆزگەرمىدى».
شى جىنپىڭ كېلەر يىلى 20-يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان ترامقا ئىشارەت قىلىپ، «خىتاي يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپنى باشقۇرۇپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ،» دېگەن.
شى يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز بىر-بىرىمىزنى رەقىب ياكى دۈشمەن دەپ قارىساق، ناچار رىقابەتكە قاتنىشىپ، بىر-بىرىمىزگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنساق، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىمىز، ھەتتا ئۇلارنى كەينىگە چېكىندۈرىمىز».
ترامپ 2017-يىلدىن 2021-يىلغىچە پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر مەزگىل يۇقىرى جىددىيلىكنى باشتىن كەچۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ترامپنىڭ خىتاي تاۋارلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى كەلتۈرۈپ چىقارغان سودا ئۇرۇشىمۇ بار.
سايلام رىقابىتى پائالىيەتلىرى جەريانىدا، ترامپ ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئامېرىكا ياسىمىچىلىقىنى خىتاي رىقابىتىدىن قوغداشقا ۋەدە بەردى. 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، تىرامپ مىچىگان شىتاتىنىڭ Grand Rapids دىكى ئەڭ ئاخىرقى سايلام پائالىيىتىدە ماختىنىپ: «مەن خىتايدىن نەچچە يۈز مىليارد دوللار باج ۋە تاموژنا بېجى ئالدىم، ئۇلار بىزگە تۆلىدى» دېدى.
2024-يىلى 19-يانۋار