گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېن ئۈرۈمچىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) شىركىتى ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى ساتىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل ماگناتى ۋولكىسۋاگېن شىركىتى 27-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى تارماق زاۋۇتىنى ۋە تۇرپاندىكى سىناق يولىنى خىتاي شىركىتىگە سېتىۋېتىدىغانلىقىنى، بۇ قارارىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەب ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش سەۋەبلىك بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-نويابىر ئېلان قىلغان «ۋولكىسۋاگېن شىنجاڭدىكى مۇلازىمىتىدىن چېكىندى، زاۋۇت ۋە سىناق يوللىرىنى ساتماقچى» ناملىق خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋولكىسۋاگېن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى ۋە ئاپتوموبىللارنى سىناق قىلىش ئۈچۈن ياسىغان يوللىرىنى خىتاينىڭ شاڭخەيدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا سېتىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ۋولكىسۋاگېن گېرمانىيەدىكى 3 زاۋۇتىنى تاقىغان ۋە يەنە بەزى زاۋۇتلىرىنى تاقاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان ئىدى.

ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى شىركەت 2013-يىلى ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغان ۋە خىتايدىكى شېرىكى شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئارقىلىق بۇ زاۋۇتنىڭ پېيىنى ساقلاپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئۈرۈمچىدىكى تارمىقىنى شاڭخەي ئاپتوموبىل تەكشۈرۈپ باھالاش تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى چەكلىك شىركىتىگە سېتىپ بېرىدىكەن.

خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەۋجۇتلۇقى باش ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى، چۈنكى مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ئاپتوموبىل سودىگەرلىرىگە بۇ رايوندىن چېكىنىش ھەققىدە ئىزچىل بېسىم قىلىپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدا بۇ رايوندىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ خاتىرىلىرى بار، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە جازا لاگېرلىرىدىكى زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بېيجىڭ بولسا بۇنداق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلدى.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋنىڭ 28-نويابىر كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خەلقئارادىكى بىر قىسىم سىياسىي كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقى، مەقسىتىنىڭ بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئىكەنلىكىدەك سەپسەتىلىرىنى تەكرارلىغان. 

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز 19-سېنتەبىر كۈنى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ۋولكېس ۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا بۇ باياناتتا ئاساس قىلىنغان ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدا ساختىلىق بارلىقى ھەمدە كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ۋولكېس ۋاگېن شىركىتى 2023-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان باياناتتا، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇت ئۈستىدە قىلىنغان ئىقتىسادىي تەپتىشكە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئۆلچىمى قوللىنىلغانلىقى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىنغانلىقى ھەم بۇلارنى بىر تەجرىبىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش شىركىتىنىڭ تاماملىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلار كىشىنى خاتا چۈشەنچىگە باشلايدىغان ساختا ئۇچۇرلار ئىكەن.

2024-يىلى 29-نويابىر