20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ خاتىرە سۈرىتى، رىئودې ژانېيرو، بىرازىلىيە. (2024-يىلى 19-نويابىر)
بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) باشلىقلار يىغىنىدا كېلىمات ئۆزگىرىش، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە بايلاردىن باج ئېلىش مەسىلىلىرى كۈنتەرتىپە بولدى. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەلىرى دۇنياۋى مەسىلىلەرگە قارىتا كۈچلۈك ئورتاق پوزىتسىيە ئوتتۇرىغا قويالمىدى. ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە سەل قارالدى.
رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، دېموكراتىك ۋە تەرەققىي قىلغان غەرب دۆلەتلىرى سىرتىدىكى جەنۇبىي يېرىم شاردىكى مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، كېلىمات ئۆزگىرىش، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى بايلاردىن باج ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر تەكىتلەندى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى تەدرىجىي باج تاپشۇرۇشنى دۆلەت ئىچىدىكى باراۋەرسىزلىكنى ئازايتىپ، سىجىل، سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىردى. ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشلار تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىي بىر ئورتاق قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىرى ھىچ تىلغا ئېلىنمىدى.
ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرازىلىيە پرېزىدېنتى لۇلا (Lula da Silva) خەلقئارا جەمئىيەتنى يەر شارىنى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىنى كېڭەيتىشكە چاقىردى. لۇلا يەر شارىلىشىشنىڭ مەغلۇبىيىتىنى تەنقىدلەپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نىشانسىز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ، زومىگەر تالاش-تارتىشلارغا پېتىپ ، پاجىئەگە قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گەرچە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تەسىرىگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشمە باياناتتا روسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىمىدى، بۇ ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. رەھبەرلەر يەنە غەززە ۋە لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما بۇ چاقىرىقلار ئۇلارنىڭ خەلقئارا توقۇنۇشقا قارىتا كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ روشەن كۆرسەتتى.
كىلىمات كرىزىسىغا قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى ئىدى. يېڭىدىن سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 2017-يىلى پرېزىدېنت ۋاقتىدا «پارىژ ئىقلىم كېلىشىمى» دىن چېكىنىپ چىققان ئىدى. ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى نامەلۇم بولغاچقا، بۇ مەسىلە خەلقئارا سەھنىدە مۈجمەللىكىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئەپسۇسكى، يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خوڭكوڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق سەزگۈر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىدى. بۇ خىل تېمىنىڭ بولماسلىقى يەر شارى ئىقتىسادى ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈك ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ چەتكە قېقىلىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى قارار چىقىرىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى، دەپ يەكۈن چىقاردى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 2022-يىلى ئاۋغۇستتىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بارغانسېرى سەل قارىدى.
باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىرازىلىيە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىسلىكىنى جەنۇبىي ئافرىقىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
دىلشات سۇلتان
2024-يىلى 20-نويابىر