خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇ ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 21-نويابىر ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ (Benjamin Netanyahu) ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گاللانت (Yoav Gallant) ھەققىدە غەززە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. 

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىدا، نېتانياخۇ، گاللانت ۋە خاماسنىڭ ھەربىي قوماندانلىرىدىن مۇھەممەد ئەل دەيفنىڭ (Muhammed Deyf ) غەززەدىكى ئۇرۇش جەريانىدا ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ئۈچۈن «مۇۋاپىق ئاساس» بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

ئىسرائىلىيە 7-ئايدىكى بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا خاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەتتىن ئەلقاسىم بىرىگادىسىنىڭ قوماندانى مۇھەممەد دەيفنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن دائىرىلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مۇھەممەد دەيفنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىلگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى كەرىم خان مايدا نېتانياخۇ، گاللانت، دەيف ۋە خاماسنىڭ سابىق رەھبەرلىرى ئىسمائىل خانىيە ۋە يەھيا سىنۋار ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان. ئىسمائىل خانىيە ۋە يەھيا سىنۋار شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئاۋغۇست ۋە ئۆكتەبىردە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ھۆججەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى قارار قىلغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئسىمائىل خانىيە 7-ئايدا ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا قەستكە ئۇچرىدى، سىنۋار ئۆكتەبىردە غەززەدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا شېھىت بولغان.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىشخانىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى. خاماس بولسا نېتانياخۇ ۋە گاللانتقا چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ «مۇھىم تارىخى ئۈلگە» تىكلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاقساراي باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قارارىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك ئالىي ۋەكىلى جوسېف بوررېل تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ بىر «سىياسىي» قارار ئەمەسلىكىنى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭغا «ھۆرمەت قىلىشى» لازىملىقىنى بىلدۈردى.  

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكمىسى (ICC) ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ دىلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە 2002-يىلى قۇرۇلغان. سوتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان شەخسلەر ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە ئۇلارنى قولغا ئېلىپ سوتقا تاپشۇرۇشى لازىم. ھازىرغىچە مەزكۇر سوتنىڭ 123 ئەزاسى بار بولۇپ، ئامېرىكا، خىتاي ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزا ئەمەس، روسىيە دەسلەپتە ئەزا بولغان بولسىمۇ، كېيىنچە چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. بۇ سوتنىڭ ئىسرائىليە باش مىنىستىرىغا چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ تەسىرى ۋە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى سوئال ئىشارىتى بولۇپ تۇرماقتا. 

2024-يىلى 21-يانۋار