ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك سىياسىي تارىخىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرەشلىرىدە رەقىبلىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە جىسمانىي جەھەتتىن يېڭىلگەن ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ رەقىبلىرىنىڭ غالىپ چىقىشى كۆپىنچە ھالدا بۇ مىللەتنىڭ ئوز ئىچىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق ۋە سىياسىي جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ تاشقى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرىنى قامال قىلىۋېلىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشقان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىچكى نىزالار، رايونلار ئارىسىدىكى مىللىي پسىخىكىلىق ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرى شۇنىڭدەك ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇشلار 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي ھاياتىنىڭ بەختسىزلىكلەرگە يولۇقۇشىدىكى ئامىللاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
''''''''''''
1864-1878-يىلىدىكى قەشقەرىيە ۋە ياكى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ 14 يىللىق قىسقا ئۆمرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى خائىنلىق بىلەن ساداقەتمەنلىكنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇپ، مەنسەپپەرەس، ھەسەتخور ئۇيغۇر بەگلىرى زوزوڭتاڭنى قەشقەرىيەنىڭ ئاجىزلىقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلىپلا قالماستىن بەلكى، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ياقۇپ بەگنى زەھەرلىدى شۇنىڭدەك زوزوڭتاڭ قوشۇنلىرىنى يەتتە شەھەرگە باشلاپ كېلىپ، سانسىزلىغان ئوز قېرىنداشلىرىنىڭ قانلىرىنىڭ ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخىغا نەزەر سالغاندا ئۇلارنىڭ تەلەيسىزلىكلىرى ۋە پاجىئەلىرىگە ئۆزلىرى سەۋەب بولغاندەكمۇ كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، بۇ خەلقتە قەھرىمانلارنىڭ سانى قانچە كوپ بولسا، پۇرسەتپەرەس ۋە مەنسەپپەرەس خائىنلارمۇ شۇنچە كوپ ئىدى. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبىنى شەخسىي ئاداۋەت، مەنپەئەتپەرەسلىك، مەن-مەنىچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرگە باغلاش مۇمكىن. شەخسىي ئاداۋەت ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەن ئادەملەر ھەمىشە ئوز قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا ئۈچىنچى بىر دۈشمەننىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتداش رەقىبىگە زەربە بېرىشكە ئادەتلەنگەن. بۇ ئادەملەر دائىم دېگۈدەك ئوز خەلقى ئارىسىدىكى قارشىلىقلارنى دۈشمەننىڭ كۈچى بىلەن يوق قىلىشقا ئۆگەنگەن. مىسال كەلتۈرۈش توغرا كەلسە، ئۇيغۇر تارىخىدىن بۇنىڭغا تالاي پاكىتلارنى تېپىش مۇمكىن.