تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدە «ئىسلام دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى (İDSB) ۋە تۈركىيە پىدائىي تەشكىلاتلار ۋەقفى (TGTV) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار يەرمەنكىسى 21-نويابىر ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا باشلاندى.
يەرمەنكىگە 60 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق تەشكىلات ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلغان فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل ۋە باشقا بىر قىسىم مەسئۇللار، رەھبەرلەر ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، «ئىسلام دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا، ئىستانبۇل ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيەدە تونۇلغان يازغۇچى پىروفېسسور دوكتور يۈسۈپ قاپلان ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.
سۆز قىلغۇچىلار يەرمەنكىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خەلقئارالىق سىستېما پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان بۈگۈنكى دەۋردە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە غەززەدىكى ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىققا قارشى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىردى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى يەرمەنكىدە مەخسۇس ئورۇن تۇرۇپ، زىيارەتچىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، مېھمانلار ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتىكى ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
مەزكۇر يەرمەنكىدە «غەززە ئىستانبۇل خىتابنامىسى»غا ئىمزا قويۇلىدىغان بولۇپ، 23-نويابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن ۋە ئاخىرقى كۈنى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان ئىشتىراك قىلىدىكەن.