مۇھاجىرەتتە مۇستەملىكە ئەدەبىياتى

ئاپتورى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

قىيىن – قىستاققا ئېلىنىشنىڭ ئۆزى بىر ئازاب بولسا، بۇ ئازاپتىن ۋارقىرىيالماسلىق ئۇنىڭدىن ئۆتە بىر ئازاب بولسا كېرەك. ئازاب چەككەن بىر ئىنسان ئۈچۈن ۋارقىراپ بولسىمۇ ئۆزىنى بوشىتالماسلىق ئۇنى ئۆزىمۇ ھېس قىلالمايدىغان پىسخولوگىيەلىك جاراھەتلەرگە مۇپتىلا قىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگىچە مانا مۇشۇ ئىككى قات ئازابنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ. بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بىۋاسىتە كەمسىتىشى، زۇلۇم سېلىشىنىڭ ئازابىنى چەكسەك، يەنە بىر تەرەپتىن، ۋايجان! دەپ ۋارقىراش ئۇياقتا تۇرسۇن، زالىمغا يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ ھەشقاللا دېيىشكە مەجبۇرمىز. سىرتقا يا نۇتۇق بىلەن، يا يېزىق بىلەن چىقىرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىچىمىزدىكى بارلىق غەلىيانلار ئىچىمىزدىلا تىنىپ تۈگەيدۇ، ئەمەلىيەتتە تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە، روھىمىزدا سەۋەبىنى بىزمۇ ئوچۇق دەپ بېرەلمەيدىغان بىر تالاي زەخمىلەرنى قالدۇرىدۇ. ماھىيەتتە، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مىجەز – خاراكتېرى خېلى زور دەرىجىدە، خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى ئارقىسىدا سۈنئىي شەكىللەندۈرۈلگەن مۇستەملىكە مۇھىتىدىن ئىبارەت بىر قېلىپنىڭ قايتا قۇيۇپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن. ئ‍ەمدىكى سوئال شۇ: ۋەتەندە چەككەن خورلۇق، ئازابلارنىڭ ئەكس ساداسىنى چەتئەلدە قەلەم يولى بىلەن بولسىمۇ سىرتقا تۆكۈشنىڭ ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟

قەلەمكەشلەر ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىت ئۇلارنىڭ يازىدىغان تېمىسىنى زور دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ، قانداق مۇھىتتا ياشىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن شۇ مۇھىتنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر مۇھىتتا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار نېمىشقا قولىغا قەلەم بولسىمۇ ئالمايدۇ؟ باشقىچە ئېيتقاندا، ۋەتەندە ۋارقىرىيالمىغان شۇ سادالىرىنى چەتئەلدە بولسىمۇ ۋارقىراپ بېقىشنى سىناپ باقمايدۇ؟ بۇ ۋەتەندىكى زوراۋانلىقنى كۈلۈپ قارشى ئېلىشتەك ئادەتتىن كەلگەن سۈكۈتمۇ؟ ياكى، يازغانغا ۋەتەن ئازاد بولامتى؟ دەيدىغان ھەممە ئىشنىڭ دەرھاللىق پايدىسىنى قوغلىشىدىغان ھاماقەتلىكتىن كەلگەنمۇ؟  ياكى ماڭقۇرتلاشقان پەرۋاسىزلىقنىڭ مەھسۇلىمۇ؟ سەۋەبى نېمە بولسا بولسۇن، بۇ سۈكۈتنى ھېچقانداق بىر باھانە بىلەن ئاقلاش مۇمكىن ئەمەس. ئەسلىدە، بىزدەك زۇلۇم كۆرگەن بىر مىللەتتە، ھازىرغا قەدەر زور ھەجملىك، كەڭ كۆلەملىك بىر مۇستەملىكە ئەدەبىياتى شەكىللىنىپ بولغان بولۇشى، ئىنسان ئەقلىگە سىغماس ساناقسىز ھېكايىلىرىمىز نۇرغۇنلىغان چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان، ھەتتا، بەزى ھېكايىلىرىمىز ئاساسىدا كىنولار، دراممىلار ئىشلىنىپ بولغان بولۇشى كېرەك ئىدى.

تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنى ھازىرغا قەدەر قىلالمىدۇق.  ئەسەر ئىجاد قىلىشىمىز ئۈچۈن پەۋقۇلاددە تەسەۋۋۇر كۈچىمۇ ۋە ياكى ئالاھىدە ئەدەبىي تالانتمۇ كېرەك ئەمەس(ئەلۋەتتە، بولسا تېخىمۇ ياخشى)، كەچمىشلىرىمىز، كۆرگەن، ئاڭلىغان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر بىزنىڭ يېزىشىمىز ئۈچۈن ئۆمرىمىز يەتمىگىدەك ماتېرىيال تەمىنلىيەلەيدۇ، بىز پەقەت بارنى ۋە بولغاننى زىيادە كۆپتۈرۈپمۇ كەتمەستىن، ئىستىلىستىكىغا بەك مۇراجىئەتمۇ قىلماستىن، سىدام، چۈشىنىشلىك بىر تىل بىلەن يازالىساقلا بولاتتى.  ھازىرغىچە، چەتئەلدە ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار، تەشكىلاتلار تەرىپىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى رەسمىي دوكلات شەكلىدە مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ يېزىلدى، ھۆججەتلەشتۈرۈلدى. ھالبۇكى، بۇ رەسمىي دوكلاتلاردىكى سان، سىفىرلار، سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەت ۋە ئىجرائاتلىرىنىڭ يەتكەن دەرىجىلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى، ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ روھى دۇنياسىدا قالدۇرغان جاراھەتلىرىنى ھېچبىر زامان يېتەرلىك دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ دوكلاتلار بىر دېھقاننىڭ بىر خالتا ئوغۇت ئالغىدەك پۇلى قالمىغاندىكى بىچارىلىكىنى؛ خوتۇنىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئوكۇل ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋەتكەندىكى ئامالسىزلىقىنى؛ بازار باشقۇرۇشتىكىلەر قاچان كېلەر دەپ كۆزى تۆت ھالدا جىددىيلىشىپ كوچىلاردا يايما يايغان بالىلاردىكى دەككە – دۈككىنى؛ رامىزاندا سوھۇرغا تۇرغاندا باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ چىراقنى ياندۇرالماي قاراڭغۇدا تاماق يەۋاتقان بىر كادىرنىڭ ۋەھىمىسىنى؛ مەھەللىسىدە ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر باي غوجامنىڭ ئايرودورومدا بىر قوڭالتاق خىتاي ئىشلەمچى كۆرگەن مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىگەندىكى خورلۇقىنى؛ ناماز ئوقۇغۇنۇمنى بالام سىرتتا دەپ تاشلىمىسۇن دەپ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقاپ ناماز ئوقۇۋاتقان بىر خانىمنىڭ قورقۇنچىنى؛ كەچ سائەت ئوندىن كېيىن پەشتاقتىكى تىۋىشلار ساقچىنىڭمىدۇ، مېنى ئىزدەپ كەلگەنمىدۇ دېگەن بىر ئادەمنىڭ ئەندىشىسىنى؛ قولىدا ھەممە رەسمىيىتى تولۇق تۇرۇپ يولدا قاتناش ساقچىسىنى كۆرسىلا تەرلەپ، جىددىيلىشىپ كېتىدىغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ روھىي دۇنياسىنى؛ باش سۈرەتلىرىگە قىزىلبايراق، دۆلەت گېربلىرىنى چىقىرىپ ئۆزىنى قىزىللىقىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولغانلارنىڭ روھھالىنى؛ مېنى قايسى گۇناھىم سەۋەبىدىن تۇتقاندۇ دەپ بېشى قېتىپ كەتكەن بىرىنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى؛ ئېرىنى سەۋەبسىز تۇتۇپ كەتكەن بىر ئايالنىڭ چارىسىزلىكىنى؛ ھايات تۇرۇپ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ يېتىمخانىلاردا چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارنىڭ مىسكىن قەلبىنى…….تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتالمايدۇ، ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ.

مانا بۇلارنى پەقەت ۋە پەقەت ئەدەبىياتلا ياخشى ئىپادىلىيەلەيدۇ، تاشقى دۇنياغا شەرقىي تۈركىستاندا بىر كۈن ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشنىڭ قانچىلىك جاسارەت، قانچىلىك قۇربانلىق، قانچىلىك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى يارقىن ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى يىغلىتالايدۇ، ھاياجانغا سالالايدۇ، خىتاي زۇلمىنىڭ يەتكەن دەرىجىسىنى ئۇيغۇردەك بولمىسىمۇ، مەلۇم دەرىجىدە ھېس قىلدۇرالايدۇ. بۇ يەردە شۇنى پەرقلەندۈرۈش كېرەككى، دوكلاتلار زۇلۇمنى پاكىت، مەلۇماتلار بىلەن چۈشەندۈرەلەيدۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلارغا زۇلۇمنىڭ تەمى ۋە تەسىرىنى ھېس قىلدۇرالىشى ناتايىن بولىدۇ، ئەدەبىيات بولسا دوكلاتلار قىلالمايدىغان ئىشنى قىلىدۇ، يەنى ئوقۇرمەنگە ھېس قىلدۇرالايدۇ، شۇندىلا ئاشۇ ھېسسىيات ئوقۇرمەنلەرنى مەلۇم ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە ئۈندەيدىغان بىر كۈچكە ئايلىنىدۇ.

مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مۇھاجىرەتتە مانا مۇشۇ زۇلۇملارنى ئاڭلىتىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىنى يازىدىغان بىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى تارىخىي زۆرۈرىيەتتۇر. رۇسىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى ئالېكساندىر سولژېنتسىنمۇ دەل ئۆزىنىڭ « گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى»، « .ئىۋان دېنىسوۋىچنىڭ بىر كۈنى» دېگەندەك مەشھۇر ئەسەرلىرى ئارقىلىق سىتالىن دەۋرىنى يورۇتۇپ بەرگەن ۋە شۇ ئەمگەكلىرى بىلەن 1970- يىلىدىكى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنى نەچچە سولژېنتسىننى يېتىشتۈرگىدەك دەرىجىدە رەڭدار ۋە ئاجايىپ. تىرىشساقلا، ھىممەت كەمىرىنى باغلىساقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان بۇ ئىشقا سەل قاراش، قولىدىكى شەمشەردە پىياز ئاقلىغاندەك بىر ھاماقەتلىك ئ‍ىكەنلىكىدە شەك يوق. يەنە كېلىپ بۇنى ھەممە ئۇيغۇر قىلالايدۇ ھەم قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ھەممىمىزنىڭ سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز ئېچىنىشلىق ھېكايىلىرىمىز بار، سېنارىيە بولغىدەك كەچمىشلىرىمىز بار، بىز بۇلارنى يازماستىن قەبرىمىزگە ئېلىپ كەتسەك، ئامانەتنى جايىدا ئادا قىلمىغان مۇناپىقتەك جىنايەت سادىر قىلغان بولىمىز. خىتايغا قارشى ھېچ ئىش قىلالمىساقمۇ، بىزگە قىلغان، ئەتكەنلىرىنى بولسىمۇ يېزىپ قويۇش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان، باھانە كۆرسىتەلمەيدىغان ئەڭ ئەقەللى  بىر ئىشتۇر، بۇنىڭغا سەل قاراشنى ئاقلاپ بولغىلى بولمايدۇ.

يازالايدىغانلار يېزىشى كېرەك، يازالمايدىغانلار يازالايدىغانلارغا سۆزلەپ بېرىشى كېرەك. ھەتتا، چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدا يېزىشىمۇ شەرت ئەمەس، كىم قايسى تىلدا يېزىقچىلىق قىلالىسا شۇ تىلدا يازسا بولۇۋېرىدۇ. كۆرۈۋاتىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قولىدىكى پۈتۈن ئاخبارات، مېدىيا ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆتكەن نەچچە يىلدىكى جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن يوقالغان ئىناۋىتىنى قايتا تىكلەش، ئوبرازىنى ياخشىلاش، شۇنداقلا، يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچلىق، قۇل ئىشچىلىق قاتارلىق زۇلۇملىرىنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىنكار قىلىش مەقسىتىدە، پەۋقۇلاددە كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات جېڭى باشلىدى. ۋەتەندىكى مەشھۇرلار ۋە تور چۆلپانلىرىنى ئىشلىتىپ، پۈتۈنلەي يەپ – ئىچكەن، ئويناپ – كۈلگەن سىنلار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك كىشىلەر، شەرقىي تۈركىستاننى بولسا جەننەت قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى پۈتۈنلەي مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ دېمىسەكمۇ، يەنىلا مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنى قايىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىنكار قىلالمايمىز. بۇنداق ئەھۋالدا، خىتايدا ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ماھىرلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ رولى پەۋقۇلاددە بولىدۇ. مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى: مۇھاجىرەتتىكى بىر نەچچە يۈز، بىر نەچچە مىڭ ئۇيغۇر پەقەت ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىنىلا يازسۇن، چوقۇمكى، بۇ كەچمىشلەردە خىتاينىڭ زۇلمىدىن ئىبارەت بىر ئورتاقلىق بولىدۇ. باشقىلار بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا، بىر قانچە يۈز كىشىنىڭ بىرلىشىپ يالغان ئېيتمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، خىتايدىكى زۇلۇمنىڭ زادى قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان بولىدۇ، شۇندىلا دۇنيا خىتاينىڭ تەشۋىقات يالغانلىرىنىڭ بىر قىسمىغا بولسىمۇ ئىشەنمەس بولىدۇ. قىسقىسى، مۇستەملىكە ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ھازىرغىچە ئىشلەتمىگەن كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرىدۇر. ئاخىرىدا، شۇنى سوراش لازىم: زادى نېمىشقا يازمايمىز؟ بىزدە يوقى قەلەممۇ ياكى ۋىجدانمۇ؟ ۋە ياكى جاسارەتمۇ؟

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

2024-يىلى 30-نويابىر